پۈتكۈل ئۇيغۇر تىبابىتنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە ، بەزى مۇناپىقلار ئۇيغۇر تىبابىتىمزىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خەلكقىمىزنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاقىۋەت تىبابىتمىزنى ئۇيغۇر تىبابىتى ئەمەس بەلكى <<ئوغرى تىبابىتى >> قىلىۋاتىدۇ . خەلىقىمىز ئارىسىدا ئۇيغۇر تىبابىتمىزگە ئىشەنمەسلىك ،ئۇنىڭدىن قېچىش تۇيغۇسى شەكللىنىپ قالماقتا ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئەنە شۇ << تۇمۇرچى>> لارنى تۇسۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ ئىش ھەربىر ئۇيغۇر تىبابەت ھەۋەسكارلىرى ۋە كەسەپكارلىرىنىڭ ئويلىنشىغا تىگىشلىك مەسىلە.
ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەرقانداق مىللەت تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن چۇقۇم باشقا مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن مەلۇم نىسبەتتە قۇبۇل قىلىشى تەبىئى . جاھاندا ھىچقانداق مۇكەممەلىلىك مەۋجۇت ئەمەس ، سىز دىگەندەك ئۇيغۇر تىبابەتچىكلىكى باشقا قوشنا ئىسلام تىبابەتچىلىكنىڭ مەلۇم بىر قىسملىرىنى ئۆزىگە قۇبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نەزەريە ۋە ئەمەلىتچانلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيتىقان خالاس. ئەمما مۇقەررەر ھەممە قىسمىلىرىنى باشقىلارنىڭ دىيىش بىر كەسىپ مىراسخورى بولغان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاقىلانىلىك ئەمەس . تارىخى ماتىرياللىرىنى كۈرۈڭ. سىز ئۇيغۇر تىبابەتچىكلىك مەيدانىدا ئەمەس باشقا مىللەت تىبابەتچىلىكى مەيدانىدا تۇرۇپ شۇ تىبابەتچىلكىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆزىتىپ ئىزدىنىپ بېقىڭ. ئۇلار ئۇيغۇر تىبابەتچىلكىدىن قانچىلىك نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز كەسپىنى قانچلىك بېيتقان ،ئۇيغۇر تىبابەتچىلكى ئۇلارنىڭ تىبابەتچىكى ئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەنمۇ يوق؟ئۇلار بىز مىرسخورلۇق قىلۋاتقان .ۇيغۇر تىبابەتچىلكىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن قۇبۇل قىلغانمۇ يوق؟ ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تىبابەتچىكىنى نىمە دىيىش كېرەك . ئۇلار بىزنىڭ ھۈنەرلىرىمىزنى ،بىلىملىرىمىزنى قۇبۇل قىلغاندىنكيىن ئۇلارنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلىمىنى ئۇيغۇرنىڭ دىيىشكە ھەقلىقمۇسىز ؟!
ئويلاڭ ، ئۇيۇغۇرنىڭ خەققە ئۈتۈنۈپ بەرمىگەن يەنە نىمىسى قالدى ؟ بۇلارنىمۇ خەقنىڭ دىيىشكە ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ تىلى كۈيىدۇ . ئۇنداقتا مەھمۇت قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى كىمنىڭ ، ؟
توغرا ئېيتقىنڭزدەك ئۇيغۇر تىبابەتچىلكىمىزىدكى نۇرغۇن سۆز-ئىبارە ،ئاتالغۇلار ئەرەپ ،پارىس تىللىرىدا ئاتىلدۇ تا ھازىرغىچە شۇنداق ،ئەمما مالۇم بىر خىل تىل بىلەن ئاتالغان نەرسە چۇقۇم شۇ مىللەتكە تەۋە دىگىلى بولمايدۇ. تارىخ ماتىرياللىرىنى ئوبدان ۋاراقلاپ كۈرۈڭ. شۇ دەۋىرلەردە ئەجداتلار يەنى ئۇيغۇرلار ئەرەپ ،پارىس تىللىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغانمۇ يوق. مانا شۇنىڭدىن كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئۇيغۇر تىابىتىمىزىدكى ئاتالغۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشۇ يات مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئاتىلدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە يېغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. 1. ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئۆزمەدىنيىتىگە يەنى ئۆز تىبابىتىنىڭ ئاددى قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ ئەرەپ ،پارىس ،يۇنان تىبابەتچىلكىنىڭ جەۋھەرلىرنى مەلۇم نىسبەتتە قۇبۇل قىلىپ ئۆز كەسپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان شۇ سەۋەبلىك بەزى ئاتالغۇلار ئاشۇلارنىڭ تىلىدا ئۆز پېتىدا تىلىمىزغا يەنى تىبابەتچىكىمىزنىڭ ئىچكى قىسملىرىغا سىڭىپ كىرگەن.2. شۇ قەدىمى دەۋىردە ماكان، زامان ، شارائىت ، ئىجتىمائى ئالاقە قاتارلىقلاردا تىللاردىن مەلۇم نىسبەتتە قۇبۇل قىلىنىش تەسىردە تىابىتىمزىدكى ئاتالغۇلار شۇنداق ئاتالغان .
گەپنىڭ قىسقىسى باشقا تىلدا ئاتالغان سۆز بولسىلا ئۇنىڭ مەدەنيتىنىڭ مەنبەسى ۋە يىلتىزى شۇ مىللەتكە خاس دىگىلى بولمايدۇ. سىز ئېيتقاندەك ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئىسلام تىبابىتى دىيىش سەل ئاقىلانىلك ئەمەسمۇ قانداق ؟ ئىسلام تىبابىتى دىگەن چوڭ بىر تىبابەت ئائىلىسى ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئىنچىكە قىسملارغا بۈلىندۇ. ئەمما ھەربىر تىابەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلقى ۋە ئوخشىماسلىقى بار .ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە دۆلىتىمىزدە جۇڭيى تىبابىتنىڭ ئىچىگە يەنە مۇڭغۇل تىبابىتى ،زاڭزۇ تىبابىتى ، ئۇيغۇر تىبابىتى قاتارلىقلارنى قۇشۇپ ھەممىنى جۇڭيى تىبابىتى دەپ سىزگە ئوخشاش ئاتايدىغانلار بار ، بۇ مەدەنيەتنى چۈشەنمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ قانداق .؟ ئەمما بىز ئۇيغۇرلار تۇرۇپ تۇرايلى باشقا زاڭزۇ،قازاق قاتارلىق تىىبىبى كەسىپكارلىرىدىن سوراپ بېقىڭ . ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ مەدەنيىتىنى قانچىلىك قۇبۇل قىلغان ، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىندىغان تىبابىتىنى خەقنىڭ دەمدىكەن ياكى بىرسى خەقنىڭ دىسە ئۇلار شۇنداق دىيەلەمدىكەن . سىز يىقننى ئەمەس قەدەمى دەۋردىكى تىبابەت تارىخىنى ئۆگىنىڭ . بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس.
مەزكۇر تىما بىر نەچچە كۈن ئالدىدا زەمزەم تىبابەت تور بېكتىمزىدە مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى. بىكىتىمىز ئەزاسى ئەبرىشىم شەبنەمگە يوللاپ ناھايتى ياخشى قىلىپتۇ. يۇقارقى پىكىرىم بولسا ئەينى ۋاقىتتا يېزىلغان پىكىر بۇلۇپ بىۋاستە يوللاپ قويدۇم . مۇلاھىزە مەنبەسى
http://xjzamzam.com/bbs/read.php?tid=236