يېڭى يىللىق سوۋغا
(چاقچاق)
شەبنەم گە:
شەبنەم بىزنىڭ ئۆيىمىز!
بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز!
ھيتلىق مائاش جىملىغۇ؟
بىر چۇشەنچە بەرگەيسىز؟
فىرقەتكە:
ئىسىل خىسلەت ۋايىغا يەتكەن،
قايىل بولماي تۇرالمايمىز ھەم.
دوستلار ئۇچۇن شام چىراق بۇلۇپ،
ئۆزگە ئۇچۇن يىگەنتىڭىز غەم.
بارچە كۆڭۇل قايىللىق بىلەن،
ھۆرمەت چېيى سۇنىمىز سىزگە.
قانداق ياشاش،قانداق تاللاشنى،
ھەرقەدەمدە ئۆگەتكەچ بىزگە.
ئىزلىرىڭىزدىن ئۈنگەچ قىزىل گۇل،
ھۆرمەت يېشى كۆزلەرگە تولدى.
بىزدىن ھەردەم سىزگە يانغىنى،
پەقەت قۇرۇق(رەھمەت)لا بولدى.
ئاجىز ئىكەن مەندە بۇقەلەم،
ئېيتالمىدىم نۇرغۇن سۆزلەرنى.
يازغانلىرىم بولسىمۇ چالا،
چۇشەنگەيسىز ئاجىز ھىسلارنى.
ئەركزات قا:
(قارا بوران)(ئەركزات)،
ھېيتلار خوشال ئۆتكەندۇ؟
بوۋاقلارمۇ چوڭ بۇلۇپ،
(تە،تە)ئىتىپ يۇرگەندۇ؟
بىزدەك شاگىرت بالىلار،
(ئۇماش)ئەتتۇق مۇنبەرنى.
تىزرەك قايتىپ كەلگەيسىز،
رەتكە سېلىپ بۇ يەرنى.
ئۇيقۇ قانماي يۇرەمسىز؟
كۆپ سېغىندۇق بىلەمسىز؟
(دىل بۇزۇر)نى يانپاشلاپ،
كۇندە كۆرۇپ يۇرەمسىز؟
ماتىماتىكا غا:
ئۆتتى كۇنلەر مەنىسىز،
سىز بولمىغاچ مۇنبەردە.
تېپىشماقلار بولمىغاچ،
مۇگدەك باستى بۇ يەردە.
ھېيتلىق ئارام تۇگىسۇن،
تېپىشماقلار باشلايلى.
فورمۇلانى يىشەلمەي،
بېشىمىزنى قاشلايلى.
كۆپ ئىزدىدۇق سىزنى بىز،
تاپالمىدۇق بىرەر ئىز.
يەڭگەم سولاپ قويدىمۇ،
ئېنىق جاۋاپ بېرەرسىز؟
ئۇچقۇن غا:
ئۇچقۇن كەبى ئۆزىڭىز،
مۇنبەردە ئاز سۆزىڭىز.
چايخانىدا ئەجەپ چوڭ،
تالانت ھەم رول،يۇزىڭىز.
شىئېر،نەسىر،ماقالە،
ئۇقۇپ ھەردەم ھارمايسىز.
كىرىپ قۇيۇڭ مۇنبەرگە،
(ئاق ئۆرۇك)سىز بىلىمىز.
جۇدۇن غا:
جۇدۇن ئۇكام بارمۇسىز؟
ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىز؟
ھېلى كىرەي مانا دەپ،
ئالداپ قۇيۇپ قاچتىڭىز.
شىئېريەتتە شاھدۇرسىز،
بىزنى تاشلاپ قاچماڭسىز.
شاگىرت بالىلار تىزىلدى،
دەرسنى قاچان باشلايسىز؟
پەرۋېن گە:
ۋاي پەرۋېنجان بارمۇسىز؟
قەيەرلەردە يۇرۇيسىز؟
فىرقەتجاننى بۆزەك قىپ،
يۇمۇر پەيزى سۇرۇيسىز.
(خۇتۇن نەدە،بىزنەدە)،
ئويلاپ سەگەك تۇرىسىز.
شۇڭا قوش قول قۇيىمىز،
ئۇستازلارنىڭ بىرىسىز.
گۇلسەنەم گە:
جېنىم دوستۇم بارمۇسەن؟
قەيەرلەردە يۇرگەنسەن؟
(نەسىر)توپلاپ بۇلالماي،
ئىلھام تېرىپ يۇرەمسەن؟
قايدۇ قىزى غەيرەتلىك،
پاراسەتتە يىتىلگەن.
چىن دوستلۇقنىڭ شەنىگە،
قېنى قوللار بېرىلگەن؟
(ئاشنا قىزلار)تېپىلماي،
(ئۆلتۇرۇپ)لا قۇتۇلماي.
ئۆزۇڭ يوقاپ كەتتىڭغۇ؟
كىرگىن بىزنى ئۇنتۇلماي!
قول بېرىشكەن ئالتە قىز،
يوللىرىڭغا تەلمۇردۇق.
ئىزدەپ سىنى ھەر كۇنى،
مىسرالارغا يالۋۇردۇق...
بولدى بىزنى قىينىما،
قايتىپ كەلگىن بۇ سەپكە.
ئەجەپ باغرىڭ تاش ئىكەن،
بىزنى قويدۇڭ ھەسرەتكە.
چىن مودەن گە:
چىن مۆدەن بەكمۇ گۇزەل،
تۇيغۇ بەردىڭ ماڭىمۇ.
مۇشۇ ئايەم كۇنلەردە،
چاخچاق قىلدىم ساڭىمۇ،
ئاتتى تاڭلار قانچى رەت،
مۇشائىرە ئېيتىشىپ.
چىن دوستلۇقنىڭ مىھرىنى،
گۇلخان كەبى يېقىشىپ.
سۆيۇنگەچكە دوستلۇقتىن،
تىزلا كەتتۇق چىقىشىپ.
بەكلا مەمنۇن مەن بىلسەڭ،
سەندەك دوستقا ئېرىشىپ.
خىسلەت كە:
(نېرى تۇرغىن)دىگەنچە،
توختاپ قالدى قەلىمىڭ.
(ھەرىلەر)يا چاقتىمۇ،
بارمۇ بىرەر ئەلىمىڭ؟
ئېغىر-بېسىق ،سىپايە،
بىز دوستلارنىڭ پەخرىسەن.
ئىجادىيەت بابىدا،
مەڭگۈ چاقناپ تۇرغايسەن.
لەيلى0317غا:
خۇشچاقچاق ھەم خۇشپىئېل،
كۇلكە ئۆچمەس چېھرىڭدىن،
سۇيۇنمەكتە بارچە دوست،
ئىلھام يىغىپ مىھرىڭدىن.
شۇنچە كەسكىن سۆزلىرىڭ،
كىممۇ قايىل بولمىسۇن.
مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن،
ساڭا ئازار يەتمىسۇن!
سۇمەييە گە:
(چىركىنلىكتە نىدا)لار قىلىپ،
لاتاپەتتە چاقنايسەن پارلاپ.
سىنى كۇيلەپ ئۇپرايدۇ قەلەم،
بېرەي سىنى قانداق ئىزاھلاپ؟
مىھرىڭ بىلەن يەتكۇزدۇڭ دوستلۇق،
پەقەت بىلەي كۆڭۇل قېتىمدا.
جېنىم دوستۇم تەشەككۇر بولسۇن،
كەلگەن ئىدىڭ غەمكىن چېغىمدا.
ھىلالەگە؛
(ئېپ قاچقۇدەك يۇرەكلەر)چىقماي،
يۇرگەنسەنمۇ تېنەپ-تەمتىرەپ.
يىراق يۇرتتا ئۆتكۇزدۇڭ ئايەم،
قالغانسەنمۇ يەنە ياتسىراپ؟
ئارلىق يىراق بولغاچقا شۇنچە،
بەزەن سەندىن قالدىم ئەنسىرەپ.
كۆرسەم توردا گاھىدا سىڭلىم،
سېغىنىشىم ئاشتى ھەسسىلەپ.
بىپەرۋاغا:
كەلدى ئايەم بىلدىڭىزمىكىن؟
يا پەرۋاسىز يۇردىڭىزمىكىن؟
بارماق بولدۇق ھېيتلاپ جامائەت،
بىرەر پاقلان سويدىڭىزمىكىن؟
موللا پوك پوك قا:
(كىشىلەرھەر ھەر نىمە كويدا)،
بىلمەك تەستۇر سىز نىمە ئويدا.
كۇندە نەچچەيۇز ناخشىنى تىڭشاپ،
بۇلۇپ قالماڭ سازلارغا سەۋدا.
قۇشۇق قا:
ئەجەپ غەيرى ئىسمىڭىز،
كۆپ تەھلىل قىلىپ كەتتۇق.
ئاددى ياكى مۇرەككەپ،
دەپ باھا بېرىپ يەتتۇق.
ئوتياق قا:
شىئېر-قوشاق نەزمىدە ،
پەمىڭىز بار ئۆزگىچە.
زەپ مەنىلىك يازىسىز،
تېما-ئىنكاس سۆزگىچە.
ئوت يۇرتىدىن بۇلامسىز؟
يا ئوت يېقىپ يۇرەمسىز؟
مەنىسىنى ئىسىمنىڭ،
بىر چۇشەنچە بېرەمسىز؟
مىھرىگىياھقا:
(مەن باھارنى سېغىنغان كېچە)،
زەپمۇ ئۇزۇن ھۇكۇم سۇردى بۇ زۇلمەت.
ئاتماس تاڭلار،كەلمەس ئۇيقۇشۇمەھەل،
دېرىزىگە تەلمۇرگەنسەن قانچە رەت؟
گۇلى رەناغا:
تەرىپىڭىزنى كۆپ ئاڭلاپ،
ھىچ مۇيەسسەر بولمايمەن.
مانا يولنى مەن ئاچتىم،
جاۋابىڭىز ساقلايمەن.
ئىلھام دىگەن سىزدىلا،
تۇكۇلۇپلا تۇرامدۇ؟
ئۇنداق قىلماي بىزگىمۇ،
بېرىپ تۇرۇڭ بۇلامدۇ؟
ئۇيغۇر839غا:
ئۇيغۇر ئۇكام ئامانمۇ؟
ھېيتتا يوققۇ سالاممۇ؟
مۇبارەكلەپ ئۇتۇشسەك،
بولماس ئىدى يامانمۇ؟
نازۇك چىمەنگە:
ساقسىز بوپسەن ئاڭلىسام،
كۆپ تەشۋىشتە يۇرىمەن.
سەن سېغىندىڭمۇ مىنى،
مەنغۇ ئەسلەپ تۇرىمەن.
اللاھ ئىگەم بەرسۇن شىپاھلىق،
تىزرەك كەلگىن ئەسلىڭگە يېنىپ.
قولنى قولغا تۇتۇشۇپ يەنە،
ياشىغايمىز مىھرىڭگە قېنىپ.
مۇسەللەسكە:
(كەتسەم يىراققا مەيلىمۇ)،
دەپ سۇئاللار سورىغان.
قېرىندىشىم بارمۇ سىز؟
(خائىن ھىس)لار ئويلىغان.
(مۇسەللەس)تۇر ئىسمىڭىز،
(ئاۋات)تىنمۇ ئۆزىڭىز؟
كۇندە بارسىز مۇنبەردە،
بەكلا ئازغۇ سۆزىڭىز؟
پەيكارغا:
(دىئاگنوزنى)قويغانتىڭىز شەبنەمگە،
داۋالاشنى قاچانلاردا باشلايسىز؟
چاخچاقلارنى قۇيۇۋەتتۇق ھاۋاغا،
جاۋابىنى ھۆرمەت بىلەن ساقلايمىز.
چىمبۇلاق قا:
يۇمۇر-چاخچاق ئاتىسىز،
(فىرقەت)دىگەن ياۋاشقا.
كەلدۇق قىزلار ئاتلىنىپ،
ئاجىزلارنى قوغداشقا.
گىتتار،ناخشا دىگەننى،
ئەجەپ مۇڭلۇق سايرىتىپ.
مىسكىنلەرگە دىل ھۇزۇر،
نەغمىلەرنى ياڭرىتىپ.
ئايەم كەلدى مانا بىزلەرگە،
چېلىپ بېرىڭ (چىمبۇلاق).
دوستلار تىزدىن تۇرۇڭلار،
كىم مۇگىدىدى؟كىم ئويغاق؟
تاڭ ساباسىغا:
تاڭ ساباسى بەك ئىللىق،
سىزمۇ شۇنداق ئىللىقمۇ؟
دوستلۇق قولى سۇندۇممەن،
قوپال تىگەمسىز سىللىقمۇ؟
دىلرۇس قا:
(مەيلى سەندىن كەلمسىمۇ خەت)
مەن دوستلۇققا تاللايمەن ئەبەت.
(تۇندىكى ئازاپ)لىرىڭغا سىرداش،
بۇلالايمەن قول بەرسەڭ پەقەت.
گۇلزاد قا:
گۇلزاد خېنىم تىچلىقمۇ؟
گۇلزارلىقتا يۇرەمسىز؟
بەك گۇزەلكەن گۇلىڭىز،
ماڭا بىرنى بېرەمسىز؟
(قىزلار دۇنيانىڭ جۇلاسى)
ئىككىمىزمۇ بۇلايلى ھەمرا.
(بەزەن ئاچچىق كۇلۇپ) كەتسىڭىز،
مەنمۇ بۇلاي كۇلكىگە جورا.
نەبىرە گە:
(كىشىلىك ھاياتتىكى بەخىت)كە،
ئېرىشتىڭىزمۇ بىلمەيمەن.
دوست دەپ ئويلاڭ،ئويلىماڭ،
سىزگە بەخىت تىلەيمەن!
گۇلگىنە گە:
(مومام ئېيتقان چۆچەك)تىن،
ھوزۇر ئالدىم قاتاردا.
(يىگىتلەرگە تەكلىپ)نى،
ئۇقۇپ كۆردۇم ياناردا.
لوپنۇرلاردىن ئوخشايسىز،
تاتلىق كۇلۇپ قانمايسىز.
ئۇرۇمچىگە كەلسىڭىز،
مىنى يوقلاپ يانغايسىز.
مۇستەقىلە گە:
بېلەت تاشلاپ قويغانتىم،
نەتىجىسى چىقتىمۇ؟
تەمتىرىمەي سەھنىدە،
ئاۋازلار ساز چىقتىمۇ؟
ئامراقكەنسىز ناخشىغا،
مۇنبەرگىمۇ يوللاپسىز.
ياخشى كۆرگەن نەرسىدىن،
ئورتاق ھۇزۇر ئويلاپسىز.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،
يۇكسەلگەيسىز كۇنسىرى.
ناخشا دىگەن ئاجايىپ،
ئېيتىلىدۇ ساپ دىلسىرى.
مەرىپەتكە:
(قارياققان كېچە)لەردە،
(چىن ئەقىدە)يىزىپسىز.
ھىسلىرىڭىزنى ئۇنچە قىپ،
بۇ مۇنبەرگە تىزىپسىز.
تىرىشچانسىز مەرىپەت،
دىلدا بولغاچ مۇھەببەت.
(چىقىشقاق دوستقا ئامراق)
دەپسىز شۇڭا مەرھەمەت!
شوخقىز0997غا:
ئىشىنىمەن بەخىت سىنىڭ پىشانەڭدە،
پەرى سۇپەت سەبىي قىزسەن بىلەرمەن.
بۇلاقتەك كۆزۇڭدىن ئاقمىسىكەن ياش،
ئۆمۇرلۇك بەختىڭنى ھەردەم تىلەرمەن!(ھەدىڭىز) .
جاللات خېنىم غا:
نىگارئايدۇر ئىسمىڭىز،
ۋولقان،ئاتەش جىسمىڭىز.
ئەجەپ كەتكۇم كەلمەيدۇ،
سىز مۇنبەردە تۇرسىڭىز؟
سىزنى چىن دوست بىلىمەن،
مىنىمۇ ھەم دوست بىلسىڭىز.
ئالدىمىزدا داۋان كۆپ،
ھەمدەم بۇلۇپ تۇرسىڭىز.
بۇ مۇنبەرنىڭ گۇلىسىز،
ئۆتكۇر شىئېر تىلىڭىز.
ھەممەيلەن قول قۇيىمىز،
بىردەك بولغاچ دىلىمىز!
(چېقىمچىنى) سۆكىسىز،
(چاشقانلار)نى تېپىسىز.
دىلى چۇشكۇن ياتقاننىڭ،
ئۇلگە بۇلۇش تىپىسىز.
نۇرى0996غا:
(ھېجران ئوتى ئۆچمىدى تېخى)
ئۇچەيمۇ دەپ قالغاندۇر بەلكىم.
گۇزەل قايدۇ قىزى ئىكەنسىز،
ھەرگىز مىنى دىمەڭ ھە(سەن كىم)؟
مەن تۇنۇيمەن سىزنى ئەزەلدىن،
زىلۋا بوي،قاراكۆزھەم ئۇزۇن چاچلىق.
ھەقىقى ئۇيغۇر قىزى دەيدۇ كۆرگەنلەر.
نازاكەت بابىدا شۇنچە سۇمباتلىق.
يىڭى يىللىق يوللۇدۇم سالام،
تۇنۇشۇشقا بولسۇن بىر سەۋەپ.
جاۋابىنى يوللاپ قۇيارسىز،
ھىس قىلغايمەن ھەقىقى شەرەپ.
كۆك تۇلپارغا:
كۆك تۇلپار ئوماق ئۇكام،
ئېتىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن.
ئەل ئۇچۇن تۇزگەن پىلان،
تىزدا يېرىم قالمىسۇن.
كىچىك تۇرۇپ ئۆزىڭىز،
ئەقلىڭىز ئەجەپ يوغان.
ئىشەنچىمىز بەكمۇ زور،
سېلىپ قويماسسىز توغان؟
يىلان غا:
يىلان ئۇستاز بارمۇسىز؟
ئازلاپ كەتتى يازمىڭىز؟
(تارىخ بەتلەرئۇخلىمىغاي)،
دەپ قۇيۇپلا قاچامسىز؟
ۋەزىپىڭىزبەك ئېغىر،
تەھرىر سىزگە قاراقلىق.
تاشلاپ كەتمەڭ بىزلەرنى،
سىزدەك دانا ساناقلىق.
ئۇچقۇن ئۇيغۇرغا:
ئۇزۇن بولدى كۆرۇنمەيسىزمۇنبەردە،
(يولۋاس)قوغلاپ ئۇڭكۇرلەردە ياتامسىز؟
ئۇچۇر يوللاپ،ئەھۋال سوراپ قۇيۇپلا،
بىخارامان بىزنى تاشلاپ قاچامسىز؟
ئۆتكۇر ئىدى خېلى سىزنىڭ تىلىڭىز،
ئۇزۇن بولدى كۆرۇنمەيدۇ خېتىڭىز.
ئۇنتۇپ قالماي كىرىپ تۇرۇڭ مۇنبەرگە،
ئىلھاملارغا جۆربۇلۇپ كۇي قاتىمىز.
ئالپامىش قا:
ئالپامىشجان نىمە بولدى؟
مۇنبەرلاردە يوققۇسىز؟
كۇلدىنىڭىز ئوبدانتى...
چاقماي تۇرغان بولسىڭىز؟
تەپەككۇرنىڭ پىرىسىز،
ھەيرانۇ ھەس قالىمىز.
كىرمىسىڭىز بىرەر كۇن،
شۇڭا بىلىپ قالىمىز.
ئىشەنچ كە:
ئىشەنچ ئىكەن ئىسمىڭىز،
شۇڭا سىزگە ئىشەندىم.
بۇ چاخچاقتا سىزنىمۇ،
ئۇنتۇماي دەپ ئويلاندىم.
سىزگە بولغان ئىشەنچلەر،
تىيانشاندەك ھەيۋەتلىك.
بىزنى قويماي نائۇمىت،
جاۋاپ يىزىڭ غەيرەتلىك.
نۇر65كە:
كىلىپ قالدى قوش بايرام،
شۇڭا چاخچاق يوللۇدۇم.
ئۇنتۇپ قالماي سىزنى دەپ،
دەسلەپتىلا ئويلۇدۇم.
تەنلىرىڭىز سالامەت،
تىنچ-ئامان تۇرغانسىز؟
يەڭگەم كەتتى چوڭ ئۆيگە،
كىرنى قانداق يۇغانسىز؟
تەنھا سۆيگۈگە:
(يۇرۇگۇمنى ئوغرى ئالدى خالايىق)؟
ئالا-چۇقان كۆتۇردۇققۇ توساتتىن؟
تەنھامەن دەپ كۆپ پەرىشان يۇرسىڭىز،
قايسى قىزكەن ئېلىپ قاچقان قوقماستىن.
باغۋەن گە:
مانىۋېرىڭىز بەك قاتتىق،
ئەجەپ يامان باغۋەنسىز.
ئالماي تۇرۇپ بىر خوتۇن،
(ئۆلتۇرۇش)نى ئويلامسىز؟
(ئۆلتۇرىمەن)دەپ قۇيۇپ،
مۇنبەر تولدى مۇسىبەتكە.
ئاتاكىغا ئۆتسىڭىز،
بارامدۇق يا سۆھبەتكە؟
ئەرتېكىن غا:
باھالاپ بېقىڭ قېنى ئەرتېكىن،
تەۋسىيەنى تۇلۇق قىپ بولدۇم.
ئۆزۇم چاغلىق بولساممۇ گەرچە،
چاخچاقلارنى يىزىپ قويدۇم.
باھالاشتا بارمۇ پۇرسەت ماڭىمۇ،
مۇنبەرداشلار ئېيتىپ باقسۇن رازىمۇ؟
كېرەك ئەمەس ماڭا تۆھپە،شۆھرەتلەر...
تاماخورنىڭ ھەتتا بولماس يازىمۇ.
گۇلزارلىق باغ قا:
ئۇزۇن بولدى يوققۇ سىز؟
مىۋەسىراپ كەتتۇققۇ.
سىز ئەۋەتكەن مىۋىنىڭ،
قەدرىگە ئەمدى يەتتۇققۇ.
ئىز-دېرەكسىز يوقىماڭ،
دوستلار تىت-تىت بۇلىمىز.
ئەمدى قايتىپ كەلمىسىڭىز،
ئۆيىڭىزگىلا بارىمىز.
تۇركىي گە:
(سېسىپ كەتتى يۇرەك)دەپ،
ساپ ھاۋانى ئىزدىنىپ.
قەيەردىمۇ يۇرگەنسىز،
بىۋاپاغا تىزلىنىپ؟
يىڭى كىلىن تىنچلىقتۇ؟
سالامىمنى يەتكۇزۇڭ.
مەن بارىمەن ئارىدا،
قېنى لەغمەن ئەتكۇزۇڭ.
نەپرەت كە:
نەپرەت ئۇكام تىنچلىقمۇ؟
سالام شۇنداق بۇلامدۇ؟
گەپمۇ قىلماي ئىنىسى،
ھەدە سالام يوللامدۇ؟
يىڭى يىلدا سىزگىمۇ،
يىڭى قۇتلار يار بولسۇن.
غەيرەتلىنىپ قەلەملەر،
ئىلھاملارغا لىق تولسۇن.
ئەلگە نەپ كە:
ئونبەش ياشلىق سىڭىلغا،
نەسىھەتلەر بەك كېرەك.
سىزدەك ئاكا بولسىدى،
ھەممىسىنى ئەگكۇدەك.
بىر قۇلىڭىزدا شەمشەرنى،
كۆتۇرۋاپسىز بەھەيۋەت.
سۇلياۋمۇيا قەغەزمۇ؟
پولاتمۇيا كەسكۇدەك؟
ئىزغا:
(ساختا پۇل)نى ياساپسىز،
لەغمەننىمۇ يەۋاپسىز.
ئىزلىرىڭىز قېلىپتۇ،
تۇتۇلارمەن دىمەپسىز؟
باياۋانغا:
باياۋاندا يالغۇز ماڭامسىز؟
ياكى تۆگە ئاتقا مىنەمسىز؟
گەر قاپسىلىپ قالسىڭىز چۆلدە،
تۆگىلەرنى تىرىكلا يەمسىز؟
توغراققا:
توغراق ئەزەلدىن چىدام غەيرەتلىك،
سىمۋۇلىدۇر ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ.
سىزمۇ شۇنداق جەسۇر ،باتۇرمۇ؟
غېمىنى يەپ يۇرگەن ئەللەرنىڭ؟
پەرىدە گە:
پەرىدە قىز مىھمانسىز،
قېنى تۆرگە مەرھەمەت.
يىڭى كونا دىمەيمىز،
تارتىنمىغايسىز پەقەت.
تۇلپار يۇرتى غا:
شەبنەم بىزنىڭ ئۇيىمىز،
دەپ شۇئارلار توۋلاشتۇق.
مۇنبەر مارشى ياڭرىتىپ،
كۆڭۇللەرنى ئوۋلاشتۇق.
مىھرىمىز بار ھەممە قېرىنداش،
قەدىرلىسەك خۇددى ئۇيۇلتاش.
چاخچاق كەتتى جاۋاپ يازارسىز،
ئولتۇرايلى سالام قىلىشقاش.
جۇدا غا:
(تۇرمىدىن قېچىش)نى ھارماي يوللايسىز،
بىزمۇ ھارماي كۆرۇپ تۇرىمىز.
قېچىپ يۇرمەڭ فىلىمنى دوراپ،
قاچسىڭىزمۇ تۇتۇپ كىلىمىز.
ئالماس قا:
ئالماس ئاتلىق بىر يىگىت،
يوقاپ كەتتى تۇيۇقسىز.
تۇتۇپ كەلسە كىم ئۇنى،
قالدۇرمايمىز ئۇمىدسىز.
شاھزادە گە:
شاھزادىسى مۇنبەرنىڭ،
قائىدىلىك كۇيۇمچان.
بىر شاھزادە ئۆزىڭىز،
قۇلى چېۋەر ھەم ئىشچان.
ئەركھون غا:
(سالام ئۇيغۇر)چىققاش روياپقا،
سۇيۇنگەنتۇق بارچىمىز سىزدىن.
تارىخلارغا كۆڭۇل بۆلىسىز،
ماڭماق بۇلۇپ ئەجداد ئىزىدىن،
يىڭى يىلمۇ كەلدى يۇگۇرۇپ،
چىقالامسىز يەڭلەرنى تۇرۇپ؟
ئاقنى قارا دىيىشسە يەنە،
جاۋاپ بېرىپ تۇرۇڭ ئۇلگۇرۇپ.
مەجنۇنتال666غا:
(ئىچ ئاغرىتىپ بەرمە تەسەللى)،
ئۇمىدىمگە جۆربولساڭ مەيلى.
ئەكەل دوستۇم ئىللىق قۇلۇڭنى،
دوستلۇق بېغىدا قىلايلى سەيلى.
دىلالەگە:
ئۇزۇن بولدى كۆرمۇدۇم،
قەيەرلەردە يۇرۇيسىز؟
ھەدە دەيسىز دائىما،
پەتىلەپمۇ كەلمەمسىز؟
سەۋېر903گە؛
ئوماققىنە بىر سىڭلىم ئۆزۇڭ،
ھېيت-ئايەمدە يوقمۇ بىر سۆزۇڭ؟
ئىزدەپ بېرىپ تاپالمىدىمغۇ،
مۇكۇۋېلىپ نەلەردە يۇردۇڭ؟
ساراڭ غا:
ئەجەپ قىززىق ئىسمىڭىز،
پەشۋا ئېتىپ تۇرىسىز.
ھەممە تېما-ئىنكاسقا،
(ساراڭ)قۇشۇپ يازىسىز.
گەپ-سۆزىڭىز جايىدا،
قول قۇيىمىز گاھىدا.
مەندىن چوڭمۇ ئەمەسسىز؟
سالام قىلدىم ئالدىدا.
پۇرسەت كە:
پۇرسەت سىزمۇ تىنچلىقمۇ؟
پۇرسەت كۇتۇپ تۇرامسىز؟
ھازىر جاۋاپ ئىنكاستا،
ئۇقۇتقۇچى بۇلامسىز؟
ئەسلىمە000غا:
(ئوماق ھەيدى)سەبى قىز،
سالام قىلدى ھەدىڭىز.
خوش بۇلىمەن ئالەمچە،
جاۋاپ يىزىپ قويسىڭىز.
ئەترىبەگە:
ئۇزۇن بولدى خەۋىرىڭىز يوقلىغۇ؟
سىزنى ساقلاپ تېمىلىرىم ئاقلىغۇ؟
ئەنسىرەشتە كۇتمەكتىمىز ھەممەيلەن،
بىلەلمىدۇق تەنلىرىڭىز ساقتىمۇ؟
ئاق لەيلى گە:
(ئاق لەيلى،جان لەيلى سىنى دەپ ئۆلسەم مەيلى)،
چاخچاق يوللاپ قويدۇم جاۋاپ بەرمىسىڭىزمەيلى.
ياكى ئىلىك ئېلىپ سالام قايتۇرسىڭىزمۇ مەيلى.
دوستلۇق گۇلخانىنى قايتا ياندۇرسىڭىزمۇ مەيلى...
مىھىر زەمزەملىرىنى ھەريان تامدۇرسىڭىزمۇ مەيلى.
سۇكۇت315غا:
(تورپوپلىرى،موللامنى)تازا ياخشى سۆكتىڭىز،
ھەممە مەمنۇن بۇلۇشتى كۆپلەپ ئەجىر قوشتىڭىز.
شۇڭا مەنمۇ ھۆرمەتتە بۇ سالامنى يوللىدىم،
پەخىرلىنىپ كۇلىمەن جاۋاپ يىزىپ قويسىڭىز.
توۋا دەيمەن گە:
(جېكسون توۋا دەمدىكەن)،
تۇتۇۋېلىپ تاياقنى.
كۆپ چىچاڭشىپ تۇرۇپتۇ،
ئىچىۋاپتىمۇ ھاراقنى؟
چالىقۇشى غا:
يىڭى كەلگەن ئوماق قىز،
ھەمدەم بۇلۇپ تۇرغايسىز.
بۇندا دوستلار بەك تولا،
خوشال-خورام يۇرگەيسىز.
نۇر-زىيا غا:
(مەن كىمنى ئۆلتۇرەيكىن)،
دىگەچكە سىز قورقۇتۇپ.
قۇلۇم تىترەپ يازالماي ،
قېلىپتىمەن ئۇنتۇلۇپ.
كەچۇرەرسىز بىرەر رەت،
ئۆلتۇرمەڭ ھە ھەرگىزمۇ؟
دوستلۇق قۇلى سۇنىمەن،
مەيلى (ئۆلتۇر)سىڭىزمۇ.
flash(تاھىرجانغا)
فىلاش ئىكەن ئىسمىڭىز،
كارتون فىلىم ئىشلەمسىز؟
بۇ مۇنبەرگە بىرەرتال،
(ئالبوم)ئىشلەپ بەرمەمسىز؟
يۇلتۇز222غا:
ئىسىمداشىم،يۇرتداشىم،
سىزنى ئۇنتۇش ھەددىممۇ؟
ھەممىگە سوۋغا بېرىپ،
سىزگە بەرمەي دەيتتىممۇ؟
گەريىراقتا تۇرسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز،
قۇلىقىمدا ئېيتقان ھەربىر سۆزىڭىز.
يايرىمامدۇ مىنىڭ كۆڭلۇم سىز بولغاچ،
ھەر دەقىقە مەدەت بېرىپ تۇرسىڭىز.
ھەسەن-ھۇسەنگە:
سىزنى باشتا يازاي دىگەن ئەسلىدە،
يامغۇرياغماس ئىكەن بۇ قىش پەسلىدە.
يامغۇر ياغماي كۆرەلمىدىم سىزنىمۇ،
مۇكۇۋالغان ئىكەنسىزدە ئەسلىدە؟
ئۆتكۇنچى نۇرغا:
پىل_پال قىلىپ قالىسىز،
قارىغۇچە يۇتىسىز.
قېچىپ كەتمەڭ يىراققا،
بىكار ئاچچىق يۇتىسىز.
چاخچاق قىلدىم يىڭىچە،
جاۋاپ بېرەر دوستلاردەپ.
ئۇنتۇپ قالسام يىغلىماي،
قىلىپ قۇيۇڭ سىزمۇ گەپ.
رەشىدەگە:
قېنى دوستۇم مەرھەمەت،
تۆرگە چىقىپ ئولتۇرۇڭ.
كونا-يىڭى دىمەيمىز،
كۇندە يوقلاپ كەپ تۇرۇڭ.
بەكمۇ ئىناق بىز قىزلار،
مىھرىمىزدىن كۆپ ئىزلار.
سىزمۇ بېرىڭ قوللارنى،
شۇندا ھىسلار تىزىلار.
ئىسمى يوقلار ھەرگىز ئالدىرماڭلارھە؟ئاستا-ئاستا كىلەي،يېرىم كۇندە مۇشۇنچىلىك يازدىم ،خۇدايىم بۇيرىسا ئەتىگىچە ھەممەيلەنگە يىزىپ بۇلىمەن....
ماۋۇ ئىسمى چىققانلار جاۋاپ يىزىپ رىغبەتلاندۇرۇپ تۇرارسىلەرھە؟ئىسىت قۇلۇم دەپ كەتمەي يەنە؟[/align]