پاناھ بېرىڭ خۇدايىم (ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى)
(ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى) كىلىتى يوق قۇلۇپتىن، قىرى يوق تۇلۇقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
مىتە چۈشكەن ئاشلىقتىن، گېپى تولا باشلىقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
سۈيى يوق تۈگمەندىن، تايىنى يوق دەردمەندىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
پۇت پاتمىغان ئاياغدىن، ناھەق يېگەن تاياقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
تەڭشەلمىگەن سازدىن، گېپىدە تۇرمىغان مازدىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
گېپى يوغان پوچىدىن، بەك ياسانچۇق نوچىدىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
چىگىت ئارىلاش پاختىدىن، گەپ خالتىسى ساختىدىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
ئەسكى ئاتنىڭ تورۋىسىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئوغرىسىدىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
پېلىكى قۇرىغان خەمەكتىن، ئېشىپ قالغان يېمەكتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
بۇزۇلغان خېمىردىن، داتلاشقان تۆمۈردىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم.
مەنبەسى: «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»5-قىسىم كىتابىدىن ئېلىندى. (داۋامى بار)
|