| |||||||||
mozai | بۇ قانداق ئىشەكبۇ تىمىنى molla pok-pok نادىرلىدى(2008-04-04)
بۈگۈن خوشنام قاسىمكام بىلەن بازاردىن قايتىپ كىلىۋاتاتتۇق. كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىپ <<سالا يول>> ئۇدۇلىغا كەلگەندە قاسىمكام؛<<ئاۋۇ ئىشەكلەرنى قارا>>؛-دىدى، <<سالا يول>> تەرەپنى كۆرسىتىپ. مەن <<سالا يول>> تەرەپكە قارىدىم، ئەمما ئىشەك كۆرمىدىم. مەن قىنى ئۇ ئىشەك؟ دىگەن مەنىدە قاسىمكامغا قارىدىم. قاسىمكام مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندى بولغاي <<قارىمامسەن، ئەنە ئاۋۇ ئىشەكلەرنى دەۋاتىمەن>> دەپ، <<سالا يول>> بويىدىكى يالغۇز بىر تۈپ دوڭغاق جىگدە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بىر جۇپ گەۋدىنى كۆرسەتتى.
دەرۋەقە چوڭ يول بويىدىن تەخمىنەن 100-150 مىتىر يىراقلىقتا <<سالا يول>> بويىدا بىر جۇپ گەۋدە بولۇپ، تۇرقىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ بىرى ئوغۇل يەنە بىرىنىڭ قىز سىتۇدىنتلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئوغۇل قىزغا كانىدەك چاپلاشقان بولۇپ ئەسەبىلەرچە <<ئېغىز گارمون>> چىلىۋاتقان، قىزنىڭ بىر جۇپ قولى ئوغۇلنىڭ مۈرىسىگە ئارتىلغان ھالەتتە ئىدى. قاسىمكام قەدىمىنى <<سالا يول>> تەرەپكە بۇرىدى، مەنمۇ ئىختىيارسىز ئەگەشدىم. بىزنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەن <<غىرىپ-سەنەم>>لەر بىزنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا نىمىلەرنىدۇ پىچىرلىشىپ، ئايرىلدى-دە، قىز ئېتىز ئارىلاپ، ئىلدام يۈرۈپ كەتتى. ئوغۇل بولسا بىر تال <<شاڭيەن>>نى ئېغىزىغا قىستۇرۇپ ئوت ئالدۇرۇپ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىپ، ئۇدۇلىمىزغا كەلگەندە تاماكا ئىسىنى بىزگە كۈچەپ پۈۋلەپ، ئالىيىپ قاراپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىدىن <<ھۇ بەز مارىغان مۆشۈكلەر...>> دەۋاتقانلىقى ئىنىق چىقىپ تۇراتتى. قاسىمكام ئاچچىق موخوركىسىنى قاتىق شوراپ، <<ھۇ ئىشەك>> دىدى-غەزەپ بىلەن، ئوغۇلنىڭ كەينىدىن قاراپ. ئىشەك. مەن كىچىك چاغلاردا ئىشەك يۇرتىمىزدا ھەممە ئائىلىلەردە دىگۈدەك بار بولۇپ، دېھقانلار ئىشەك ئارقىلىق ئىتىزغا مەھەللىۋى ئوغۇت توشۇيتتىى، خامان تىپەتتى، سەپەرگە چىقاتتى، يۈك-تاق توشۇيتتى... ئىشقىلىپ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال بۇ جانىۋار ھەر بىر ئائىلىدە كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم، ئونۋېرسال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھايۋان ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ جانىۋارمۇ پەيدىنپەي ئائىلىلەردىن <<شاگاڭ>>بولۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ جانىۋار ئاندا-ساندا كۆزىمىزگە چىلىقىپ قالمىسا، ئاساسەن كۆزىمزگە چىلىقماس بولۇپ قالدى. يەكشەنبە كۈنلىرىلا يېزىمىزنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىن بازارغا چىققان دېھقانلار ھارۋا قىتىۋالغان ئىشەكلەردىن باشقا، يېزىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىشەكلەر ئاساسەن ئېغىل-قوتانلاردىن قوغلاندى. بەلكىم بۇ تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولسا كىرەك. مەن ھازىر كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ، كىچىك ۋاقتىمدا ئىشەك مىنىپ دەريا-كىچىكلەردىن ئۆتكەندە، سۇنىڭ ئوتتىرىسىغا كىلىپ،ئىشەكنىڭ قانچە ئۇرغانغا پىسەنت قىلماي شارقىرىتىپ سىيىشلىرى، يولدا كىتىۋاتقاندا ياكى ئېتىز-دالىدا ئوتلىتىۋاتقاندا بىرەر مادانى كۆرسە ئولجىغا ئىتىلغان بۈركۈتتەك ئىتىلىشلىرى... كۆز ئالدىمدا غىل-پال ئۆتتى. ھازىر كۆز ئالدىمدا ئىشەك يوق. توۋا! قاسىمكام دەۋاتقان ئىشەك قانداق ئىشەكتۇ؟!!! ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-01
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ASKAR0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋاي تاڭ جۇما قانداق ئىشەكلىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ansar1114 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاي تاڭ جۇما قانداق ئىشەكلىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ ئىشەكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر گارمون چالالايدىغان ئىشەككەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yigana2 | ھايانى يوقاتقان ھايۋانلىققا قەدەم قويغان ئىشەكتەك ئىشەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sertlan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەجەپ قىزىق رەخمەت سىزگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aliali دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ( مەدەنيەتلىك ) ئىشەكلەر
| ||||
---|---|---|---|---|---|
malqi0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گەپ قىلالايدىغان ئىشەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AYAZ207 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گەپ قىلاليدىغان،نۇمۇسنى بىلمەيدىغان،ئادئىمى،ئەركەك-چىشى ھايۋان سۇرەتلىك ئىشەكلەركەن بۇ؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axwai دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلەر ھەجەپ خەقنى ئېشەكتىن-ئېشەككە سېلىپ تىللاپلا كېتىپسىلەرغۇ ئۇ بالا يا كوچىدا بىرە قىزنى تۇتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئۇنداق قىلماپتىغۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ سۆيگىنىنى سۆيۈپتىغۇ ؟! ئېشەك دەپ تىللاپ كەتكۈدەك ئىش يوقكەنغۇ. ئۇلارنى ئېشەك دەپ تىللاپ كەتكەن بۇ مۇنازىرىكەش تورداشلار ئەجىبا سىلەر ئۆز سۆيگۈنۈڭلارنى شۇنداق سۆيۈپ باقمىغانمۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karwan555 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇلار گارمۇن چالالايدىغان ئىشەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qali-kuxi99 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئېنسانلاردېكې شەرمې-ھايا كۇتۇرۇلۇپ كەتسە ئادېمې ئېشەك بۇلېدۇ .
يۇمۇرۇرېستېك ئېپادېلېسەك ھازېرقې سەن جاھانغا باخمېساڭ جاھان ساڭا باخمايدۇ ،دەيدېغان مەدەنې .ئېشەكلەر بارغۇ، ئاللا قېزلېرېمېزدېن نۇمۇسچانلېق،يۇزې تۇۋەنلېكنې يېگېتلېرېمېزدېن ئېنسانې غۇرۇر ۋېجداننې يۇق قېلمېسۇن............. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
palta دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | 8-قەۋەتتىكى دوستۇم:
مۇھەببەتنى ھېچكىم چەكلىگىنى يوق ، كوپ -كۇندۇزدە تېخى بازەردا بىرەسىنىڭ ئوز ئارا ئېغىز -بۇرۇن يالىشىپ تۇرغۇنىنى كورسىڭىز سىز قانساق قىلاتتىڭىز؟؟؟ گەپ قىلمىغان تەغدىردىمۇ ئۇلارغا قىلچە نەپرەتلەنمەمسىز؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
riziwangul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راس،بۇلار زادى قانداق ئىشەكتۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
INTILIX88 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تەرەققى قىلىپ گارمۇن چىلىشقا يەتكەن ئىشەككەن~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|