دادام باغراش كۆلى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەن . بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئىچىدە مەن بەكەرەك ياقتۇردىغنى باغراش كۇلى ئاستىدىكى سىھىرلىق ساندۇق ھىكايسىى . رىۋايەت قىلىنىشچە بۇندىن ئۇن مىڭ يىللار ئىلگىرى دەۋزەققە ھۆكۇم ئىتىلگەن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىكى تاجاۋۇزچى مەخلۇقلار بۇ زىمىندىكى ئىنسانلارنى ھالاك قىلۋەتمەكچى بۇلۇپ شىددەت بىلەن يۇپۇرلۇپ كېلىدۇ .بۇ ئەھۋلنى سىھرى ھىكىمىتى بىلەن بىلىپ تۇرغان ئۇلۇق ئەجداتلىرمىز ئىچىدىكى سىھىريەت ئالىملىرى بۇ شەھەردىكى بارلىق ياشانغان بوۋايلار ،ئاياللار ۋە بالىلارنى بىر كىچىك ساندۇققا ھىكىمەت بىلەن كىردۇرۇپ ئاغزىنى ھىم ئىتىپ ، ئاندىن كەڭ زىمىنگە « ئى زىمىن باغرىڭنى ئاچ » دەپ خىتاپ قىلىپتۇ .زىمىن يېرلىپ بىپايان كۆز يەتكۇسىز بىر ئازگال پەيدا بۇلۇپتۇ .سىھرى ھىكىمەت ئالىملىرمىز بۇ بىپايان ئازگالغا ھىكمىتى بىلەن سۇ توشقۇزۇپ ھېلقى كىچىك ساندۇقنى سۇ توشقكازغان بىپايان كۆلنىڭ تىگىگە يۇشۇرۋېتپتۇ . بۇ دەل ھازىرقى « باغرىڭنى ئاچ » يەنى باغراش كۇلىكەن . دەۋزەققە ھۆكۇم ئىتىلگەن غەلىتە تاجاۋۇزچى مەخلۇقلار بۇ زىمىندىكى بىپايان سۇلارنى كۆرۇپ ئادمزاتنى تاپالماي ئۇرۇش خۇمار رەزىل ۋۇجۇدى ئۇممۇدسىزلىنىپ تۇرۇشغا بۆكتۇرۇلگەن ياشلار « بۇ نىجىزلارنى زىمىنمىزدىن قوغۇلۇۋىتەيلى ،تۇپرۇغمىز ،زەرچە توپۇمىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاياق ئاستىدا دەسسەلمىسۇن ، ۋەتەننىڭ پاكلىغى ، مۇھىتمىزنىڭ ساپلىغى ،خەلقمىزنىڭ ئەمنلىگى ئۇچۇن جېنمىز پىدا » دەپ كۇرەشكە ئاتلىنىپتۇ . دەۋزەققە ھۆكۇم ئىتىلگەن ياۋۇز غەلىتە مەخلۇقلارمۇ پۇتۇن كۇچنى ئىشقا سېلىپ خىل قۇراللىرنى جابدۇپ جەڭ قىلىپتۇ ،سىھرى ھىكمەت ئەپسۇنلۇرنى ئۇقۇشۇپتۇ .ئەجداتلىرمىزنىڭ سەرۋازلىرمۇ بوش كەلمەي سىھرى ھىكمەت ئەپسۇنلار بىلەن ياۋۇز مەخلۇقلارنىڭ ئەپسۇنلىرنى ياندۇرۇپتۇ .شۇنداق قىلىپ ياۋۇز مەخلۇقلار زىمىندىن چىكنىپ قېچىشقا باشلاپتۇ . ئەجداتلىرمىزدىن جەڭگىۋار ياشلىرنىڭ بىر قىسمى بۇ زىمىنن مۇداپە قىلىپ كۆل بۇيدا قېلىپ قاپتۇ . قالغان جەڭگىۋار قۇشۇن بىلەن ھىكمەت ئالىملىرى ئۇچار ماشنلىرغا ۋە سىھريەت ھاسىللىرغا ئولتۇرۇپ ياۋۇز مەخلۇقلارنى قوغلاپتۇ ،رىۋايەت قىلىشچە يەۋۇز مەخلۇقلارنى زىمىنگە يېقىن يولاتماسلىق ،بۇ پاك زىمىننى بۇلغاتماسلىق ئۇچۇن ياۋۇز مەخلۇقلارنى چوڭقۇر ئالەم بوشلۇغدا توختىماي قوغلاۋاتقان جەڭگىۋار قۇشۇن بىلەن ھىكمەت ئالىملىرمىز زىمىندىكى ئۆز خەلقىنى قوغداش ئۇچۇن تا قىيامەتكىچە ياۋۇز مەخلۇقلارنى قۇغلاپ جەڭ قىلىدىكەن . دادامنىڭ ئېيتىپ بىرشچە كىچىك ساندۇققا بەنىت قىلىنغانلار كىچىك ساندۇق تىلسىمنى يېشىدىغان ئىلمى ھىكمەتلىك ئالىم بوۋۇللۇرمىز قايتىپ كىلىپ تىلسىمنى يەشمۇگىچە شۇ كىچىك ساندۇق ئىچىدە تاشقى مۇھىتىن ئايرىلغان ھالدا تا قىيامەت كۇنگىچە بىخەتەر ياشايدىكەن .
لېكىن دادام ئېيتىپ بەرگەن بۇ رىۋايەت ئىسمگە كەلسىلا كۆڭلۇم بەك بىئارام بولۇدۇ . چۇنكى بۇ زىمىنمىز ئىنسانيەت تارىخدىكى ئەڭ ۋەھشىيانە بۇلغۇنۇش تالان تاراجلىققا ئۇچۇردى . باغراش كۆلنىڭ بىپايان سۇلۇرمۇ ھازىر يىلدىن يىلغا قۇرۇپ قوغداش سىگنالدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى .شىنجاڭ راديۇ ئىستانىسدا بىرلگەن بىر ماقالىدا 60- يىللىرى ئۇيغۇر ئىلنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپەرەك زىمىنى يېشلىق بۇلۇپ ھازىر يېشلىق كۆلمى 20 پىرسەنگە چۇشۇپ قالغان ،دۇنياغا مەشۇر مىۋە چىۋىللىرمىز بۇلغۇنۇش سەۋەبدىن پەژمۇدا بۇلۇپ قالدى . خوتەن ،قەشقەردىن باشلاپ تۇرپان، قۇمۇلغىچە يىل بۇيى قۇم بۇران ئاپتىگە ئۇچراپ قۇملاشقان رايۇن كۆلمى شىدەت بىلەن كېڭيىپ بېرۋاتىدۇ دەپ ئۇقتۇرغان. « شىنجاڭ خەلىق رادۇيۇ ئىستانىسىادىن بىرلگەن بۇ ماقالىنى بىلىدغانلار بولسا تۇرغا يوللاپ قۇيغان بۇلساڭلار .ئاللا رەھمەت قىلسۇن » . بۇ يىل قىشتا يۇرتىمىزدا نەچچە رەت سۇنئى قار ياغدۇرۇش ئۇچۇن ئاسمانغا ئايرۇپۇلاندىن دۇرا چاچقان بولسىمۇ بىر تېمىمۇ قار ياغمىدى ،ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاتمۇسپىرا قاتلىمنىڭ ئۆز ئۆزنى تۇلۇقلاپ زىمىنگە سۇ « ھاياتلىق » بىرىش ئىقدىداردىن قالدى . چۇنكى بۇ زېمىن بەك چارچاپ كەتتى .ۋاستە تالىماستىن ئېلىپ بېرىلغان غەرپنى ئېچىش شۇئارى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھالىنى قويمىدى . ئىلگىركى كۆپ كۆك ئاسمان ئەمدى توپا چاڭغا كۇملۇپ ھەر خىل سىناقلاردىن قالغان زەھەرلىك تۇمانلار بۇ زېمىننىڭ ۋارسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى سەپ بۇيچە كۇنلىگى نەچچە مىڭلاپ سوت سۇراقسىز يېشىل قىرلىش لاگىردىن ئۇن تىنسىز ،تىۋىشسىز ئۆتۇشكە مەجبۇرلاپ جىددى تىزلىكتە ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتتى . ئۇلم يىتىم كىشنى چۇچۇتكىدەك دەرجىدە ئاينىپ كەتتى .نۆۋەتتە يەر ئاستى سۆينى تۇك ماشنلىرى بىلەن ئۇمۇمى يۇزلۇك سەپ بۇيچە تارتىش قۇرلۇشى تاماملىنىپ نۇرغۇن سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەر رەت بۇيچە تارتىلغان قۇدۇقتىن چىقرىلغان سۇ بىلەن توشقۇزلۇپ سۇ ئېقىپ تىزدىن ھەركەتكە كەلدى . يەر ئۇستى سۇ مەنبەسى ئۆزنى تۇلۇقلاش ئىقتىداردىن قالدى. ئەمدى زىمىن ئۇساپ چاقىغاننىڭ ئۇستىگە يەر ئاستىدىكى سۇلارنى پەۋقۇلاددە كۆپ قۇدۇقلار بىلەن ماشىندا تارتىشى ئۇيغۇر ئلىنىڭ تېخممۇ يامان ئېچنىشلىق پاجىەسنى كۆز ئالدىمىزدا مانا مەن دەپ نامايەن قىلىپ تۇرماقتا . ئۇيغۇر ئىلدىكى ھەقىقى قىيامەت ئەمدى باشلاندى .شىنجاڭنىڭ ھەسرەتلىك كۆز يېشى قۇرۇپ تۇگدى چۇنكى شىنجاڭ چارچاپ، ھالسىزلىنىپ ، سىزملىرنى يوقتۇپ ئاستا ئاستا كۆز يۇمۋاتماقتا ، بىزنى بېقىپ باغرىنى كەڭ ئېچىپ كىلۋاتقان بۇ مۇقەددەس زىمىنمىز ئاللا ،ھەققانىيەت ئالدىدا ئاخىرقى سوتنى كۇتۇش ئۇچۇن ھازىرلانماقتا .
[ بۇ يازما tarim-borini تەرپىدىن2009-04-13 23:32دە ق ]