قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن
1 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، مەن ئايلىق مۇئاشىمنىڭ يېرىمى خىراجەت قىلىپ ، يېرىمىنى بانكىدا ئامانەت قوياتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، مۇئاشىمنى تولۇق تۈگىتىپ، يەنە باشقىلاردىن قەرز ئالىدىغان بولدۇم .
2 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، ھەپتىدە بىرقىتىم ئۆزۈمنىڭ كىيىملىرىنى يۇياتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ھەپتىدە ئۈچ قىتىم كىيىم يۇيىدىغان بولدۇم
3 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، مەن ھەر كۈنى ئىككى ۋاق تاماق يەيتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى 3، 4 ۋاق، ھەتتا بەزى كۈنلىرى 5 ۋاق تاماق يەيەدىغان بولدۇم .
4 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، بەزىدە ئانچە- مۇنچە ئۆي تازىلاپ قوياتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىرنەچچە ۋاق ئۆي تازىلايدىغان بولدۇم .
5 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، ئۆزۈم يالغۇز بىر كارۋاتتا ئازادە يېتىپ ئۇخلايتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ئۆزۇمنىڭ كارۋىتىدىمۇ قىسىلىپ ياتىدىغان، ئۇخلىيالمايدىغان بولدۇم .
6 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىنى ساتىدىغان دۇكانلارغا كۆپ باراتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ كەيىمىنى ساتىدىغان دۇكانلارغا كۆپ بارىدىغان بولدۇم .
7 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، دوستلىرىم بىلەن سۇغا چۆمۇلگىلى باراتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن مۇز تىيىلىشقا بارىدىغان بولدۇم .
8 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، كىشىلەر مىنى قاسىماخۇن كەلدى دەيتتى .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، كىشىلەر مىنى سايىماخۇن كەلدى دەيدىغان بولدى .( ھازىر خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ خوتۇندىن قۇرقۇدىغانلارنى سايىمۇ دەپ قويىدىكەن )
9 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، مەن خىزمەتكە ئەسلا كىچىك مەيتتىم، رەھبەرلەر مىنى ماختاپ ئۈگىنىش ئۆلگىمىز دەيتتى .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، خىزمەتكە كىچىكىپ بېرىپ، بالدۇر قايتىدىغان بولدۇم، ھەر قىتىملىق يىغىندا مەنلا تەنقىت ئاڭلايمەن .
10 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، سىرتتا تاماق يېسەم ئىككى يۇەنلىك تاماقتا قورسىقىم توياتتى .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ئوتتۇز يۇەنلىك تاماقتىمۇ قورسىقىم تويماي ئاچ قالىدىغان بولدۇم .
11 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، 8 - مارت بايرىمىنى ئۆتكۈزمەيتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، 8 - مارت بايرىمىنى كاتتا ئۆتكۈزمىسەم بولمايدىغان بولدى .
12 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچىلارنى، تەربىيەلەنگەن، چىنىققاندىن كېيىن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ناخشا ئىيتالايدۇ دەپ قارايتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، قىزلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچىلاردا بولىدىغان ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم .
13 - قىز دوست تۇتۇشتىن بۇرۇن، ئۆزۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىلا بىلەتتىم .
قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاكا- ئىنى، ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ بىلىۋالدىم، نەتىجىدە ئۆزۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالدىم .
__Tom مۇنبىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى ___
(خەنزۇلار قىز دوستىغا ھەددىدىن زىيادا كۆڭۈل بۆلىدۇ . شۇڭا ، توغرا چۈشىنىڭلار )