| |||||||||
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | (نەپرەت517) قانداق قىزغا ئۆيلىنەي دەيسىز!!!چىرايلىق ئايال !
شوخ ئايال ! پۇلدار ئايال ! ئىختىدارلىق ئايال ! يىگىت ئاشۇنداق ئۆزگىچە ئاياللار ئىچىدە قايسىسىنى ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق دەپ قارايسىز ؟ چىرايلىقىغۇ ياخشى ! لىكىن چىرايلىق ئاياللارغا كۆز تاشلايدىغانلارمۇ جىق ، چىرايلىق خوتۇن ئالسا كۈندا دەككە-دۈككىدە يۇرۇيدىغان گەپ ، بىراق خوتۇن دىگەن بەك سەت بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بولمىغىنى بىلەن كۈندە سەت تەلەتىگە قاراپ ياشاش ئازاپ ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۇنداقتا ئوزى شوخ ، ئوچۇق-يورۇق ئايالغا ئۆيلىنىڭ شاد-خۇرام ياشايسىز ؟ ياق-ياق ! ئۇنداق ئاياللار سورۇنغا يارىغان بىلەن ئۆي تۇتۇشقا يارىمايدۇ ! تۇرمۇش دىگەن كۈلكە -چاخچاق بىلەنلا ئوخشايدىغان نەرسە ئەمەستە ! پۇلدار ئايالغا ئۆيلىنەمسىز يا .....؟ پۇلغۇ ياخشى نەرسە لىكىن ، پۇلى بار خوتۇننىڭ گىپى يوغان بولىدۇ ، مىھنىتى ئاندىن يامان دەڭە ! ئەمسە قولىدىن ئىش كىلىدىغان ئايالغا ئۆيلىنىڭ، كۆپ غەم تارىتمايسىز ، سىز پۇتتۇردىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق پۇتتۇرۋىتىدۇ . كۈنلىرىڭىز پاراغەتتە ئۆتىدۇ . دىگىنىڭىزغۇ راسىت ، بۇنداق ئايالغا ئۆيلەنسە كۆپ غەم يىمەيدىغان گەپ ، لىكىن «ئائىلە ئەركىكى » بولۇپ قالىدىغان گەپ ، بۇنداق ئاياللار كەسىپكە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بولغانچا ، ئۆي ئىشلىرىغا تازا چولىسى تەگمەيدۇ ! تالانىڭ غىمىنى قىلمىغان بىلەن ئۆي ئىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋىتىدىغان بىر ئىشتە ........! بولمىسا ئىشچان ،ساددا، يۈزى تۆۋەن بىر سەۋرالىق قىزغا ئۆيلىنىڭ ؟ بۇنداق قىزلار كىشىنى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدۇ ، لىكىن يۈرۈش -تۇرىشىزەەەەەەەەەەە ....! ماڭا قاراڭ يىگىت ، مۇشۇنداق تاللا ۋىرىدىغان بولسىڭىز بىر ئۆمۈر بويتاق قىلىشىڭىز مۇمكىن ، جاھاندا ھىچ قانداق ئەيىپى يوق مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ ، ئاياللار گۈزەل بولغىنى ئۈچۈنلا سۆيۈملۈك ئەمەس ! بەلكى سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزەلدۈر! ئۇنداقتا ئۇنى سۆيۈملۈك قىلغان نەرسە نىمە ؟ مۇھەببەت ، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىز بولسا ، ئۇنىڭ كەمچىللىكلىرىمۇ سىزگە ئارتۇقچىلىق بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن ، ئۆزىڭىز سۆيگەن قىزغا ئۆيلەنسىڭىز پۇشايمان قىلمايسىز ، بۇ نۇرغۇن ئەمىلىيەتلەر جەريانىدا ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت ، بىراق ئالدىنقى شەرتى شۇكى ، ئۇ قىزدىمۇ سىزگە نىسپەتەن قىزىقىىش ، سەمىمىيەت بولىشى كىرەك . ناۋادا ئۇمۇ سىزنى سۆيسە بەختىڭىزنىڭ كۈلگىنى شۇ ......! قانۇنچىلىق گىزىتى بىلگار تەھرىرى [ يوللىغانnaprat517تەرىپىدىن2008-03-18 21:16قايتا تە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
lazina522 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاياللار گۈزەل بولغىنى ئۇچۇن ئەمەس بەلكى سۆيۇملۇك بولغىنى ئۇچۇن گۈزەل!
بۇ سۆز بەكمۇ توغرا ئىيتىلىپتۇ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxligim. دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن ئۇيلايمەن گەرچە ۋاي دىگۇدەك چىرايلىق بۇلمىسىمۇ بۇلمىسا مەن كۇندە ئۇنۇڭغا سىز ئاي مەن لاي دىگىلى سالىدۇ ، تۇرمۇشنىنڭ مەنسىنى چۇشۇندىغان مەدەنيەت سەۋسىمۇ تۇۋەن بۇلسا بۇلمايدۇ چۇقۇم تۇلۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرگەن بۇلشى كىرەك پۇتكۇل مىھرىنى ئائىلەم ئۇچۇم بىغىشلىياسا ..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yolwas0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياشلا كۆسە بولغىدەك.................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
_Malika_ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
iKsAn دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمە دېسەم بۇلار ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SIMBA دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ماڭا ماڭا مەلىكەم بۇلسا بۇلىدۇ چاقچاق مەلىكەم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atuxboy526 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئۇتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى باريەرنىڭ ئۇتى دەپتىكەن كونىلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|