نۇرۇز تەبىئەتنىڭ ئويغۇنۇشى مۇ ؟ مەن يەنىلا نۇرۇزنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ مۇنبەرگە كەلدىم . بىزنىڭ نۇرۇزنى بىلىشىمىز تونۇشىمىز <<بايرام >> ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالسا بولمايدۇ ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك شارائىتتا . نۇرۇز تەبىئەتنىڭ ئويغۇنىشىمۇ ؟ بىز تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەسمۇ ؟ خوش نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىپ بولغانسىلە ، يەنىلا شۇ نۇرۇزنىڭ باھانىسىدا << ئويغان >>نىڭ داۋاسىنى قىلىپ كەلدىم . نىمىشقا نۇرۇزنى مەشىرەپ - سامالار بىلەن شىئېر - نەسىرلەربىلەنلا تەبىرىكلەپ تەبىئەت يىشىل تون كىيدى ، ھاياتلىق ئويغاندى ، زىمىسرتان كەتتى ، باھار كەلدى دەپلا مەدىھىلەپ بولدى قىلىمىز ؟ كىم بىلمەيدۇ ؟ باھار كەلسە دەرەخلەنىڭ يوپۇرماق چىقىرىپ ، قارلانىڭ ئىرىپ ، ھاۋانىڭ ئىللىيدىغانلىقىنى ، دىھقانلارنىڭ تىرىمنى باشلايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ ؟ تەبىئەت بايرىمى ؟ نۇرۇز تەبىئەر بايرىمىمۇ ؟ بۇ گەپمۇ قاملاشقان گەپ ، ئەمما سەللىمازا گەپ ئەمەس . تەبىئەتتە يالغۇز باھار ئۆزگۈرىشىلا بولامدۇ ؟ نۇرۇز تەبىئەتتە ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن بولغان بايراممۇ ؟ نۇرۇز سىز بىز بىلمىگەن نۇرغۇن مەنا مەقسەتلەرگە ئىگە بايرام . 1. ۋاقىت بايرىمى . نۇرۇز يىڭى بىر ۋاقىت ھالقىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ، يورۇق كۈننىڭ ئۇزۇراش ، زۇلمەت كۈننىڭ قىسقىراشقا قاراپ ئاتلانغان باش پەللە سىزىقى . ۋاقىتنى ھەممىدىن چىڭ تۇتۇپ پۈرسەتنىڭ پەللىسىگە يىقىن تۇرۇشنى ئۇلۇغ بىلگەن ئەجداتلىرىمىز شۇنداق بىر خىسلەتلىك كۈننى تاللىدىكى بۇ كۈن ۋاقىتتا ئادىللىق بولىدىغان ، كىچە - كۈندۈز تەڭلىشىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈن ، ۋاقىتنى يىڭىدىن تونۇش <<يىلنىڭ بىشى باھاردىن >> ، يىڭىدىن باشلانغان يىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش ( يىڭى ئۇقۇمى ئاددى بولمىسا كىرەك ) بۇ بايرامنىڭ ئەڭ ئاۋالقى سىگىنال يىڭى يىل قوڭغۇرىقى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى . 2. جەم بولۇش بايرىمى . ئەل جامائەت كەڭرى سورۇن قۇرۇپ يىلدا پەقەت بىرلا كىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى كۆلەمدىكى جەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇ . يىراق - يىقىنلاردىن ھە ركەسىپنىڭ ئۇستازلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزئارا ئەسرا لىشىدۇ ، پالىۋانلار چىلىشىدۇ ، چەۋەندازلار ئوغلارق تار تىشىدۇ ، شائېرلار نەزمىلىرىنى مۇشائىرە قىلىشىدۇ ، ئەل ئىچىدىكى سازەندىلەر مەشىرەپ -ساماغا چۈشىدۇ ، يىڭى - يىڭى ھۈنەر ئىجاتچىلىرى ئۆزىنڭ ماھارىتىنى ئەلگە تارىتىدۇ ، ئەل مۆتىۋەرلىرى خەلىقنىڭ كەلۈسى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ ، قەۋىم ئۆزىنى بلىدۇ كۆرۈدۇ . 3. ئويغۇنۇش بايرىمى . بىزدە<< كۆپنى كۆرگەن ، كۆپ بىلەر>> دەيدىغان گەپ بار ، نۇرۇزدا دىھقان -چارۋىچىلارلا ئىش ئەمگەكنى باشلامدۇ ؟ بىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن ئالەم شۇمۇل ئىشلار بەلكىم نۇرۇزنىڭ خاسىيىتى ئاستىدا باشلانغان بولىشى مۇمكىن ،بۇندىن كىيىن شۇنداق بولغۇسى ! نۇرۇزدا پەقەت تەبىئەتلا ئويغۇنامدۇ ؟ تەبىئەت بىلەن ئۆزىنى بىر گەۋدە قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئەقىل پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز بۇ كۈننى پەقەت ھاۋا ئىللىدى دەپلا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس ، بۈتۈن قەۋىمنى خىسلەتلىك ۋاقىت ئاستىغا جەم قىلىپ ئويغۇتۇش نىيىتى بىلەن بۇ بايرام مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا ھەقلىق مىز . 4. ساخاۋەت بايرىمى ، بەركەت بايرىمى . چوڭ قارزاندا نۇرۇز ئىشى ئىتىلىدۇ ،ئەل خالايىق ئۇنىڭغا ئىغىز تىگىدۇ ، ئۇ ئاشنى نىمىشقا نۇرۇز ئىشى دەيدۇ ؟ ئۇنىڭ تەنگە قۇۋەت ئىلىپ كىلىشىلا كۆزدە تۇتۇلماستىن بەلكى روھقا ۋاقىت ئىڭى ، ئۆملۈك ئىڭى ، ئويغۇنۇش ئىڭى ، ساخاۋەت ئىڭى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى نۇرۇز ئىشى دەيدۇ ، ئاش يىدىم دىەەن بىلەن نۇرۇز ئىشى يىدىم دىەەننىڭ پەرقى ئوخشاش ئەمەس ، كەپە بىلەن ساتمىنىڭ مەنىسى ئوخشىمىغاندەكلا . بەركەت ئىلىپ كىلىدىغىنى نىمە ؟ ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ئۆم - ئىناق بولۇش ، يىڭى ئويغاق بولۇش ، ساخاۋەلىك بولۇش ، ئەلنى سۆيۈشتىن بەركەت كىلىدۇ . قۇدىرەتكە ئىرىشىشنىڭ ھەممە نىشانى نۇرزدا تىپىلىدۇ ، شۇڭا نۇرۇز ئۇيغۇر بىلەن بىللە تەڭ ياشاپ كەلمەكتە . نۇرۇز ھەر گىزمۇ ئادەتتىكى تەبىئەت بايرىمى ئەمەس ، ئۇ قاردا قارلىق تاشلىغانغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بايرام .
مەنبەسى : تۈن خىياللىرى |