فرانسىيەدە بىر ئايال ئالتە بالىسىنى ئۆلتۈرۈرىۋەتكەن
.
فرانسىيىە 34ياشلىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئەمدىلا يەڭگىگەن ئالتە بالىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكتىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.سالىننا ئىسىملىك بۇ ئايال فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازاردا تۇرىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتىدە ئۇنىڭ ئېرى يەر ئاستى ئۆيىدە بىر خىل قاڭسېق پۇراقنى سەزگەن ھەمدە بىر سۇلياۋ خالتىدىن بوۋاقنىڭ چىرىگەن جەسىتىنى تاپقان.ئۇ شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىچە ، سۇلياۋ خالتىدىن ئالتە بوۋاقنىڭ جەسىتى بايقالغان.قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىچە، ئالتە بوۋاق ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2000- يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تۇغۇلغانكەن.سالىننانىڭ ئىقرارىغا قارىغاندا، ئىلگىرى ئۆلتۈرۋەتكەن 5بوۋاق بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان ئىكەن، ئالتىنچى بوۋاق بولسا، ئۇنىڭ ھازىرقى ئېرىدىن بولغان ئىكەن. ئۇ ھەر قېتىم يەڭگىيدىغان چاغدا يالغۇز قالىدىكەن، يەڭگىگەندىن كېيىن بوۋاقلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ياكى بوغۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيىتىشىچە، سالىنناغا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قەستەن ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېكىتىسە، ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماقتا يېتىش جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.
ئىران توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ «ناشايان ئىشلىرى»نى چەكلىدى
ئىسرائىلىيە «ئاخبارات خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ 22- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان ئىران ساقچىلىرى توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدىكى «ناشايان ئىشلىرى»غا قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتىنى قوزغىغان ھەمدە 27ياشلىق بىر قىزنى قولغا ئالغان، كېيىن بۇ قىز ئەلەمگە چىدىماي ئۆلۈۋالغان.ئىگىلىنىشىچە، ئىران ساقچى تەرەپ: توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا قول تۇتۇشۇپ تۇرىشى، سۈيۈشىشى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئوخشىغان «سۆيگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەت»ھەركەتلەرنى قىلىش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر كىم جامائەت سورۇنلىرىدا بۇ بەلگىلىمىلەرى كۆزگە ئىلمىسە ياكى خىلاپلىق قىلسا، ئۇلارنى شەھۋانىلىق قىلدى، دەپ تەدبىر قوللىنىمىز، چۇنكى بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، دېگەن.
چىڭگىزخان روسىيىدە قەھرىمان دەپ ، مەدھىيلەندى
سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، روسىيىلىك مەشھۇر رېژىسۇر سېرگىي بۇدلۇۋ سۈرەتكە ئالغن چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىغا دائىر فىلىم «موڭغۇللار» روسىيىدە قويۇلۇشقا باشلىغان.فىلىم قويۇلۇشى بىلەن تەڭ چىڭگىزخاننى دۈشمەن، دەپ قاراپ كەلگەن روسىيىلىكلەر بىر قەدەر ئوبيىكتىپ ئىشلەنگەن فىلىمدىكى تۆمۈرچىن ئوبرازىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەن، بۇ فىلىمدە چىڭگىزخاننىڭ بالىلىق دەۋرى، قانداق قىلىپ موڭغۇللارنىڭ خاقانىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمنى ئىشلەشكە 15مىليۇن ياۋرو سەرپ قىلغان. روسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى» ئوبزۇر ئېلان قىلىپ: چىڭگىزخان تارختا ياۋرۇ- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنى ، بولۇپمۇ رۇسلارنى قانلىق بويسۇندۇرغان ، لېكىن ئۇ يەنىلا موڭغۇللارنىڭ كۈچلۈك سىموۋولى،چار روسىيە ۋە سۇۋېت ئىتىپاقى تارىخشۇناسلىرى موڭغۇللارنى ئىزچىل تۈردە رەھىمسىز، دەپ قاراپ كەلگەن.روسىيە كۈرۈۈمەنلىرى چىڭگىزخانغا تولىمۇ قىزىقماقتا ، دېگەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
2007-يىل ئۈكتەبىر 2219-سان