جۇڭشىن تورى خەۋىرى:(خەۋەر ئەسلىي مەنبەسى
http://www.chinanews.com.cn/gj/news/2009/05-01/1672680.shtml)
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مېكىسىكىدىن جاھانغا تارقىلىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىك نامىنى،يەنى«ئادەم يۇقۇملىنىدىغان چوشقا زۇكىمى»دەپ ئاتاش ئۇسۇلىنى30-ئاپرىلدىن باشلاپ«
H1N1)A)تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام»(بۇ بىر نەپەس يولى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ چوشقىلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ) دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتتى.چۈنكى بۇرۇنقى ئاتاش ئۇسۇلى كەڭ ئىستىمالچىلاردا(تەرجىمان ئىلاۋىسى:ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ بۇ گەپنى)چوشقا گۆشى مەزكۇر كېسەلنى يۇقتۇرىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە ،«H1N1)A)تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام»نىڭ ئادەتتە ئىنسانلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئاز بولىدىكەن،بىراق بۇ قېتىمقىسى چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىدىن ئۆزگەرگەن يېڭى تىپ ئىكەن.ھازىرغىچە چوشقىغا يۇقۇپ كېسەللىك قوزغاتقانلىق خەۋىرى ئاڭلانمىغان.چوشقىلاردا يۈز بەرگەن تەغدىردىمۇ چوشقا ئۆلمەيدىكەن. شۇڭا «ئادەم يۇقۇملىنىدىغان چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى»(人感染猪流感病毒)دەپ ئاتاش سەل نامۇۋىپىق ئىكەن.
مېكسىكىدىكى 30-ئاپرىلغىچەH1N1)A)تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامدىن كېسەللەنگەن دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن(سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنىڭ مەنبەسى:
بۇ يەردىن كۆرۈڭ) ئادەم سانى91(ئېنىق مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ياكى گۇمانلىق دەپ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن ئادەم سانى159) بولۇپ زور كۆپ قىسىمى ياشلار ئىكەن،دېمەك بۇ ۋىرۇس تېنى ساغلام كىشىلەردىمۇ ئوخشاشلا تېز كېسەللىك قوزغىتالىغان.
قوشۇمچە:شۇڭا گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى چوقۇم مايدا ياكى سۇدا ئۇزۇنراق پۇشۇرۋەتكەندە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كىشىلەردە كېسەللىك قوزغىتىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
[ بۇ يازما Erdewil تەرپىدىن2009-05-01 19:19دە قايتا ]