| |||||||||
xahirzat دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | «شەھىرزات»ئەپۇ قىلئەپۇ قىل!
ئەي سەبى،ئەقىللىق قوزامsiz، بەزىدە دىلىڭنى رەنجىتكىنىمنى . «بولمىغۇر ئىشىڭ»نى چەكلەپ قويغىنىم، تۈزەتسۇن دىگىنىم سەۋەنلىكىڭنى. تۈز ئۆسەر شاخلىرى پۇتالغان دەرەخ، ئەدەپلىك چوڭ بۇلۇر« تىزگىنلىك» پەرزەنىت. مەيلىگە قۇيۋەتسە چوڭلارمۇ ھەتتا، «شاھلار»غا ئۆزىچە قىلمايدۇ پىسەنىت. شۇڭلاشقا،سەن ئەمەس -بىزمۇ گاھىدا، كۆنمىسەك بولمايدۇ «تىزگىن تارتىش »قا. تىزگىنسىز ئات «ھاڭ»دىن غۇلىغان چاغدا، پۇرسەت يوق گۇناھنى كىمگە ئارتىشقا. چۈشەنگەن چېغىڭدا «ئۈشبۇ سۆزۈم »نى، مىنى چىن دىلىڭدىن ئەپۇ قىلارسەن. كۆرەلمەي قالساڭمۇ ئۇ چاغ «يۈزۈم»نى، روھىمنى سېغىنىپ «دۇئا»قىلارسەن. ئىلاھىم، ئۆمرۈمنى ئۇزۇن قىلغىيدى، ئىككىمىز «تەڭتۇش»تەك سىرداش بولغۇچە. گەر كۆرسەم مەن سىنىڭ «ئوتتۇز يېشىڭ» نى، سۆيەتتىم چىكەڭدىن-تاپىنىڭغىچە........... 2002-يىلى6-ئىيۇن، كۇچا ___ باشقۇرغۇچى : otkunchi-nur تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|