لەنەت ساڭا، لەنەت خائىنلار
مەمتېلى تەۋپىق
سەن تۇپراقتىن يارالغان ئەمەس،
شۇڭا ئۇنى بىلمەيسەن بۈيۈك.
سەن دۈشمەننىڭ قوينىدىكى مەست،
تېنىڭ سېسىق، روھىڭدۇر ئۈلۈك،
لەنەت ساڭا خائىن ئىت-كۈچۈك.
سەن خەلقتىن چەتنىگەن بىر پەس،
قەلبىڭدە يوق ۋىجدانلىق يۈرەك.
قەدىمىڭدە سېتىش-چېقىش بار،
ئادەم يوقتۇر سېنى سۆيگۈدە،
لەنەت ساڭا دۈشمەن ئىت-كۈچۈك
لەنەت ساڭا، لەنەت خائىنلار،
لەنەت ساڭا ئەلدىن-ۋەتەندىن.
ئەل قېنىنى ئىچىپ ياتقانلار،
مۇناپىقلار ۋەتەن ساتقانلار
لەنەت ساڭا ، لەنەت سىياسەت،
لەنەت ساڭا ساختا ھەقىقەت.
1937-يىلى
سادىر پالۋان تەھرىرى ۋە تەستىقى