سومالىدا ئىسلامىي گۇرۇھلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 68 كىشى ئۆلدى
سومالىدا ئىسلامىي گۇرۇھلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 68 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سومالىدا ئىسلامىي گۇرۇھلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 68 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سومالىدىكى بىر ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مۆتىدىل ئىسلامچىلار بىلەن مۇتەئەسسىپ دىنچى شەباب قۇراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان ماھاس ۋە ۋابھودىكى توقۇنۇشلاردا 18 نەپەر قۇرالسىز پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مۆتىدىل ئىسلامچى ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە گورۇپپىسىمۇ ئېتىشىشلاردا ئۆزىنىڭ 3 نەپەر ئەزاسى ۋە قارشى تەرەپنىڭ 47 نەپەر قۇراللىق ئادىمى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىشلار تۇپەيلى 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ رايوننى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا راادىكال دىنچى شاباب گۇرۇھىنىڭ پايتەخت مودگادىشۇغا يېقىن يەردىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بىر يېزىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
شەباب گۇرۇھى قولغا چۈشۈرگەن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يوقىرى جوۋھەر يېزىسى پايتەخت مودگادىشۇغا 90 كېلومېتىر يېراقلىقتا ئىكەن.
پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى شىددەتلىك ئۇرۇشقا سەھنە بولماقتا
پاكىستان ئارمىيىسى سۋات ۋادىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى كۈنسايىن كۈچەيتمەكتە
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا شىددەتلىك ئۇرۇش بولماقتا.
پاكىستان ئارمىيىسى سۋات ۋادىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى كۈنسايىن كۈچەيتمەكتە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە 85 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھەمدە قانچە مىڭلىغان پۇقرا ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا ئىكەن.
سرىلانكا ئارمىيىسى، 70تامىل پارتىزانىنى ئېتىپ تاشلىدى
سرىلانكا ئارمىيىسى، تامىل پارتىزانلىرىنىڭ 70 نەپەر ئەزاسىنىڭ قېچىپ كېتىشكە تەمشەلگەندە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سرىلانكا ئارمىيىسى، تامىل پارتىزانلىرىنىڭ 70 نەپەر ئەزاسىنىڭ قېچىپ كېتىشكە تەمشەلگەندە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
سرىلانكا ئارمىيىسى، تامىل پارتىزانلىرىنىڭ دېڭىزغا چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تامىل پارتىزانلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى زېمىنىنىمۇ مۇھاسىرگە ئېلىۋالدى.
قانچە مىڭلىغان بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇرۇش رايونىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان قانچە ئونلىغان تامىل پارتىزانلىرى، سرىلانكا بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە 70 نەپەر تامىل پارتىزانىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
سرىلانكا دۆلەت رەئىسى، 25 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا تامىل پارتىزانلار تەشكىلاتىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.
كۇۋەيتتە، ئاياللار تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا كىردى
كۇۋەيتتە، ئاياللار تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: كۇۋەيتتە، ئاياللار تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى.
كۇۋەيتتە تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلامدا كۇۋەيت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللار پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
دەسلەپكى سايلام نەتىجىلىرىگە كۆرە، پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، 210 نەپەر نامراتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 16 نەپەر ئايالدىن 4 نىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ چىقىش ئېھتىمالى بەكلا يۇقىرى ئىكەن.
2005- يىلى سايلاش ۋە سايلىنىش رۇخسىتى بىلەن بىرلىكتە باشقا سىياسىي ھەق ھوقۇقلارغا ئېرىشكەن كۇۋەيتلىك ئاياللار، 2006- ۋە 2008- يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان سايلاملاردا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
ئەردوغان سوچىنى زىيارەت قىلدى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، روسىيە مىنىستىرى پۇتىننىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن بۈگۈن سوچى شەھىرىدە خىزمەت زىيارىتى ئېلىپ باردى.
ئەردوغان بىلەن پۇتىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۆز - ئارا ئۇچراشتى.
ئىككى رەھبەر تاماقتىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلەر تورى.