بۇنداق بولىشى ئىنىق!ھاكىميەت بىشىدىكى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان مىللەت ئاز سانلىق ھىساپلىنىدىغان باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدۇ...
مىللىي زىدىيەتلەر دەل مۇشۇنىڭدىن كەپ چىقىدۇ،ھاكىميەت بىشىدىكى مىللەت ئارقىدىنلا ھەرخىل سىياسى ئويۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ خەلىقئارانىڭ تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش چاقىرقىدىن پايدىلنىپ ئازسانلىق مىللەتتىن چىققان تەڭسزلىككە چىداپ تۇرالماي ئىككى ئىغىز ھەق گەپ قىلغان كىشىلەرگە تىرورچى دىگەن قالپاقنى كەيدۈرپ قويۇپ،ئۆزىنىڭ سىياسى مەقستىگە يىتىپ،ئۆز ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولىدۇ...
بىراق زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق بولغانغا ئوخشاش مىللەتلەر ئارا زىددىيەت مەڭگۈ تۈگىمەي كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقىدۇ،بۇ خۇددى تۇخۇمنى قانچە سىقسا،چىقىلىپ ئالقان ۋە بارماقلار ئارىسىدىن شۇنچە تىز ئىقىپ چىققانغا ئوخشايدۇ...ئاخىرىدا بۇ شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىڭ سۈرئىتىنڭ ئاستىلشىغا ۋە خەلىقئارادىكى ئوبرازىنىڭ خۈنۈكلىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ......
دىمكوراتتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرمىگەن دۆلەت ئاخىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ...چۈنكى بۇنى تارىخ ئىسپاتلاپ بولغان...........
چۈنكى ئىقتىساد پەقەت باراۋەر ئاساسىتىكى دىمكوراتتىيە ۋە قانۇننىڭ توغرا ئىجرا قىلنىشى ئاساسىدىلا ھەقىقىي تەرەققىي قىلالايدۇ...
ئۆز مىللىتىنڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئىگە بولالماسلىق، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك قاتارلىقلار پەقەت ئىقتىساتنىڭ ئىككىلەمچى تەرەققىياتىدىنلا ئىبارەت...(ساغلام بولغان ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەمەس دىمەكچى)
[ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-05-28 20:59دە قايتا ]