بۇلبۇل بولۇپ ئۆتكۈم بار ئىدى
بۇلبۇل ئىدىم ئەسىرلەر بېرى ،
بۇلبۇل دەيتتى مىنى ھەر بىرى .
بىرى دەيدۇ مىنى قۇزغۇن بول ،
ئەمما بۇلبۇل بولغۇم بار ئىدى .
شۇنچە خۇشال بولبۇللار ئىدۇق ،
كۈن چىقىشىن قۇزغۇن كەلمەستە .
بارا-بارا ئازارلاشتۇق بىز ،
سىلىپ قۇزغۇن بىزنى بەس-بەسكە .
كۈن پىتىشقا سالام قىلاتتۇق ،
قۇزغۇن يۇرتقا كىلىشتىن بۇرۇن .
ھالا بۈگۈن ئۇنىمۇ ئۇنتىدۇق،
قۇزغۇن قىلىپ نەسىھەت ئۇزۇن .
بىر چىرايلىق تونىمىز بار ئىدى ،
غەرىپ شامىلى ئۇچۇرۇپ كەتتى .
قىسقا توندىن سوغوق ئۆتۈپ ،
بۇ تەنگە ھەم ئاغرىق يەتتى .
بۇلبۇل قىلسىمۇ قۇزغۇن قىلىقىنى ،
ئەمما ئۈنىدىن بۇلبۇل دەر كىشى .
يەنە باردۇر پەرىقلەر بۇندا ،
بۇلبۇل قۇزغۇن ئوخشىماس ئېشى .
كەپتۇ بۇلبۇلسىمان بىر ئاكام ،
ئۇمۇ بۇرۇن ئىدى بىر بۇلبۇل .
دىدى باردۇر بىر مۇھىم گەپ.
ئىسىل كىيىن ماڭ ، تىز بول بول .
باردۇق بىز قۇزغۇن كەپىسىگە،
سورۇن قىپتۇ بۇلبۇللار ئۈچۈن .
شۇنداق ئىسىل كۈتۈلدۇق بىز ،
ئىچتۇق يەنە ھۆرمىتىمىز ئۈچۈن .
گەپ تىشىلدى سورۇن ئايىغىدا ،
دىدى ئاكام مەقسەتنى ئوچوق .
ئەمدى ياخشى يەي دىسەم گەر ،
سۆزلەيمەنكەن قۇزغۇنچە تولۇق .
بۇلبۇلچە گەپ قاپتۇ زاماندىن ،
ئاكامنىڭ ماڭا چۈشەندۈرىشىچە .
قۇزغۇن گىپىنى ھەممە بىلەركەن ،
قۇزغۇن دوستى ئىتنىڭ كۆرىشىچە .
بالامغا ھەم ئۆتىشىم كىرەككەن ،
قۇزغۇنلارچە ناخشا ئوقۇشنى .
يەنە چوقۇم ئۈگىتىش كىرەككەن ،
قۇزغۇن پەدىسى ئوتىراپ قوپۇشنى .
ئويلاپ قالدىم ئۆيگە قايتقۇچى ،
ئاكام نىمىشقا قوشۇلغاندۇ دەپ .
بۇلبۇل قۇزغۇن ناخشىسىنى ئوقىسا ،
باش قاتتىغۇ ساراڭدەك ئەجەپ .
سورىدۇم ئۆيدە بالامدىن ئاخىر ،
بۇلبۇل ياكى قۇزغۇن بولامسەن ؟
سورىدى بالام ياندۇرۇپ مەندىن ،
قۇزغۇن بولسام سەن خوش بولامسەن ؟
بۇلبۇل دەيتتى مىنى ھەر بىرى ،
چوڭ-كىچىلەر ، ياش ۋە قېرى .
قۇزغۇن يولى كەڭرى بولسىمۇ ،
بۇلبۇل بولۇپ ئۆتكۈم بار ئىدى .
مەنبە:_ ئېلھام
2009.05.29