13 نەپەر جۇڭگولۇق ئىشچى روسىيەنىڭ Penza ئوبلاستىدا كاربون چالا ئوكسىد گازىدىن تىن زەھەرلەندى
جۇڭشىن تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى روسىيە تورىنىڭ 25 -چىسلادىكى ئۇنۋىرسال ئاخبارات دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا ، روسىيە Penza ئوبلاستىدىكى ساقچىلار نۆۋەتتە 13 نەپەر جۇڭگولۇق ئىشچىنىڭ كاربون چالا ئوكسىد گازىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۋىتىپتۇ .
روسىيە قانۇننى قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىر مەلۇماتچىسى بىلدۈرۈپ ، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ، Penza شەھەر ئەتىراپىدىكى بىر كونا مېھمانخانىدا 13 نەپەر جۇڭگولۇق ئىشچىنىڭ ھۇشسىز ھالەتتە ياتقانلىقى بايقانغان ، بىلىشىمىزچە ئاشۇ مېھمانخانىدىكى ياتاق ئۇلارنىڭ تۇرار جايى ، دىگەن .
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، زەھەرلەنگەن بۇ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى تىككۈچىلىك سېخىدا ئىشلەيدىغان بۇلۇپ ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىشچىلار ماتۇرلۇق ئىستانوكتىن چىققان كاربون چالا ئوكسىد گازىدىن زەھەرلەنگەن.
زەھەرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھۇشىغا كەلگەن بۇلۇپ ، بىر قىسىملىرى ھېلىمۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋىتىپتۇ .
http://news.qq.com/a/20090326/000308.htm[ بۇ يازما arkinlik. تەرپىدىن2009-03-26 16:28دە قايت ]