خۇاشوۋ شىركىتى «بامبۇك »خاتىرە كومپىيۇتېرىنى بازارغا سالىدىكەن
يېقىندا خۇاشوۋ شىركىتى «بامبۇك»خاتىرە كومپىيۇتېر u6v نى بازارغا سالىدىكەن . بۇ خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ قېپى ئەلا سۈپەتلىك تۈكلۈك بامبۇك ياغىچىدىن ياسالغان بولۇپ ھەربىر «بامبۇك»خاتىرە كومپىيۇتېرى مەلۇم دەرىجىدە كوردلاشتۇرۇلغان ئىكەن ، بۇ كومپىيۇتېر مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى پۇتۇن دۇنيادا بازارغا سېلىنىدىكەن سېتىلىش باھاسى 25988 يۈەن .
خۇاشوۋنىڭ ئالاقىدار خادىمى «بامبۇك »خاتىرە كومپىيۇتېرu6v نىڭ قېپى تەيۋەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك تۈكلۈك بامبۇك ياغىچى بىلەن مېتال قېتىشمىنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغانلىقىنى ، بېسىمغا ، سۈركىلىشكە ، نەملىككە چىداملىق ، سوغۇق ۋە ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى