بىزنىڭ يەنە مۇشۇنداق پەرىشتە سۈپەت قىزلىرىمىز بار
مەن تۆۋەندىكى تورداشنىڭ ئابدۇكېرەم ئابلىزغا بېلەت تاشلاش توغرىسىدىكى تېمىغا يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ، بۇ تېمىنى يوللاش قارارىغا كەلدىم.
Quote:
بۇ مەزمون84قەۋەتتىكىhayratniyazنىڭ2009-04-12 01:46 PM دە يوللىغان يازمىسى :
تورداشلار ياخشىمۇسىزلەر !مەن بىر مۇخبىر ھەمدە ئوبزۇرچى.
مەن بۇ 32نامزاتنىڭ تەرجىمالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، بۇ 32نەپەر نامزات ئىچىدە زاھىدە تۇرسۇن بۇ قىتىمقى باھالاشقا كىرگەن بىردىنبىر جەمئىيەت تەشكىلات كۆرسەتكەن ئەل ئارىسىدىكى بىر ئادەتتىكى مۇنەۋۋەر ياش ئىكەن .( باشقا 31نەپەر نامزاتنى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومتىتى كۆرسەتكەن ئەھۋالغا ئوخشمايدۇ) كەسپى تىلدا دېگەندە زاھىدەتۇرسۇن ھازىر خەلقئارا زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىدىكى ئەل ئارىسىدىكى بىر نەمۇنىچى ئىكەن . بۇ قىزچاقنىڭ 32نەپەر نامزات ئىچىدىگە كىرگىنى شىنجاڭدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنىڭ ئىغىرلىقىنى، ھۆكۈمەت ئۆرگانلىرىنىڭ بۇ خىزمەتكە قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە ئەلئارا تەشكىلات ئىلغار خادىملىرىنى ئالاھىدە قوللىغانلىقىنى بىلدۇرگەنلىكتىن سىرت، بۇ ئىش ئاخبارات قاتارلىق مۇھىم ئەھمىيىتىنى ۋە مەزمۇنىنى بىلدۇرىدۇ .
بۈگۈن 13-چىسلا قارىسام ئۇيغۇرلاردىن زاھىدەنىڭ نەتىجىسى ئىككىنچى ئورۇندا ئىكەن. 10135 نومۇر بىلەن. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكاش بەش مىڭ نەچچە يۈز نومۇر بىلەن خېلى كەينىدە ئىكەن. 许洪基 بىرىنچى ئورۇندا ئىكەن. بېلەت سانىدىكى گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە زاھىدە نى قوللىساق بولىدىكەن. بولمىسا ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق دەپ. ئاۋاز سانىدا ھېچكىم نەتىجىگە ئېرىشەلمىگۈدەك. ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
مېنىڭچە ئەمدى ئابدۇكېرىم ئاكىنى قوللاش تېمىسىنىڭ تېما ئىسمىنى< 28-نومۇرلۇق نامزات زاھىدە گە بېلەت تاشلاڭ> غا ئۆزگەرتىدىغان چاغ كەلگەن ئوخشايدۇ.
شىنجاڭ ياشلار 4- ماي مىدالى شىنجاڭدىكى تەسىرى ئەڭ زور بولغان ھەر ساھەدىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئىلغار ياشلارنى تاللاپ چىقىدىغان پائالىيەت بولۇپ بۇ قېتىمقى نامزاتلارغا بېلەت تاشلاش پائالىيتى 2009- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە پەقەت 10 كۈن بولۇپ توردا بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساس بولىدۇ .
بۇ قېتىمقى نامزات 32 ئادەم بولۇپ بۇنىڭ ئېچىدىن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ياشلار تاللاپ چىقىلىدۇ ۋە 4- ماي مىدالىغا ئىرىشىدۇ . مەن بۇ نامزاتلار ئارىسىدا شۇنداق بىر خەلق قەلبىدىكى ئۈن-تىنسىز پەرىشتىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن: ئۇ 28 -نومۇرلۇق ماھىر-زاھىدە تۇرسۇن. ئەمىسە ئۇنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە قاراپ باقايلى:
زاھىدە تۇرسۇننىڭ ئىلگىرى ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى:ئېرىشكەن نەتىجىلىرى : 2002 2003 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ›› بولۇپ باھالانغان . 2002 2003 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار كادىرى ››مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2003 2004 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە 3 دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2003 2004 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت دوكلات بېرىش سەنئەت پائالىيىتىدە ‹‹مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى›› بولۇپ باھالانغان . 2004 2005 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت پائالىيىتىدە ‹‹مۇنەۋۋەر شەخس›› بولۇپ باھالانغان . 2007 يىلى 6 ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن تۈزۈم ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلغۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن . 2008 يىلى 4 ئاينىڭ 30 كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر جۇڭگو پىدائىيسى›› بولۇپ باھالانغان . 2009 يىلى 1 ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر زەھەر چەكلەش پىدائىيسى ›› نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن .
قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى:
زاھىدە تۇرسۇن ، ئايال ، ئۇيغۇر ، 1982 يىلى 7 ئايدا تۇغۇلغان . تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە ، ئىتتىپاق ئەزاسى ، ھازىر شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تور بېكىتىنىڭ مۇدىرى .
ئىش پائالىيەتلىرى :
زاھىدە تۇرسۇن ، 2006 - يىل 11 - ئايدىن باشلاپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان . ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنىڭ قانۇننى ۋەكىلى بولدى . مەملىكەتلىك 2 نۆۋەتلىك ئون چوڭ خەلق ئارىسىدىكى زەھەر چەكلىگۈچى ئەخمەت قۇربان بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يېزىقتىكى زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تورىنى قۇرغان ۋە بۇ تور بېكىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى . 2 يىلدىن بۇيان ، بۇ تور بېكەت ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئالىي ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئېلىپ بارغان 28 مەيدان نۇتۇق سۆزلەش يىغىنىدا لىكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 60000مىڭدىن ئارتۇق ئادەم( قېتىم ) ئاممىنى قوبۇل قىلدى ۋە 1478 نەپەر زەھەرنى چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلىرىنى تەربىيلىدى . ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2007 يىلى ئاپتونوم رايوندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ئارىسىدىكى زەھەر چەكلىگۈچىلەرنىڭ نوتۇق سۆزلەش ئۆمىكى بىلەن سەييارە نوتۇق سۆزلەش خىزمىتىگە قاتناشتى . 2008 يىلى 8 ئايدىن 12 ئايغىچە ، 6 قېتىملىق يەرشارى فوندى ئەيدىز كېسىلى تۈرى شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پۇنكىتىنىڭ تۈر دىرىكتورى بولغان مەزگىلىدە، زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئائىلىسىگىچە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ بىر قاتار خىزمەتلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . 2009 يىلى 1 ئايدا شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تور پۇنكىتى 6 قېتىملىق دۇنيا فوندى ئەيدىز كېسەللىرى تۈرىنىڭ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دىرىكتورلىقىنى داۋاملىق ئۆتىگەن.
شۇنى ئۇنۇتماڭ: بىزگە ھازىر مۇشۇنداق ئوت يۈرەك، ئۆزىنى ئۆز خەلقىگە ئاتالىغان قىز-ئوغۇللىرىمىز كېرەك !
بېلەت تاشلاش ئادرىسى:
خەنزۇچە : http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=2
ئۇيغۇرچە: http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=2&langauge=uygur
ئېسىڭىزدە بولسۇن ، زاھىدە تۇرسۇن 28-نومۇرلۇق نامزات. يەنە بىر ئىش، باشقا تورداشلارمۇ دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كىيىن بېلەت سانىدا دەرھال ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. 30 مىنۇتتىن كىيىن ئۆزگىرىدىكەن، خاتىرجەم تاشلاۋىرىڭ. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىلگىرلىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.[ بۇ يازما sirlik-dala تەرپىدىن2009-04-14 14:08دە قا ]