QUOTE:
بۇ مەزمون 0 جى قەۋەتتىكى azliq نىڭ 2007-07-13 07:03 دە يوللىغان يازمىسى“ئۇيغۇرلارپەخىرلەنگىدەك نىمىلىرىمىز بار؟”:
بالىلىق بولغاندىن كېيىن مەندە شۇنداق بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرى ئويغۇنۇپ، بالامدا ئۇيغۇر روهىنى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى قانداق يېتىلدۈرەرمەن، ئەتە -ئۆگۈن تىلى چىقىپ ئەقىل كىرگەندە ئۇ مەندىن مەن كىم؟ مەن قانداق مىللەتنىڭ ئەۋلادى ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق داڭلىق نەرسىلىرى بار دەپ سوراپ قالسا نىمىلەرنى كۆرسەتسەم بولار دەپ ئويلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم .
دىمىسىمۇ نۆۋەتتە بىز قەدىرلەيدىغان هەم باشقىلار تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ هۆرمەت قىلىنىۋاتقان قۇتسال مەنىۋى هەمدە ماددى مىراسلىرىمىزدىن نىمىلەر بار ؟
هەر قانداق مىللەتتە پەخىرلىنىش ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇلىرىنى ئويغۇتىدىغان مۇقەددەس سانىلىدىغان نەسىلەر بولىدۇ. بىز بۇ نەرسىلىرىمىزنىڭ قانچىلىكىنى بىلىمىز ، ئۇنىڭ قەدرىنى قانچىلىك قىلىۋاتىمىز، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بۇنى يەتكۈزپ بېرەلەمدۇق يوق؟ قانداق يەتكۈزىمىز؟
قېنى توردداشلار بىرلىكتە يىغىش قىلىپ ئەۋلاتلارنى پەخىرلەندۈرۈپ ئۆزىمىزنى ئىپتىخار قىلايلى!
تۈرلەتر بويىچە يېزىپ باقايلى تۈرگە ئايرىپ قوياي ئۆزەمچە:
.......
مانا ؛
بەس -مۇنازىرە دىگەننى مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ ، بىزنىڭ ھەقىقەتەن پەخىرلەنگىدەك مەدەنى مىراسلىرىمىز بار ، دۇنيا مىراسلىرى ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇننى تۇتۇپ كىلىۋاتىدۇ ، ئەقىل-پاراسىتىمىزنىڭ نامايەندىلىك رۇلىنى ئويناۋاتىدۇ ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق دۇنياۋى بۈيۈك مەدىنيەتلەرنى يارىتالىغان ئويغۇر مىللىتى بۇلۇپ تۆرەلگىنىمىزدىن چەكسىز پەخرلەنسەك بۇلىدۇ ، ئەشۇ شانلىق تارىخىمىزدىن ، ئەجداتلىرىمىزدىن پەخىرلەنسەك بۇلىدۇ .
بىراق بىزنىڭ ھازىرقى ھالىمىز ، داڭلىق نەسىرچىمىز ئەخمەت ئىمىننىڭ ئېيتقىنىدەك قۇتاتغۇبىلىك ، تۈركى تىللار دىۋانى ئەسەرلىرىنى ، مەشھۇر شەخسلىرىمىزنى پەش قىلىش بىلەنلا قالدى ، بۈيۈك ئەسەرلەرنى يوتقان -كۆرپە ، مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنى سۇنماس تىرەك قىلىۋېلىپ ، ئويغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن دەپلا يۈرۈيدۇ .
لىكىن ئەجداتلىرىمىز بىزنى ھازىرقى ھالىمىزنى بىلسە ئىدى . . ؟
مۇسۇلمان بۇلۇپ تۆرەلگىنىمىز ، ئويغۇر بۇلۇپ تۆرەلگىنىمىز ئۇلۇغ ئاللانىڭ بىزگە قىلغان ھىممىتى [ يارىتىشنى مەن ياراتتىم ، يارىلىش ئۆزەڭدىن دىگەننىمۇ قۇشۇپ قۇيۇپتىكەن ]
ئارىمىزدىن بىرەرسى ئازراق نام چىقىرىپ قويسا ، ئۆزىمىزدىن مانداق پەخرىلىنىمىز ، شۇنداق بىر ئىش بولسا خۇدا دىگەن مانداق ، مۇشۇ گەپتىن باشقىسى يوق .
ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگىمىز ھەممىنى ياراتتى ، ئۇرۇنلاشتۇردى ، ھەممىنى كۈرۈۋاتىدۇ ، ھەرگىز بىزنىڭ ئىسپاتلاپ بىرىشىمىزگە مۇھتاج ئەمەس .
ئويغۇرلاردىن مىليادىر چىقىپتۇ ، ئاي شارىغا چىققانلار باركەن دەپمۇ ئاڭلىدىم ، ئالىم دوكتۇرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ، لىكىن يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقامدۇ ؟
ئاشۇ كىشىلىرىمىزنى دەستەك قىلىپ ئۆزىمىزنى ماختاش بىلەن شانلىق ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىزمۇ ؟ ؛
بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەقى قىلىۋاتىدۇ ، بىزدە ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرى خېلى راۋاجلانغان ، چۈنكى ئۇنىڭ يىتەرلىك زىددىيەت -تۇقۇنۇش شارائىتى بار ئىدى ، [ يەنىمۇ راۋاجلانغۇسى ]
تەبىئى پەن ساھەسىدە ئۇچۇقراقىنى ئېيتقاندا باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىز تېخى ئىپتىدايى ھالەتتە ، بۇ تەرەپلەردىن پەخىرلىنىش ئەمەس خىجالەتتىمىز ، [ بۇنداق دىسەم باشقىلاردىن كۆرمەڭ ، سەۋەبنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ ]
گەپنى قىسقا قىلىپ نەقىل بىلەن ئاخىرلاشتۇراي .
مۇنبىرىمىزدە بىر تورداش چاق-چاقلاشتۇرۇپ بىر تېما يوللىغان ، شۇنىڭ ئاساسى بار .
ئىچكىرى ئۆلكىگە ئۇقۇشقا بارغان بىر ئويغۇر ئۇقۇغۇچىدىن خەنزۇ ئۇقۇغۇچى سورايدۇ ، شىنجاڭدىن قانداق كەلدىڭىز ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ ياكى ئىشەك مىنىپ كەلدىڭىزمۇ ؟ بىزنى ئايروپىلان توغۇرلۇق ئويلاپمۇ قويمايدۇ .
بىز ھە دىسىلا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ماختاۋەرمەيلى ، باشقىلار بىزنى ماختىسۇن ، ئاخماق دىگەن قالپاقنى كىيىۋالمايلى .