نىجات ھۈسەن2008 -يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
رەسىمدىكى سىزگە قاراپ تۇرغىنى نىجات ھۈسەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھرىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان دۇنيا بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە رەقىپلىرىنى يېڭىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، بۇنىڭ بىلەن 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭغا مەدەت تىلەيلى!!
مەنبە:http://www.iht.com/articles/ap/2007/11/01/sports/NA-SPT-BOX-Worlds.php
ماتېماتىكا تەستىقلىدى
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 2دە ئۆتكۈزۈلگەن 91كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە نىجات ئىتالىيىلىك روسسوغا 11:19نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مىس مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 2007-يىللىق دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، 23-ئۆكتەبىردىن 3-نويابىرغىچە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن . شىنجاڭدىن 91كىلوگىراملىقلار بۇيىچە نىجات ، 69 كىلوگىراملىقلار بۇيىچە قانات ، 64 كىلوگىراملىقلار بۇيىچە مەمەتتۇرسۇن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، نىجات بىلەن قانات 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. جۇڭگۇ كوماندىسىدىن جەمئىى 7 ماھىر كېلەر يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
[ بۇ يازما hamkar تەرپىدىن 2007-11-03 21:31 دە قايتا ]