مۇز قاتقان خىيال
(پەرھات ئابدۇۋەلى)
مۇز
ياق.........
قولۇم قالمىسۇن بوشلۇقتا لەيلەپ ،
سۆيۈلگەنسەن ،سۆيگىن ھەم ئەبەد .
مەيلى ئايلانسۇن يۈرىكىڭ تاشقا ،
كىرەك ماڭا ۋۇجۇدۇڭ پەقەت .
راسىت.........
يۈرىكىڭگە ، مەن قاتتۇردۇم مۇز.
تاشلاندۇق بولۇپ يۈرگۈم يوق ئەمدى ،
ساقلىمايمەن ياز پەسلىنى ھەم .
مەيلى كەتسۇن يىراق -يىراققا ،
ئىزسىز قالغان شۇ تۇنجى قەدەم .
تام ...........
مۇسىبەتنى ئەسلەتتى بىردىن .
سوغۇققىنە قاراپ تۇرىدۇ ،
خۇددى مۇز قاتقان يۈرەكتەك .
سىنىڭ قەلبىڭ گويا بىر تامدەك .
ئۆلۈم..........
ساقلاپ تۇرار مەڭگۈ زىرىكمەي .
ئەجەپ ئامراق ئەزرائىل ماڭا ،
خۇددى ئۇ مېنىڭ خوشنامدەك .
يار........
كۆزلىرىڭدىن چەكسىز نۇر ياغار .
جىمجىت مۇزغا ئايلانغان قەلبىڭ .
ئويلىغانچە تېپچەكلەر يۈرەك ،
ۋادارىخا ، يار سېنىڭ دەردىڭ .
تارىخ........
سۆيۈملۈكتۇر شۇنچە مۇقەددەس ،
ئۆتمۈشۈمنى سېغىندىم ئەجەپ .
بولدى بەس!.....
مەنمۇ ، سەنمۇ بەرىبىر تارىخ .
مەيلى سەن مۇز ،مەيلى مەن باھار.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى
www.uyadabiyat.cn ئەڭ ياخشى ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىڭ!
ئۇيغۇر ئەدەبىيات تورى سىز نى قارشى ئالىدۇ!............
نازۇك چىمەن تەھرىرى