( مەسەل )
جەم بولۇپتۇ بىر كۈن ھەممە كېپىنەكلەر ،
خۇش -پۇراقلار چاچار ئىكەن گۈل - چىچەكلەر .
كۆرسىتىشكە بىر - بىرىگە ئۆز بىڭسىنى ،
سۆزلەشمەكچى بولۇشۇپتۇ كەچمىشىنى .
ھەممە بىردەك تەقەززادا ئولتۇرۇپتۇ ،
قىسقا مەھەل سۈكۈت ئىچرە ئويلۇنۇپتۇ .
ئاق كېپىنەك چىقىپ شۇ چاغ ئوتتۇرىغا ،
مەغرۇرانە نەزەر ساپتۇ دوستلىرىغا .
قاناتلىرىن كېرىپ كۆز - كۆز قىلىپتۇ ئۇ ،
بەكمۇ شىرىن ھىس تۇيغۇغا چۆمۈپتۇ ئۇ .
دەپتۇ :«مەندەك چىرايلىقتىن ئاراڭلاردا
بولسا قېنى كۆرسۈتۈڭلار ھەدەڭلارغا .
بۇ جاھاندا ھىچكىم مەندەك ئوينىيالماس ،
گۈل بەرگىدە سائەت - سائەت ئۇخلىيالماس .
باھار بىلەن تەڭ ماڭىمەن شوخ سەيلىگە ،
ھەر بىر گۈلنى قويۇۋەتمەي ئۆز مەيلىگە .
گۈلدىن گۈلگە توختىماستىن قونۇپ يۈرۈپ ،
بۇ ھاياتىم ئۆتتى خوشال ئويناپ - كۈلۈپ .
بۈگۈنگىچە دىشۋارى يەپ قاخشىمىدىم ،
ئاۋارىكەش پەرۋانىغا ئوخشىمىدىم .
ئېيتىڭلارچۇ قېنى مەندەك ئوينايدىغان ،
ئويناپ - ئويناپ ھەم ئويۇنغا تويمايدىغان .
بارمىكىنە مەندەك دانا ئاراڭلاردا ،
مەن يۈرمەيمەن قۇرۇق خىيال ئارمانلاردا .
ئۈگۈنەمسىز ھەر بىرىڭىز ئىشلىرىمنى ،
جاۋاپ بېرىڭ ئويلاپ بېقىپ سۆزلىرىمنى .»
رەڭدار قانات تۈگىشىگە ئەمدى گەپنىڭ ،
ئۆتۈپ دەرھال ئالدىغا ئۇمېڭىپ سەپنىڭ.
ئاچچىقلىنىپ دەپتۇرەنجىپ قولىن سىلكىپ،
«ئاڭلىدۇق بىز سۆزلىرىڭنى سەۋىر قىلىپ .
خىسلەتلەرى كۆرۈنمەمدۇ ساڭا خەقنىڭ،
قاراڭلارچۇ گەپلىرىنى ماۋۇ سەتنىڭ.
قونار يىرىپ چەللە- باراڭ ھەشقىپىچەك ،
تەڭداشسىز دەپ ماختىغىنىڭ سۇلغان چىچەك .
قايسى چاغدا كەزگەن ئىدىڭ چىمەنلىكنى ،
ئوھۇي ....تېخى سەن بىلەمسەن گۈزەللىكنى .
ئۆمرۈڭ بويى بىزگە ئوخشاش بولالمايسەن ،
بىز قونغان گۈل ياپرىغىغا قونالمايسەن .
نەچچە باھار -ياز چىمەنلەر ئارىسىدا ،
راھەتلەندىم گۈل - بەرگىنىڭ سايىسىدا .
جاپا چېكىش رىيازەتنى ھىچ بىلمەيمەن ،
تەقدىرىمدىن قىلچە ۋايىم غەم يىمەيمەن .
ۋاپاسىزنى مەن ئۆزۈمگە دوست كۆرمەيمەن ،
ئىدرىكى يوق ھاماقەتنى مەن سۆيمەيمەن .
قوشۇلساڭلار سەردار بولاي ھەممىڭلارغا ،
داغدام يوللار ئېچىپ بېرەي بەختىڭلارغا .
قېنى مەندەك ھەقىقەتنى ياقلاپ تۇرۇپ ،
دانىشمەنلەر چىقالامدۇ كۆكرەك ئۇرۇپ .»
قارىغاندا ئۇ سۆزىنى تامام قىلىپ ،
كۆپچىللىككە ئۈمۈد بىلەن نەزەر سېلىپ .
توپ ئىچىدە كۆتۈرۈلۈپ كۆپ غۇلغۇلا ،
دەپتۇ بىرى «لاۋزا گەپنى قىلدى تولا .»
ئىككى ئاخماق باش بولماقچى ھەممىمىزگە ،
سالغىنىچۇ خىسلىتىنى سەمىمىزگە .
ئېغىر ئىكەن ماختاشلارغا سەۋرى قىلىش ،
بارمۇ - يوقمۇ دوستلارنىمۇ كۆزگە ئىلىش .
يەنچىپ تاشلاپ ئىككىسىنى يوقۇتايلى ،
كۆپچىللىكنىڭ كۈچىنى بىر تونۇتايلى .
«ھاي - ھاي » دەپتۇ بىرى شۇندا قاتتىق قىلىپ ،
قىلسا بولماس بۇنداق ئىشنى ئاچچىق قىلىپ .
قاراڭلارچۇ ماڭا ئەمدى نەزەر سېلىپ ،
بېرەي مەنمۇ ھاياتىمنى بايان قىلىپ .
چىقىپ كەپتۇ بىر كېپىنەك زەر تون كىيىپ ،
كۆپچىللىكنىڭ ئارىسىدىن ئاقساپ مېڭىپ .
قولىدا بار بولغاشقىمۇ بىر ھاسىسى ،
كۈلۈشۈپتۇ زاڭلىق قىلىپ گاھىلىرى .
كۆپچىللىككە ئېچىنىپ ئۇ نەزەر سېلىپ ،
ھەسرەت بىلەن كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ .
سۆزلەپتۇ ئۇ :«ياش ئىدىم دەپ بىر چاغلاردا ،
سىلەردەك ھەم ئوينىغانمەن گۈل - باغلاردا .
نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر گۈل باھاردا ،
سەھەر پەيتى كىرگەنىدىم بىر گۈلزارغا .
تۇرغان ئىكەن گۈللەر شۇنچە ئۇز ئېچىلىپ ،
ھەممە يانغا خۇش - پۇراقلار تەڭ چېچىلىپ .
ياقۇت كەبى يالتىرايتتى گۈلدە شەبنەم ،
خەندان ئۇرۇپ سايرىشاتتى بۇلبۇلمۇ ھەم .
ئۇ گۈزەللىك ئالىمىنى كۆرۈپ توۋا ،
ھۇسسىزلىنىپ كەتتىم جاھان بولۇپ غۇۋا .
شەيدالىقتا ئەقىل ھىسسىم يوقاپ كەتتى ،
سەۋىر قىلىپ تاقىتىمنىڭ چېكى يەتتى .
ئالمان - تالمان قىزىلگۈلگە ئۆزۈم ئاتتىم ،
نىمە بولدۇم جانسىزلىنىپ يەردە ياتتىم .
ئەس ھۇشۇمغا كېلىپ بىلسەم ئەسلى مېنى ،
چېقىۋاپتۇ گۈلنىڭ تىلى (گۈل تىكىنى ) .
مانا ئەمدى ياخشىراقمۇ ماڭالمايمەن ،
گۈللەر ئارا يۈرەكلىكرەك قونالمايمەن .
بىر پۇتۇمدىن ئايرىلدىممەن شۇندىن بۇيان ،
دىلنى ئۆرتەر پۇشايمان ھەم دەرتلىك پىغان .
بۈگۈنگىچە ئۇنداق گۈلنى سۆيگۈنۈم يوق ،
شۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگۈنۈم يوق .
ئۇ گۈل ۋەسلى بۇلبۇلغىلا تەئەللۇقكەن ،
چىن مۇھەببەت ئەسلى بىلسەم بەك ئۇلۇغكەن .»
بۇنى ئاڭلاپ كېپىنەكلەر بوپتۇ خىجىل ،
«تىرىشقانغا بۇ ھاياتمۇ ئەمەس بېخىل » .
شۇندا ئۇلار قىلمىشىنى ئويلاپ قاپتۇ ،
يېلىنغاندەك ئاقساقجانغا قاراپ قاپتۇ .
دەپتۇ ئۇمۇ كۆپكە قاراپ سېزىپ شۇ چاغ ،
ياقايلى بىز ئىشقىمىزدىن نۇرلۇق چىراق .
ئۆتمىسۇن بۇ ھاياتىمىز ئاتلاپ - تاخلاپ ،
ئۆزگەرمىسەك قالاركەنمىز بىر كۈن ئاقساپ .
پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىغى بار ،
نىسىپ بولماس بىزگە ئۇلار چاققىغى بار .
يېتىلدۈرۈپ بىزمۇ دوستلار ئىسىل خىسلەت ،
قالدۇرمايلى زەررىچىلىك يامان ئىللەت .
شۇندىلا بىز يېتەلەيمىز گۈزەللىككە ،
ئېرىشەرمىز ھەقىقى چىن مۇھەببەتكە .»
قوشۇلۇپتۇ ھەممە بىردەك بۇ تەكلىپكە ،
قەلىبلىرى تولۇپ ئىشەنچ ھەم بەختكە .
لېكىن ئۇلار سۆزلىرىگە قىلماي ئەمەل ،
داغدا يۈرەر بۇرۇنقىدەك بەرمەي بەدەل .
كەسپى يەنە لاغايلاشتۇر ئەتىدىن - كەچ ،
نىسىپ بولدى شۇنىڭ ئۈچۈن سەت يۆگىمەچ .
..............................
ئوسال خۇي گەر سىڭىپ قالسا روھىڭ تامام ،
ئاقىۋەتتە كۆرەر كۈنۈڭ شۇنداق يامان .
...............................
ئۆز ئۆمرىدە يىسە دەشنام تالاي قېتىم ،
ئەپسۇس يەنە ئۆزگەرمىدى نائەھلىلەر .
ھەسەل ھەرە چاقسىمۇ گەر بەردى شەربەت ،
كېپىنەكتىن ئەلا بىزگە شۇ ھەرىلەر .............
ئاپتورى : مېھرىگىيا
[ يوللىغانmehrigiyaتەرىپىدىن2008-04-14 22:07قايتا تە ]