| |||||||||
game | شەبنەمگەئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
شەبنەم تور بېتىنىڭ كۆركەملىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق باشقۇرشى، كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاسىتىدا بۇ تور بەت ئىشقىلىپ جۇڭگۇدىن-چەتئەلگىچە(چەتئەلدىكى قېرىنداشلارمۇ كۈرىدىغاندۇ) چوڭدىن- كىچىككىچە ھەممەيلەن بىلىدىغان تورغا چىقىشنى ئازراق بىلدىغانلارمۇ http://xabnam.comدەپ قويسا كىرىپ كىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئونۋىرسال تور ئائىلىسى بۇلۇپ قالدى. مەن شەبنەم تور بېتىگە كىرگەندىن بۇيان دۇنيادا بۇلىۋاتقان خەۋەرلەردىن خەۋەردار بۇلىۋاتىمەن. قىزىقارلىق يۇمۇر- چاقچاقلاردىن ۋە ناخشا مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرىۋاتىمەن. دىمەكچىمەنكى: بۇ تور بەتنى ھەممەيلەن ياخشى كۈرىمىز. بەزىدە مەن كومپىيوتېردىن بىلەلمەي قالغان جايلىرىمنى سوراپ قۇيىمەن. (ئەمما مەن باشقىلارنىڭ سۇئال سۇراپ تىما يوللىغانلىقىنى ئانچە كۈرۈپ باقمىدىم. ئىنكاسنىڭ ئاستىغا سۇئال قالدۇرغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا) مەن بەزىدە سۇئال سۇراپ قۇيىمەن. ئەمما ئىنكاس %98 تەستىقلماي قالىدۇ. (تىما يوللىسام تورغا مۇناسىۋەتلىكنى تور سەھىپىسىگە، كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىكنى كومپىيوتىر سەھىپىسىگە يوللايمەن، سۇئالىمنىڭ مەزمۇنىمۇ غەيرى ئەمەس........ياكى بۇ ئىش ئارتۇقچىمۇ؟ قارىسام بەزى تىما ئاستىدا خىلمۇ خىل سۇئاللار تۇرىدۇ) سۇرىماقچىمەنكى: سۇئال سۇراپ تىما يوللىسا باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمامدۇ؟ شەبنەم مۇنبىرى ياردەم سەھىپىسى قۇرسا بولمامدۇ؟ بىلىدىغانلىرى سۆزلەپ بىرەتتى. بىلمەيدىغانلىرى بىلىۋالاتتى. ___ باشقۇرغۇچى : otkunchi-nur تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||
---|---|---|---|---|
xabnam شەبنەم تورى دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | ./thread.php?fid-52.html
مانا بۇ ياردەم سەھىپىسى ئادرېسى ، ياردەم تېمىلىرى كۈندە نەچچە .ونى يوللىنىدۇ . بەزى ياردەم تېمىلىرى پەقەت بىرلا قۇر مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان تېما بولۇپ ، تېما يوللىغۇچى مۇنبەردىكى ياردەم تېمىلىرىدىن ھېچبىر ئىزدەنمەيلا ، بۇرۇن يوللىنىپ ھەل قىلىپ بولۇنغان ياردەملەرنى يەنە يوللايدۇ . مۇنبەر تېمىلىرىنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، پەقەت تەپسىلىي ئەتراپلىق سورالغان ياردەم تېمىلىرى تەستىقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ . تور بىر كەڭ دۇنيا ، بەزى «توردا قانداق ناخشا ئاڭلايدۇ ؟» دېگەندەك ئاددىي ياردەملەرنى سوراش بىھاجەت ، ئىزدەش تورلىرىدىن ئازراق كۈچ سەرپ قىلىپ ئىزدىسەكمۇ تېپىلىدىغان مەزمۇنلارنى قايتا يوللاشنىڭ ھاجىتى يوق . | |||
---|---|---|---|---|
matimatika دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | شەبنەم ئەپەندىم جاۋاب بىرىپ بولاپتۇ .
پۇتكەن ئىشكەنغۇ ! | |||
---|---|---|---|---|
game | كەچۈرۈڭ.
سىلەر ئادەتتە بىز تىما يازغاندا چۇقۇم سىلەر يا تەستىقلايسىلەر يا تىما ئەخلەت تىما بولسا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايسىلەرغۇ دەيمەن. دىمەكچى بولغىنىم؛ سىلەر تىمىنى ئۈچۈرگەندە قارشى تەرەپكە «سۇئالنى ئەتىراپلىق سۇرىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۈچۈرۈلدى»،«سىز سورىغان سۇئال ئاللىبۇرۇن سورىلىپ بولغان».......... دىگەندەك جاۋاپلار قايتۇرۇلسا بولماسمۇ؟ «ئادەتتە مەن سۇئالنى كۆپ سورىمايمەن. مىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىمىغا بۇنداق جاۋاپلار ئانچە كەلمەيدۇ. مىنىڭ ئارخىپ ھۇقۇقىمدا مەسىلە بارمۇ يە؟ باشقا ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرەي دىسەم شەنبەم مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئىسىم تاپماق تەس، چۇقۇم ئىسىم يېزىپ ئارقىسىغا 1،2،3 لەرنى قاتمىساق بولمايدۇ.» بۇغۇ سىلەر ئۈچۈن ئاۋارچىلىق ئىش، شۇنداق بولسىمۇ گەپنى تۇلا قىلدىڭ، غەلۋەڭ تۇلا نىمىكەنسەن دەپ مىنى جازالىماي سۆزلىرىمنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار. | |||
---|---|---|---|---|
ahtorna0999 | شەبنەمنىڭ ئېسىللىقىنى ئەمدى ھېس قىلۋاتامسىز ~~بۇ شەبنەم توربىتىمىز مۇنبەر ، ئاۋازلىق چايخانا ،ناخشا موزىكىسى بولسۇن ،ھەممىسى باشقا توربەتلەردىن ئېسىل دەپ قارايمەن . ئۆزەممۇ باشقا توربەتلەرگەكىرمەيمەن ،،،سىزنىڭ ماختىغىنىڭزغا رەخمەت ،ھەم باشقىلارنىڭمۇ قوللاپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلمەن .
| |||
---|---|---|---|---|