>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ﺋﺎﻟﯩﻢ شۆھرەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﻛۆﺭﺩۈﻡ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 574 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺋﺎﻟﯩﻢ شۆھرەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﻛۆﺭﺩۈﻡ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
XJpalwan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 233
شۆھرەت: 234 نۇمۇر
پۇل: 2330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺋﺎﻟﯩﻢ شۆھرەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﻛۆﺭﺩۈﻡ

(Jeck ) ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺷﯜﮬﺮﻩﺕ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﻛﯜﺭﺩﯗﻡ



2007-يىلى 6- ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا غول ھۈجەيرە تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۇھرةت مۇتەللىپنىڭ پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 2007 – يىلى 14- نويابىر كۈنى CNN ،BBC ، "بىرلەشمە خەۋەرلەر" "نېۋ يورك ۋاقتى"، "ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى "قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قايتىدىن ئۇ تەتقىقات نەتىجىسى توغرىلىق ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنياغا كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتى. 2007 - يىلى 22- نويابىر كۈنى دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق ژورنال "تەبىئەت" ژورنىلىدا ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىرىنچى قېتىم ئىلمى ماقالە سۈپىتىدە تولۇق ئىلان قىلىندى.(دىمەك تېخى بۇ كۈندىن بۇرۇن بۇلغان بارلىق مۇنازىرىلەر شۇ ئىلمى ماقالە ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ ئۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ئېلىپ بارغان "بەدەن قىززىتىش" لىرىدىن ئىبارەت.) شۇ ژورنالنىڭ تاش مۇقاۋىسىغا شۈھرەت مۇتەللىپ ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ رەسىمى بىرىلدى... ئامرىكىدىكى تېلىۋىزىيەدە مۇخبىرلارنىڭ شۇھرەت مۇتەللىپنى ئۇرىۋالغان كۈرۈنۇشلىرى بىزنى ھاياجانلاندۇردى. بۇ بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيادا بۇنداق ئەڭ ئالى نەتىجە يارىتىشى ۋە شۈھرەتكە ئىرىشىش ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا شۈھرەت مۇتەللىپ كىم، ئۇ زادى قەيەرلىك، قەيەردە تۇغۇلۇپ قەيەردە چوڭ بۇلغان، ئۇيغۇر دەپ ئاڭلىدۇق، لېكىن تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇخمايمىز، تۇنۇشايلى دەپ بارساق ۋاختى چىقارمۇ، بىزگە قىزىقارمۇ، بارساق ئىنگىلىسچە پاراڭلىشارمىزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە پاراڭلىشارمىزمۇ؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر بەرگەنىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىمۇ ھۈرمەتلىك ئالىمىمىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە تۇنۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش بۇرچىمىز بار دەپ قاراپ بىلىۋال تور بىكىتى ئالىم تۇرۋاتقان شەھەرنىڭ ئۈزىگە بېرىپ ئالىمنى سۈرەتلىك، ئاۋازلىق زىيارەت قىلىپ كلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە پېقىر Jeck مۇ بۇنىڭغا دادىللىق بىلەن ئاۋاز قوشتى.

بۇ ئالىمىمىز توغرىلىق پېقىرمۇ ئەڭ دەسلەپ ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىلگەن، كىيىن ئۇيغۇر دەپ ئاڭلاپ خوش بۇلغانتىم، يەنە قارىسام بۇ ئالىم مەن تۇرۋاتقان يەردىن يىراق ئەمەس بۇلغان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلەند شەھىرىدە تورىدىكەن. بۇ يەر مەندىن پەقەت نەچچە سائەتلىكلا يول. شۇڭا شۇ ۋاقىتتىلا بىر پۈرسەت تېپىپ ئىزدەپ تۇنۇشۇپ قالسام بۇلغۇدەك دەپ خىيال قىلغان. لېكىن بۇنداق تىز بۇلۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بىىلىۋال تورىنىڭ قورغۇچىسى قۇربانجاننىڭ بېرىپ ئالىمنى زىيارەت قىلىش توغرىلىق بەرگەن پىكرى ماڭىمۇ شۇنداق خوش ياقتى. ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۈگەنگەن ۋە ئۈزەمگە تەدبىقلىغان بىر ئىش "توخۇ بىلەن دوست بۇلساڭ يىيىشىڭ پوق" . يەنى ئادەمنىڭ دوستىنىڭ قانداق ئىكەنلىگى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغىمۇ چوڭ تەسىر كۈرسىتىدىكەن. ئادەم چوقۇم قابىلىيەتلىك، ياراملىق، نەتىجە قازانغان ئادەملەرنى پۇل خەجلەپ بۇلسىمۇ ئىزدەپ بېرىپ دوست تۇتۇپ. قۇرۇق گەپ جىق دوستلاردىن يىراق تۇرۇشى كىرەك ئىكەن. شۇندىلا ئادەم ئالغا باسىدىكەن. شۇ خىياللار بىلەن قۇربانجاننىڭ پىكرىنى ئويلانمايلا قۇبۇل قىلدىم، چۇنكى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ دۇنياغا داڭلىق، ھازىر غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دۇنيادا پىشۋا ھىساپلىنىدىغان ئالىم بىلەن تۇنۇشۇۋالسام مەنمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر نىمە ئۈگىنىۋالارمەن.

شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن بۇلغان چىگرادىكى غالجات دىگەن يەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ كىيىن ئالمۇتادا چوڭ بۇلغانلىغىنى بىلدۇق. ئاساسەن ئۇيغۇر مەدىينىيتى، مۇھىتىدا چوڭ بۇلۇپتۇ.

ئالىمنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت قىسقىچە بىرىدىغان ئۇچۇرىمىز تۈۋەندىكىچە:
1. ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن چىگرا يېنىدىكى غالجات دىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالمۇتاغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شۇ ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى تۈزۈمى بويىچە ھەربىلىككە بارغان. ھەربىلىكتىن قايتقاندىن كىيىن مۇسكۋادا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ ئاندىن كىيىن ئاۋال گېرمانغا بېرىپ تەتقىقاتچى بۇلغان. ئۇ يەرگە تازا كۈنەلمەي 6 ئايدىن كىيىن ئامرىكىنىڭ ئۇتاھ شىتاتىغا كىلىپ ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بۇلۇپ 3 يىل ئىشلىگەن. ( بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ھازىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى رەيھانگۇل بەكتۇر پروفىسسور بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) . 97-يىلدىن تارتىپ ھازىر ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتغا تەتقىقاتچى بۇلۇپ كىرگەن. ئالىم ئايالى گۇلنۇر ناسىروۋانى ئۇتاھ شىتاتىدا تۇرۇۋاتقاندا يىقىنلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىلگەن ۋە نەچچە ھەپتە ئۈتمەي گۇلنۇر ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇلار تۇنۇشۇپ 3 ھەپتە ئۈتكەندىن كىيىن 8-9 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لاس ۋىگاس شەھىرىگە بېرىپ كىچىكلا توي قىلىپ ئائىلىلىك بۇلغان، ۋە شۇ يىلى يەنە قازاقىستانغا قايتىپ ئالموتادا چوڭ چاي بەرگەن. ئايالى گۈلنورنىڭ جەمەتى قازاقىستاندىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇلار 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۇلنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىكەن ۋە رىزۋانگۇلنى قەھرىمان ئەجدادىمىز دەپ تۇنۇيدىكەن.ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ ۋە ئايالى گۈلنور ناسىروۋا ھازىر ئامرىكىنىڭ ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئادىل ئىسىملىك بىر ئوغلى، نەرگىز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ ھەر ئىككىسى مەكتەپ يېشىدا. ئالىمنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بۇلغانلىغى ئۈچۈن ئايالى گۈلنور خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ھازىرۋاختىنى بالىلىرىنىڭ تەربىيلەش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىۋېتىپتۇ.گۈلنور ھەركۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى تەربىيلەش ئورۇنلىرى، كۈتۈپخانا، چېنىقىش ئورۇنلىرى، مۇزىيخانا ، باغچا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى دىگەندەك يەرلەرگە ئاپىرىش بىلەن ئالدىراش ئۈتۈدىكەن. قاچان ئۈزى خىزمەتكە قايتىش توغرىلىق تېخى ۋاختىنچە ئويلاشماپتۇ. ئۇ يەنە مەكتەپلەردە ئىختىيارى بولۇپ ھەقىسىز ھالدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپمۇ ئىشلەۋەتىپتۇ. ئالىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر، ئاپىسىنىڭ ئىسمى جەننەت، بوۋىسىنىڭ ئىسمى سالاھىدىن، مومىسىنىڭ ئىسمى رازىيەم.

2. ئالىمنىڭ تەتقىقاتى جەھەتتە: ئالىم موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بولۇپ روسىيەدە تۇنجى بۇلۇپ چاشقاندىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈشنى مۇشۇ ئالىمىمىز ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىكەن. ئامرىكىغا كىلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بۇ يىل تۇنجى بۇلۇپ پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرەيىتىشتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدىكى "غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش چاشقانغا ئىشلىگەن بىلەن پىرىماتلارغا ئىشلىمەيدۇ" دىگەن كۈز قاراشنى ئىنكار قىلىپتۇ. بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئەسلىدە 2004-يىلى كۈرىيەلىك ئالىم 黄禹锡 تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلاردىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگەنلىگى بىلەن دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغىغان. كورىيەدە ئۇنىڭ ھۆرمىتى زوڭتوڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لېكىن كىيىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ دۇنيادا يەنە بىر چوڭ سەتچىلىك بۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلار ياكى پىرىماتلار تىپىدىن زادى غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق دىگەن تىما چوڭ مۇنازىرە تىمىسى بۇلغان. ئالىمىمىز ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ ئۈزى پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۇرۈپ چىقىپتۇ. ئەسلى بۇ نەتىجە بۇ يىل يەنى 2007-يىلى ئۈچىنچى ئايدا تاماملىنىپ تەبىئەت ژورنىلىغا يوللانغان. لېكىن ژورنال ھەيئىتى ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن سەتچىلىكنى كۈزدە تۇتۇپ بۇ قېتىم ناھايتى ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماقالىنى ئىلان قىلماي توختىتىپ قويۇپ ئۈچىنچى بىر مۇستەقىل تەرەپكە يەنى ئاۋىستىرالىيە دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھاۋالە قىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىسپاتلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان.( بۇ مۇستەقىل تەرەپنىڭ ئامرىكىدا بۇلۇپ قالسا تەسىرگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئاۋستىرالىيەدىن تاللىغان ). ئامرىكىنىڭ قان، گېن، ھۈجەيرە ۋە باشقا مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى سىرتقا چىقرىشتا، يوللاشتا بەك چىڭ چەكلىمىسى بۇلغانلىقتىن ئاۋستىرالىيە تەرەپنىڭ دەلىللەش جەريانى كۈپ تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ 11-ئاي ئەتراپىدا تاماملانغان ۋە شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ راست ئىكەنلىگىنى دەللىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن گۇماندا تۇرۇپ تۇرغان ئاخبارات ۋاستىلىرى قايتىدىن بۇ تىمىنى قولغا ئېلىپ خەۋەر بىرىشكە باشلىغان. ھازىر ئالىمنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرگە ئىگە بۇلغان گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، پىرىماتلارغا قارىتىلغان تەتقىقات يۈنۈلشىدە ئالىمنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئەڭ چوڭ دىيىشكە بۇلىدىكەن. ئالىم تەجرىبە ئۈچۈن بېقىۋاتقان مايمۇنلارنىڭ سانى 150 كە يىقىن بۇلۇپ دۇنيادا ئەڭ كۈپ ئىكەن. تەجرىبىخانىسدا 8-9 دەك ئادەم بار بۇلۇپ يىللىق چىقىمى بىر مىليون دۇللاردىن ئاشىدىكەن. بۇ تەجرىبخانا ئەسلىدىنلا ئامرىكىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بۇلغان تەجرىبىخانا بۇلۇپ ، تەجرىبىخانىنىڭ ئەسلى مۇدىرى ئىككى يىل بۇرۇن پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن شۈھرەت مۇتەللىپ بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. ئۈتكەن يىلى پۈتتۈرگەن بىر پوستدوك (دوكتۇر ئاشتى )ئوقۇغۇچىسى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋىتىپتۇ. (دىمەك شۆھرەت مۇتەللىپ ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسور بۇلالايدىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدىكەن).
يەنە قىستۇرۇپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدىغىنى ئالىمنىڭ سىڭلىسى مايسە مۇتەللىپمۇ ئاكىسى شۈھرەتنىڭ ئىزىدىن دەسسەپ مېڭىپ مۇسكىۋادىمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ ئوخشاش تەجرىبىخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن. نۇرغۇن تەتقىقاتنى ھەمكارلىىشپ بىللە قىلغان ئىكەن. ھازىر مايسە MIT( ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى, خەنزۇچە 美国麻省理工学院 ) دە ئىشلەۋېتىپتۇ. مەكتەپ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈچۈن تەجرىبىخانا قۇرۇپ بىرىپتۇ. ئۇ ھازىر شۇ تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇلى يەنە بىر فاكولتىتنىڭ مۇدىرى ئىكەن. ( مايسە توغرىلىق كىيىن ئايرىم زىيارەت خاتىرىسى ئىلان قىلىنىدۇ)

قالغان تەپسىلى ئوچۇرلارنى زىيارەت خاتىرىسىنى كۈرگەيسىلەر. ھوزۇرۇڭلارغا شۇ قېتىملىق سۈھبەتتىن بىلىۋال تور بېتى ئىخچاملاپ ياسىغان سۈھبەت خاتىرىسىنىڭ 1 يېرىم مىنۇتلۇق ئۈزۈندىلىرىنى ئالدىن سۇندۇق. تولۇق نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز ئەزەلدىن بۇنداق تېلىۋىزىيە خاراكتىردىكى فىلىملىرىنى ئىشلەپ باقمىغان، تەجرىبىسىز بۇلغاچقا يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلەپ چىقالمىدۇق. پەقەت بىز "تىرىشىۋاتىمىز" دەپلا ئېيتالايمىز. بۇ زىيارەت خاتىرىسى تېلىۋىزىيە فىلىمى شەكلىدە.
فىلىمنى كۈرۈش:
1. بىلىۋالدىن چۈشۈرۈپ كۈرۈش:
http://www.biliwal.net/shohrat/shohrat-mitalip10.wmv
2. Youtube دىن كۈرۈش:


[Full Screen]

3. بىلىۋال تور بېتىدىكى بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇن:
http://biliwal.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&p=5648#5648

4. ئالىم شوھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشكە چاپلانغان ماقالە:
http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=30422

5. ئالىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگىلىسچە يېزىلىشى Shoukhrat Mitalipov ، قىزىقىدىغانلار مۇشۇ ئىسىم بىلەن google ياكى baidu تورىدىن ئىزدەپ باقسا بۇلىدۇ.
خەنزۇچە ئىسمى 米塔利波夫 دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.

6. جۇڭگۇ دۈلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەر ۋە ئوبزورلار:
:http://news.cctv.com/world/20071116/100008.shtml CCTV
http://www.cctv.com/video/worldwidewatch/2007/06/worldwidewatch_128_20070621_11.shtml: CCTV
http://news.sina.com.cn/w/2007-11-13/080012893124s.shtml :新浪网
http://news.sina.com.cn/o/2007-11-14/140212902614s.shtml: 新浪网
http://tech.sina.com.cn/d/2007-11-13/19121850177.shtml :新浪网
http://www.chinanews.com.cn/jk/xpxz/news/2007/11-15/1078296.shtml :中国新闻网
http://news.qq.com/a/20071115/001415.htm : 腾讯网
http://www.cass.net.cn/file/20071126105211.html:中国社会科学院
http://paper.people.com.cn/dd/html/2007-11/15/content_33630552.htm :人民网

قالغانلىرىنى ئۈزەڭلار ئىزدەپ كۈرۈڭلار. بەك جىقكەن.

يەنە تورداشلار بۇنى كۈرگەندە ئېچىلىش ياكى چۈشۈرۈش ئاستا بۇلسا قىلالايدىغان تورداشلىرىمىز بىىلىۋالدىن ھۈججەتنى چۈشۈرۈپ جۇڭگۇدىكى 土豆 دىگەندەك تور بەتكە چىقىرىپ قويۇپ ئۇلىنىشنى ماڭا بەرسەڭلار. مەن ئۈستىگە قېتىپ قوياي. يەنە مۇشۇنداق فىلىم ئىشلەش تەجرىبىس بار تورداشلىرىمىز ياردەم قىلىپ مەنمۇ ئىشلىشىپ بىرەي دىسە بىلىۋال تورىدىكى قوربانجان بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ.

Jeck تەييارلىدى.
تۈگىدى.
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺲ:ﺟﯧﻚ ﺗﻮﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ :
http://www.uighur.cn/blog/more.asp?name=Jeck&id=11244
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻖ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯛﯓ.

(ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﺟﯘﻣﺎ، ﺩﻩﻧﺸﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ )

**********************************
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى بۈگۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە كۆردۈم، شۇنچە مۇھىم ئىشلاردىن بىلىك ئەھلىنىڭ تېخىچە بىلمەي يۈرگىنىنىدىن ئىچىم پۇشۇپ، يازما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا يوللىغاچ تۇردۇم. ئەگەر باشقىچە پىكىرى بولسا ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ . يازما ئاپتورى بىلىشمچە بىلىك كۇلۇبىدىكى تەكلىپلىك ئەزا Jeck بولىشى مۇمكىن. جېك ئەپەندىنىڭ مېھىنىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
مەنبەدە ۋىروس بولغاچقا ۋاقتىنچە ئەسكەرتمەي تۇردۇم.



مەزكۇر تېمىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغانلىقى ئۈچۈن   بىلىك تورىدىن شەبنەمگە يۆتكەپ كېلىندى ....

سۈمەييە تەستىقلىدى



دىلىڭ سەرخىللارغا باقسۇن ، تىلىڭ ئاۋامغا باقسۇن !

http://www.xipalwan.cn
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 15:11 چوققىغا قايتىش
komandir



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 338
شۆھرەت: 339 نۇمۇر
پۇل: 3130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:212(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆتكەندە بىر سى بۇئالىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئسمىنى پائول دىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر چەتئەلچە ئىسىمنى دەۋاتقان ئىدى ،تورداشلىرىمىز بەزلىرى بۇنىڭغا قاراپ مۇسۇلمان ئەمەسكەنەي دەپ سەلبى ئوي پىكىردىمۇ بولغان ،بۇ قېىتىم ھەرنىمە بولسا بىر قەدەر ئىنىق مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولدۇق ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 16:02 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 208
شۆھرەت: 209 نۇمۇر
پۇل: 2080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈندۈم ... ئىشلىرىنىڭ تىخىمۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىشىغا تېلەكداشمەن ... ھەم بۇلارنى ئوقىۋىتىپ ئۆزۈم توغىرلىق ئويلىنىپ قالدىم ...

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 16:29 چوققىغا قايتىش
XAKILAT@KIZ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 1480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:105(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت ھارمغايسز.

Nurluk elani

مەن ياشايمەن
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 17:09 چوققىغا قايتىش
XJpalwan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 233
شۆھرەت: 234 نۇمۇر
پۇل: 2330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سۇرەتلىك فىلىم چىقمىغان بولسا بۇ ئادىرىسقا كىرىپ كۆرۇڭ : http://www.youtube.com/watch?v=d72uP9vqy5I

كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!

دىلىڭ سەرخىللارغا باقسۇن ، تىلىڭ ئاۋامغا باقسۇن !

http://www.xipalwan.cn
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 18:28 چوققىغا قايتىش
kuk



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[algn=center]پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل سوغا!!!!!!n][/align]
مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت بولدى!!!!!
چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر باشقا مىللەت ئەمەس!!!![/alig
ign=center][ali


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 19:17 چوققىغا قايتىش
kuk



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل سوغا!!!!!! ]
مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت بولدى!!!!!
چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر باشقا مىللەت ئەمەس!!!!!]


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 19:20 چوققىغا قايتىش
ali0999



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تېما ناھايىتى ياخشىكەن مەن بۇ تېمىنى كۆرۇپ بۇ ئۈيغۇرۇمدىن پەخىرلەندىم ..... تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 21:24 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1032
شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
پۇل: 10161 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:333(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




بىلىۋال تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان بىلەن بىللە

jeck, qurbanjan, we alim






Nurluk elani

زورىگۈل قۇتئال

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 17:32 چوققىغا قايتىش
koktax



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالىمنىڭ تېنگە سالامەتلىك،ئائىلسىگە بەخىت،تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 17:49 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:24, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije