ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﻳﯜﺭﯛﺵ - ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ :
1- ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ - ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﺳﻮﻏﺎﻗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
2- ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
3- ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﺘﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ، ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻼ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
4- ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
5- ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
6- ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ .
ئاپتورى: ئايشەم ئەخمەت