ئۇنتۇش
مەمەتجان تىلىۋالدى
ئايرىلدۇق بۇگۇن يۈرەك ھەسرەتتە،
يۇرەلمەسمىز يار ئەمدى كۈلۈشۈپ.
بىرگە ئۆتىمىز دىگەن قەسەملەر،
گۇزەل ئارمانلار سۇغا چىلىشىپ.
يىرتىلدى خەتلەر،ئالبوممۇ قۇرۇق،
سۇلىشىپ قاپتۇ بىزتىككەن گۈللەر.
بىرگە ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ،
ھەسرەت-ئەلەمدىن ئۆرتىنەر دىللار.
يات بولدۇڭ ماڭا،مەنمۇ ھەم ساڭا،
بارالماسمەن يار ئىزدەپ مەلەڭگە.
ئۇنۇتقىن مېنى،مەنمۇ ئۇنۇتاي،
شۇنداقكەن تەقدىر چىداي ئەلەمگە.
ئاپتۇرى:مەمەتجان تىلۋالدى
2008-يىلى2-ئاينىڭ16-كۈنى
ئۈرۈمچى
چىن مودەن تەستىقلىدى