تۇتىنكامون بۇنىڭدىن 3300يىل ئىلگىرى ئۆتكەن مىسىرنىڭ ياش فىرئەۋىنى. ئۇ ئىلگىرى ئالتۇن تەخت ئۈستىدە تۇرۇپ بىر چوڭ ئىمپىرىيەگە ھۆكۇمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ ھۆكۇمرانلىق قىلغان ۋاقتى قىسقا بولۇپ، 18ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۇپ كەتكەن. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆلۇپ كەتكەن بولغاچقا ،ئۇ ھەيۋەتلىك پىرامىدا قەبرىگە دەپنە قىلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەن. ئۇنىڭ قەبىرىسى كۆزگە ئاسان چېلىقمىغاچقا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ھېچكىم بايقىمىغان.
ئارخىئولوگ خوۋارد .كات مىسىر تارىخىغا پىششىق بولۇپ، تۇتىنكاموننىڭ قەبىرىسىنى تېپىش ئۇنىڭ ئارمىنى ئىدى. 1903-يىلى ئۇ ياردەمچىلىرىنى باشلاپ ھۆكۇمرانلار جىلغىسىدىكى ھەربىر سۇڭ يەرنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۇردى. 1922-يىلى11-ئاينىڭ 5-كۈنى ،19يىل تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىرى تۇتىنكاموننىڭ قەبرىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى تاپتى. ئۇ يەنە بىر فىرئەۋن رامسېسىلⅥ نىڭ قەبرىسى ئاستىدا بولۇپ تاشلار ئىچىگە قېزىلغان.
بۇ 3300يىلدىن بېرىقى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان فىرئەۋننىڭ قەبرىسى بولۇپ، مىسردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قەبرە ، شۇنداقلا مىسر ئارخىئولوگىيە ھەتتا دۇنيا ئارخىئولوگىيەسىدىكى زور بايقاش ئىدى. كات ئىلگىرى بۇ ياش فىرئەۋننىڭ قەبرىسى ئىچىدىكى بۇيۇملار بىر قەدەر ئاددى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدى. تۇتىنكاموننىڭ ئۆمرىدە قىلغان بىردىنبىر نەتىجىسى ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن دەپنە قىلىنغانلىقى ئىدى. بۇ سۆزنىڭمۇ ئاساسىي بار ئىدى.قەبرىنىڭ بايقىلىشى قەدىمقى زامان مەدىنيىتىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇرىشى ئىدى.مىسىر مەدىنيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئالتۇن نىقاپ، ساپ ئالتۇندىن قىلىنغان جەسەت ساندۇقى، ساپ ئالۇندىن نەقىش چىقىرىپ ئويۇلغان ، ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن ئالتۇن تەخت، قەبرە ئىچىگە توشقۇزىۋېتىلگەن ئالتۇندىن ياسالغان نەقىش ئويمىلار، مۇكەممەل ساقلانغان مومىيا...بارلىق نەرسىلەر كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى...3300يىل بۇرۇنقى مىسرلىقلارنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن ھارىزقى زامان كىشلىرىنىڭ قانداق پەرقى باردۇ؟
تۇتىنكامون قەبرىسىنىڭ بايقىلىشى دۇنيا ئارخىئولوگىيە ساھاسىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ئىدى، شۇنداقلا ئارخىئولوگىيە دۇنياسىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. بارلىق قېزىپ چىقىرىلغان بۇيۇملار 10000دىن ئارتۇق بولۇپ،ھەممىسىلا باھاسىز بۇيۇملار ئىدى.كات 3يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بارلىق بۇيۇملارنى گۆردىن يۆتكىدى. مىسىر ھۆكۈمىتى 10يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇلارنى يۆتكەپ قاھىرەگە ئېلىپ كەلدى. قاھىرە مۇزىيىدىكى بۇرۇنقى يادىكارلىقلار بۇلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالدى. بۇلارنى تەتقىق قىلىش ئۇچۇن بۇندىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ بارلىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى قىممىتىنىڭ تەڭداشسىزلىقى ۋە يۇشۇرۇنغان سىرلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن تۇتىنكامون قەبرىسى دۇنيادىكى 10 چوڭ غەزىنىنىڭ بىرىنچىسى ھېساپلىنىدۇ.
قوشۇق تەرجىمىسى
كېلىش مەنبەسى:
http://it.sohu.com/s2004/top10rare.shtml