مۇنبەردىكى <<ئەركىن پىكىر>> سەپسەتىچىلىرىگە سۆز
خەنجەربەگ
<<ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە!>>
____ ئۇيغۇر خەلق ماقالى
مەڭگۇلۇك ئۇستازىمىز مۇھەممەد ئەليھىسسالام ،بىز گە (ئۈممەتلىرىگە) :<<ھەرقانداق ئىشنىڭ ئوتتۇراھال (نۇرمال) بولغىنى ياخشى >>دەپ تەلىم بەرگەن.
ئىنساننىڭ تەپەككۇرى چەكلىك ،ئۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى داۋاملىق ئىچىشقا مۇھتاج.پەقەت نادان - بىئەقىللەرلا ئۆزتەپەككۇرى يەتمىگەن تۇرۇقلۇقمۇ ،مەسىلىلەرگە ئۆزخاھىشى بۇيىچە بىلجىرلاپ يۇرۇشىدۇ.
بۇ دۇنيا ۋە بۇدۇنيادىكى ئىشلارنىڭ بارچىسى نىسبىيلىك قانۇنىيىتى ئىچىدە مەۋجۇت بولوپ تۇرىدۇ.
ھىچقانداق بىر ئىنساننىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ،تۇرلۇك ھادىسىلەرگە تىخى كىسىپ بىر ھۆكۆم چىقىرىدىغان سالاھىيىتى ھازىرلانغىنى يوق ،ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس ! ئەگەردە بۇ مۇمكىن بولدى دىيىلسە ،ئىلاھتىن يەنە بىرى پەيدا بولدى دىگەنلىكتۇر!!اللە بىزنى (ئىنسانلارنى )داۋاملىق ئىزگۇ ئىشلارغا دەۋەت قىلغۇچىدۇر.
بىز نىمە قىلىمىز ؟
بىز ھەرمىنۇت-سىكۇنتتا ئۆزىمىزنىڭ قانداق مەۋجۇت بولوپ تۇرىۋاتقىنىمىزنى توغرا ھىس قىلىشىمز،شۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشىمىز كىرەك.
تەپەككۇر قىلغان ئادەمنىڭ ھەممىسىلا گەرچە ئالەمشۇمۇل ئالىم بولماسلىقى مۇمكىن ،بىراق ئۇ جەزمەن ئۆزىنى بىلەلەيدىغان ،ئۆزگىنىمۇ توغرا بىلەلەيدىغان ئىنسان بولالايدۇ،دەرۋەقە بۇنداق ئىنسان اللە غا يىقىنلىشىلايدۇ!
ھەددىدىن زىيادە تەكەببۇرلۇق ،ئاتالمىش دانالىق كىشىنى ئۆز-ئۆزىنى ئەۋلىيا چاغلايدىغان ،ساختا ئابرۇ-يپەرەسلىككە نائىل قىلىدۇ.بۇنداق كىشىلەر ھەردائىم ئۆزھۇجۇدىدىكى ئىللەت ۋە چىركىنلىكلەرنى ھەرگەىز كورمەيدىيۇ ،پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئەيپ-نۇقسانلىرى ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىش ۋە تىل-ھاقارەت بىلەن زەربە بىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاقىلىقىنى ،پاكلىقىنى ،مىللەتپەرۋەرلىكىنى .ۋە شۇنىڭدەك بارچە ئىسىل ئەمەللەرنىڭ ئۆزىدە تۇگەل مۇجەسسەم ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلماقبولىدۇ،ئىچىنىشلىق يىرى شۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى راستىنلا شۇنداق دەپ ئويلاپ يۇرۇشىدۇ،ئەمەلىي تۇرمۇشتا دەل شۇنداقلارنىڭ ئىچى ئەڭ بوش ،دەل شۇنداقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىللەتنىڭ ئەڭ يامانلىرى تەل-تۆكۆستۇر...
****** ********* *********** ********
مەن يىقىندىن بۇيان مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە شۇنداق بىر ھادىسىنى بايقىدىمكى ،بەزى مۇنبەرداش قىرىنداشلارنىڭ ئۆزىگە قىبلە قىلغان سەپسەتىلىرىدىن ئەقلى بار ئادەم ھەقىقەتەن چۆچۆيدۇ.مۇنبەرلەرنى كۈزەتسەك دەل شەبنەمدىكى باشقۇرغۇچى فىرقەت ئىيقاندەك <<مىللەت>>،<دىن> ۋە شۇنىڭدەك ئىجدىمائى مەسىلىلەر تىما قلىنغان مۇنازىرىلەرنىڭ ئەھۋالى ئەڭ چاتاق بولماقتا.
ئەسلى بۇنداق تىمىلار مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ جىنى ،ئەڭ قىززىغىنى بولسا بولاتتى ،بىراق دەل
شۇنداق تىمىلارغا كىرسەك كۆڭلىمىز ئەڭ غەش بولىدۇ!!!
مۇنازىرە دىگەن نىمە؟؟
ئادەم تىللاشمۇ؟ يا ئىغزىغا كەلگەننىڭ ھەممىنى پىكىردەپ قۇسۇشمۇ؟
مۇنازىرە ئەسلى شۇنداق بىر ئىلمىي پائالىيەتكى ئۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ دادىل ،ئىلمىي ،ئاساسى باركۆزقاراش -پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەشكەن ئاساستا مەلۇم بىر مەسىلىنىڭ ماھىيتى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلشتۇر.
ئۇ ھەقىقى يۇسۇندا ئىلىپ بىرىلسا كىشىنى ھەقىقەتكە يىتەكلەيدۇ،تەپەككۇرىنى زىيادە قىلىدۇ!
اللە <<تەپەككۇر قىلمىغانلارنى ئازاپقا دۇچار قىلىمەن >> دىگەن ،مۇقەددەس كىتاۋىمىزدا.
ئەمدى بىز <<بارچىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى>> بولمىشى مۇنبىرىمىزدىكى (ئەلۋەتتە باشقامۇنبەرلەرمۇ بار) مۇنازىرىلەرگە بىر نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى ،قىرىنداشلار ،قاراڭلار ،نىمىلەرنى كۆردۇڭلار!!!!
سوغوققانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ،ئۆزپىكرىنى قايىل قىلارلىق ،ئىلمىي رەۋشتە يىزىۋاتقان مۇنازىرىخاندىن قانچىسى بار ئىكەن ؟ بەك ئاز شۇنداقمۇ؟
بىراۋنى ھاقارەتلەش ،شەخسى غۇرۇرىغا تىگىش مەيلى ئىسلامدا بولسۇن ،مەيلى ھەرقايسى مەدەنىيەت فۇرمىسىغا تەۋە ئەخلاق قاراشلرىدا بولسۇن ناھايىتى نەپرەتكە لايىق ئىللەت!!!!
ئەمدى تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولغىنى شۇ ھادىسىكى ،تىخى بەزى قىرىنداشلىرىمىز بۇنى ئۆزسەپسەتىسى بۇيىچە ئىزاھلاپ <<بۇ دىگەن (تورنى دىمەكچى) ئەركىن پىكىر دۇنياسى ،بۇ ئەركىن پىكىرلەر!!>> دەپ ئاقلاۋاتىدۇ.
قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ،تەلۋە ئەركىن پىكىرلەر !! لەنەت شۇ پوق-سۇيدۇك پۇراپ تۇرىدىغان بىشەم ئەركىن پىكىرلەرگە!!!!
ئەركىن پىكىر دىگەن نىمە؟
ئەركىن پىكىر شۇنداق نەرسىكى ئۇ مۇئەييەن چەك ئىچىدە ،مۇئەييەن ئەخلاق -قانۇن مىزانلىرىدائىرىسىدە ،دىمەكچى بولغىنىنى ئىلمىي ،قايىل قىلارلىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قۇيۇشتۇر !
يۇقارقىدەك ئاتالمىش ئەركىن پىكىر تەرەپدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايىچىلىرى كاساپىتىدىن بىزنىڭ ئەسلى رازىمەنلىك بىلەن خۇلاسىلىنىشى كىرەك بولغان مۇنازىرىلىرىمىز ،چالما-كىسەك بورىنى ئاسستىدا كۆمۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ .بۇ مۇنازىرىلەردىن باشقىلار بىلىم -تەربىيە ئەمەس ،ئەكسىچە ئىغىزدىن تەرەت قىلىشنىڭ يىڭى-يىڭى ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنمەكتە!!
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ ئەركىن پىكىر شۇناسلاردىن قانچىلىك تىل-دەشنام يىسەم مەيلى
ئەمما بۇ ھەقتە ئۇلار بىلەن دادىل مۇنازىرە مەيدانىغا چىقىشقا تەييارمەن!
2007-يىلى 28-ئىيۇن.شەبنەم مۇنبىرى
[ بۇ يازما خەنجەربەگ تەرپىدىن 2007-06-30 17:12 دە قا ]