| |||||||||
koxuk | ھامىلدار بولغان تۇنجى ئەر كىشىدۇنيادىكى تۇنجى قورساق كۆتۈرگەن Thomas Beatie ئىسىملىك ئەر 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامرىكىلىق داڭلىق سۆزمەن Oprah Winfrey نىڭ شەخسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇ پىروگراممىدا ئۇ تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپراتتا تارتىلغان سۆرىتىنى كۆرسۈتۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىر قورساق كۆتۈرگىنىگە 5ئاي بولغانلىقىنى بۇ ئىشقا نىسبەتەن گۇمان نەزىرىدە بولغان كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.
Beatie ئەسلى بىر ئايال كىشى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى Tracy بولۇپ، 10 يىلنىڭ ئالدىدا جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ بىر قانۇنىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنغان ئەر كىشىگە ئايلانغان ھەم ئىسمىنى Thomas قا ئۆزگەرتكەن. بىراق ئۇ شۇ چاغدا كۆكرەك ئوپىراتسىيەسى ۋە ئۇرۇقدان ھورمۇنى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغان. ئۇ كۆپىيىش ئەزالىرىنى ئۆزگەرتمىگەن بولۇپ، بالىياتقۇسى بىلەن تۇخۇمدانى يەنىلا بار ئىكەن. شۇڭا ئۇ يەنىلا ھامىلدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ قىز دوستى Nancy بىلەن قانۇنلۇق توي قىلغان. بىراق قىز دوستى Nancy كۆپ يىللار ئىلگىرى ئېغىر بولغان بالىياتقۇ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بالىياتقۇسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنىكەن. ئۇلار بالىلىق بولۇپ ، بىر مۇكەممەل ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ، ئەر كىشىگە ئايلانغان Beatie ئۆزى قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغماقچى بولغان. «جىنىس ئۆزگەرتكەن ئادەم»لەرنىڭ ھامىلدار بولىشى قانۇنى، دىنى ۋە جەمىيەتتىكى كۆز قاراشلارنىڭ تەسىرىدە ئەر-خوتۇن Beatie لارنىڭ ھەممە دوختۇرلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىپىرما بانكىسىدىن توڭلۇتىلغان سىپىرما ئېلىپ ، ئۆيىدە Nancy ئۆزى قولى Beatie نى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرغان. كېلىش مەنبەسى:( بۇ يەردە قىسقا فىلىم بار) http://tv.sohu.com/20080406/n256116944.shtml [ يوللىغانkoxukتەرىپىدىن2008-04-06 12:41قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yigana2 | Re:قورساق كۆتۈرگەن تۇنجى ئەر كىشىتوۋا.....بەزى ئىشلارغا بىرنىمە دىگىلى بولماي دىكەن.........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mozai | توۋا..........................................................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | مەن ئۇغۇل بۇۋاق بولۇپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغىنىمغا مىڭ ، يۈزمىڭ قات شۈكرى دەۋاتسام بۇ ئەرنىڭ قىپ جۈگەن ئىشىنى !!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
CTR-LEO دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاللا توۋا ! ئەر كىشى قوساق كۆتۇرسە بەك سەت تۇرىدىكەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TAWGAQ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ساراڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alibaba120 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئەر ئەمەس ئايال ئىكەنغۇ ئەسلىدىنلا... شۇنداق بولغاندىكىن قوساق كۆتۈرۈدۇ شۇ ، ھەيران قىلىش كەتمەيدۇ.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@REXTA@ | بۇنداق ئىشلارغا (توۋا) دىمىسەك بىكا جۇما..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~~KAQUR~~ | توۋا قىلدىم .......................................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
RAMADAN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا توۋا ! ئەر كىشى قوساق كۆتۇرسە بەك سەت تۇرىدىكەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
daTMan520 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنىڭ بىر نەرسە دەي دىسەممۇ تىلىم گەپكە كەلمەي قالدى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@ZuNaR@ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راسلا ~~~توۋا دېمىسە بىكا!!!!!
ھەي~~~~ كىيىن يەنە نىمە ئشلار بوپ كېتەر ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | تېتىقسىزلىق.............................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Msh.zk دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جىن ئوخشايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
salam0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تۈگەشكەن جەمىيئەت ، تۈگەشكەن ئىنسانلار . ئامال يوق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|