| |||||||
piygan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بالىڭىزنى باشقا جايدا ئوقۇتۇشىڭىز توغرىمۇ؟بۇ تىمىنى Juda : خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-23)
قىسمەن ئاتا-ئانلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۆگنىش نەتىجىسنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل ئامال چارلەرنى ئشلەتمەكتە. .بەزىلەر بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلسا ،بەزىلەر بالىلىرىنى كەچلىك،شەنبە ،يەكشەنبىلىك كۇچەيتىش سىنىپلىرىغا قاتناشتۇرۋاتىدۇ ،يەنە بەزىلەر پەرزەنتلىرىنى شەھەر ئاتلاپ ئوقۇتىۋاتىدۇ .بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئەھۋال.يىقىندا جەنۇبى شىنجاڭدىكى قىسمەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مۇھىتتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ،ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم .بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يىقىندا قىزىنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئېلىپ كەلگەن ئانىنى زىيارەت قىلدىم .
-قىزىمنىڭ ئۆگۈنۈش ئەھۋالى ئەسلىمۇ يامان ئەمەس ئىدى ،ئاڭلىساق ئۈرۈمچىدە مۇئەللىملەر ئىنتايىن تەجىربىلىك ،بىلىملىك ئىكەن .مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن .بالىلارنىڭ خەنزۇچە ئىنگىلىزچە سەۋىيەسىمۇ ناھايىتى ئۆسىدىكەن ،شۇڭا ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قۇيدۇم. -سىزچە ،قىزىڭىز بۇ مەكتەپتە چۇقۇم بۇرۇنقىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەرمۇ ؟ -ئەلۋەتتە بۇ دىگەن چوڭ مەكتەپ تۇرسا ،چۇقۇم ياخشى ئوقۇيدۇ ... -مەن قىزىمنى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇسا ياخشى بۇلارمىكىن ،دەپ ئاپىرىپ بەرگەن .ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن قىزىم ھەقىيقەتەن ئىلگىرلەپ قالدى. بۇ قىزنىڭ خاراكتىرى بەك كۈچلۇك ،بەك چىداملىق ،ئادەتتە بىرەر ئىش بۇلسا بىزنى پاراكەندە بۇلمىسۇن ،دەپ قەتتى دىمەيتتى .كېيىن ئوقساق ،تاماقتىن قېينىلىپ قاپتۇ ،كۈندە گۈرۈچ تامىقى ،يەنە ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرنى يەۋىرىپ تېنى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ ،بىر نەچچە قىتىم سۈيدىكى قان ئارلاش كەلسىمۇ ،چوڭ ئىش يوقتۇ ،دەپ ئويلاپ بىزگىمۇ دىمەي يۈرۈپتۇ .كېيىن بۇ ئىش ئېنىقلاندى ،ئوپراتسىيە قىلىنىپ سول بۇرەك ئېلىۋىتىلدى ،ئويلاپ بېقىڭ ،17 ياشقا كىرگەن بىر چىرايلىق قىز كىچىك تۇرۇپلا مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى ... ئانا گەپ قىلالماي قالدى،كۆزلىرىدىن پۇشايمان، ھەسرەت ياشلىرى ئەگىدى . مەن يەنە بىر نەچچە پىشقەددەم مائارىپچى بىلەن سۆھبەتتە بۇلۇپ ،بۇ مەسىلە تۇغرىسىدا ئۇلارنىڭ قارىشىنىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. -ھازىر قىسمەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ياخشى مۇھىتتا ئوقۇسۇن ،دەپ كىچىكلا يىنىدىن ئايرىۋېتىپ باشقا يەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتىدىكەن ،بىراق ھازىر بىز ياشىغان دەۋىرلەرگە ئوخشىمايدۇ ،بالىلار تېخى كىچىك ،ئىش ئوقمايدۇ ،دۇنيا قارىشى تېخى شەكىللىنىپ بۇلمىغان ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ئايرىۋېتىشى ئۇلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز .بالىلار نەدە ئوقۇسۇن ئۇنىڭ ئۆزىدە ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بۇلسىلا ،ئۇ چۇقۇم ياخشى ئۇقۇيدۇ ،ئەگەر ئۇنىڭ بېلى بوشراق بۇلسىلا ،يىڭى مۇھىتتا ياخشى ئوقۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،ئاسانلا ئۆزگۈرۈپ ئاتا-ئانىدىن خالىي مۇھىتتا قانغۇچە ئۇينىشى تامامەن مۇمكىن ،شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىرىنىڭ تۇمۇرىنى ياخشى تۇتۇپ ،ئاندىن دۇرا بېرىشى كېرەك ،چۇنكى ئىچكى ئامىل يەنىلا بىرىنچى. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى. ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-23
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | بۇ ئىشلارنى يۇق دىگىلى بۇلمايدۇ .بۇنى ھەر كاللىدا ھەر خيال دەيمىزما ...؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almahan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بۇ پىكىر ناھايىتى جايىدا بۇپتۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىلار ئۇز يىنىدا كۇپرەك تۇرغان ياخشى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuwax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بالىلارنىڭ 1-ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى . شۇڭا بالىلار ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلمىغىنى ياخشى.ئۇلارنىڭ دۇىيا قارشى يىتىلگىچە.........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mavlanzor دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلايمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tomurmux دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خەلقىمىزنىڭ نادانلىغى بالىلىرىغا بولاۋاتىدۇ ، بالىلارنىڭ نادانلىغى ئەمدى كىملەرگە بولۇر ؟؟؟؟ بالىلارنى ئاتا -ئانىدىن كىچىكلا ئايرىۋىتىش ئەسلىدىنلا بىر خاتا تاللاش ، ئەمما خەلقنى ھازىر <<شىكەر يالىتىلغان زەمبىرەك>> تە نىشانلاپ ، <<كەمپۇت قەغىزىگە زەھەرنى ئوراپ>> بەرسەك ئىستىمال قىلىۋىرىدۇ ...ئاغزىدىن ئانا سۇتى تىخى كەتمىگەن قىز ئوغۇللىرىڭلارنى كوپلەپ ئىچكىرىگە يۇلغا سىلىڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مىنىڭچە ئاتا -ئانىلار ئۆزئەتراپىدىكى مەكتەپلەردە ،ئوقوتقىنى ياخشى .
ياقا -يۇرىتتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تولىسى ،قەپەزدىن چىققان شىردەك چوڭ شەھەرنىڭ رەڭگا-رەڭ تۇرمۇشىغا چۆكۇپ كىتىپ ،مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كىيىن يۇرتىغا قايىتقىسى كەلمەيدىغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ . ئاتا-ئانىلار ئىشنىڭ بىرتەرىپىنىلا ئويلىماي ،باشقا تەرەپلەرنىمۇ ئويلىنىپ قويۇش كىرەك . | ||||
---|---|---|---|---|---|