تەنھا قەلبكە رەھمەت ،مەنمۇ يازغىنىمنى ئىنكاس سۈپىتىدە سۇناي:
قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
(شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئوتلۇق كۆزىدىن چاچرىتىپ دەھشەت،
دۇنياغا كەلگەن ئىدى بىر ئەركەك.
زالىملارنى ئۇ تىتىرىتىپ غال-غال،
نامايىش قىلغان ئۇرغۇتۇپ يۈرەك.
ھەقنى سۆزلىگەن يۈرىكى لاۋا،
دۈشمەنلەر بۆھتان چاپلىغاندىمۇ.
نىيتىدىن يانماي جانىنى تىككەن،
غالىپ ئىدى ئۇ جان ئۈزەردىمۇ،
بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندىمۇ،
توۋلىيالىدى «لازىمى ئەرك!!!»
مەڭدەپ قېلىشتى ۋەھشى دۈشمەنلەر
خۇددى دۇنيانى ئەتكەندەك تەرك.
ئەنە شۇ ئوغلان تۇغۇلدى بۈگۈن،
دىللاردىن داستان پۈتۈلدى بۈگۈن،
روھلىرى سىڭگەچ ئۇيغۇر روھىغا،
قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن.
2007-11-16