| |||||||||
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | تۇنجى داڭلىق تۈرك دۇنيا خەرىتىسىبۇ تىمىنى Ark-zat : ئۆزىمىزگە نەزەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-08)
بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى تەييارلىغۇچى :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات. تۈركىيە تارىخشۇناسى«م.شاكىر ئۈلكۈتاشىر»يازغان، تۇرسۇنئاي ساقىم تەرپىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن 2000-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلىنغان«بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق كىتاپتا مۇنداق بايانلار بار: مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە پەقەتلا «تۈركى تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلار بىلەنلا قانائەتلىنىشكە مەجبۇرمىز. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يازغىنىغا قارىغاندا ئۇنىڭ دادىسى بارسغانلىق(«تۈركى تىللار دىۋانى»تۈركچە3-توم،417-بەت،ئۇيغۇرچە 3-توم،569-بەت)بولۇپ،ئىسمى ھۆسەيىن،چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىدى.دادىسى بارسغاندىن قەشقەرگە كۆچۈپ بارغان،مەھمۇت شۇ يەردە تۇغۇلغان.مەھمۇد بارسغاننى تۇنۇشتۇرغاندا«بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىدۇر يەنى مەھمۇتنىڭ دادىسى شۇ يەرلىكتۇر»دەيدۇ.دىمەك بۇ سۆز ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقىنى،دادىسىنىڭ بارسغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.(«دىۋان»تۈركچە 1-توم،392-بەت،ئۇيغۇرچە 1-توم،511-بەت) بارسغان:ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىسسىق كۆل ئەتىراپىدىكى بىر شەھەر «بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق كىتاپ 7-بەت ئەسلىدە كىچىك ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەقىقى ۋارىسى ھىساپلانغان قارخانىلار دۆلىتى... ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن...يەرلىك خەلقلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىگە قارىماي،يېڭى قۇرغان بۇ دۆلەتنىڭ بارلىق مىللى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغانىدى.شەرىقتىكى تۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ(*ئۇيغۇرلار مىلادىⅪ,Ⅴ-ئەسىرلەردەئوتتۇرا ئاسىيادا بۈيۈك بىر دۆلەت قۇرغان ۋە ئىنتايىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن.دەسلەپ بۇددا دېنىغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلار كېيىنچە ئىسلام دېدنىنى قوبۇل قىلغان.ئۇلار ئىنتايىن قىممەتلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇرغان)مەدىنىيىتى بىلەن غەربتىكى ئىران-تۈرك تەسىرىگە ئۇچىرىغان جايلارمۇ ئاستا-ئاستا بۇ يېڭى تۈرك-ئىسلام شارائىتىغا كۆنۈشكە باشلىغانىدى. «بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق كىتاپ 12-بەت مەھمۇت قەشقىرىدەك ئۆز مەملىكىتىدە ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل يىتىشىپ چىققان بىر ئۇستا تىلچىنىڭ... «بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق كىتاپ 18-بەت مەھمۇت قەشقەرى ئۆز يۇرتىدىكى چاغدىلا ياخشى ۋە كۈچلۈك بىر مەدرىستە ئوقۇپ،شۇ چاغنىڭ ئىسلام بىلىملىرى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغان.باغداتقا خېلى ياشىنىپ قالغىنىدا بارغان... «بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى» ناملىق كىتاپ 19-بەت مەھمۇت قەشقىرى تۈركى تىللاردىكى شېۋىلەر ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلىگەن.ئۆزى كۆرمىگەن،ئئارلىرىدا بولمىغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ(مەسىلەن،قىرغىز،قاي،باشقىرت...)تىللىرىدىن مىساللارنى كەلتۈرمىگەنلىكى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ «بۈيۈك تىلچى مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق كىتاپ 21-بەت م.شاكىر،ئۈلۈكتاشىرنىڭ يەنە«بۈيۈك تۈرۈك تىلچىسى قەشقەرلىق مەھمۇد»ناملىق تەتقىقات ماقالىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا،جوڭگۇ تۈركى تىللار تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى پەرھات جىلاننىڭ«مەھمۇت قەشقەرى»ناملىق تارىخى رومانىدىنمۇ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قارخانىلار دۆلىتىنىڭ ئوردىدىكى ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىۋالالايمىز ھەم شۇنداقلا مەھمۇتنىڭ قەشقەردە توغۇلۇپ كىچىكىدىنلا بوۋىسى مۇھەممەت بوغرانىڭ ئالدىدا(ئوپالدا)ئىلىم تەھسىل قىلىپ چوڭ بولغانلىقى (شۇ كىتاپنىڭ53-بېتىدە)تىلغا ئېلىنىدۇ. ________________________________________________ مانا بۇلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئوپال ئازىقتا تەربىيەلىنىپ چوڭ بولغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.ئۇنداقتا شۇ دەۋىرلەردە بارىسغان ۋە ئوپالدا كىملەر ،قايسى مىللەت ياشىغان؟...جاۋاپ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ياشىغان.قارخانىلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت ھاكىميىتىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق ،يەنە كىلىپ مەھمۇت قەشقىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئوردا خانلىرىنىڭ پۇشتى تۇرسا ،يەنە قانداق بولۇپ ئۇيغۇر بولمايدىكەن؟ مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ تولا قالايمىقان بىلجىرلىغانلار كۆپىرەك ماتىريال كۆرسۇن ،قېنى قايسى ماتىريالدا مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر نەسلىدىن ئەمەس دەيدىكەن؟ھەتتا« قەشقىرى »دىگەن تەخەللۇسىمۇ بىللە تۇرسا ئۇيغۇر ئەمەس دىگىلى ھەجەپ نۇمۇس قىلمايدىكەن.ئۆز كۆڭلىنى تارىختىن بۇنداق خوش قىلمىسىمۇ شۇلارنىڭمۇ پەخىرلەنگىدەك ئۆز مىللىتىدىن چىققان تارىخى شەخىسلىرىمۇ بار بولغىيتى؟... قارغۇلارچە سۆزلىمەي دەلىل بولسا ئوتتۇرغا تاشلايلى.بىلىمەن، تەتۈر ئىنسانلار «قېنى مەھمۇت قەشقىرىنى ھىچيەردە ئۇيغۇر دىمەپتىغۇ؟»دەپ بىلجىرلىشى مۇمكىن،مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەشقەرلىق مەھمۇد دەپ ئىتىراپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى،قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىنى يەنە ئۆز يۇرتىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن قەشقەرنىڭ ئوپال ئازىق كەنتىدە مۇدەررىسلىك قىلىپ ئۆتكۈزىشى ...قاتارلىقلار يېتەرلىك پاكىت ئەمەسمۇ؟ھەرقانچە دىلى كۆر ئادەممۇ ئەگەر ئەقلىدىن ئازمىغانلا بولسا،نومۇس تۇيغۇسى بولسا مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ يۈرمەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا ۋاقتىم چىققانچە توختىلاي. خوش ئەمدى تۆۋەندە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى»دا سىزىپ قالدۇرغان تۇنجى داڭلىق تۈرك دۇنيا خەرىتىسىنى كۆرۈڭ: ئۈستى تەرەپ:شەرق ئاستى تەرەپ:غەرپ ئوڭ تەرەپ:جەنۇب سول تەرەپ:شىمال خەرىتىنىڭ ئوتتۇرسىدا قارخانىلارنىڭ تۇنجى پايتەختى بالاساغۇن شەھىرى سىزىپ كۆرسىتىلگەن. تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەسكەرتىش:«ياخشى يېزىپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،رەھمەت سىزگە...» دىگەندەك مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مەجبۇرى ئىنكاس يازغاندىن كۆرە ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،كەچۈرۈڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
parhat123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايىتى توغرا دەپسىز دوستۇم ،مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەيدىغانلارمۇ بار دەڭ تېخى ،توۋۋا توۋۋا ،نېمىدىگەن بىمەنىلىك بۇ ،بەزەن ئادەملەرگە زادى ئامال يوق .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jazire دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Mehmut Qeshqiri,bilan Yusup Xas hajipni keng Uyghur xelqi ezeldinla Turki xelqlirining iptixari, ularning qilghan ijadi emgigi yalghuz Uyghurghila xas bolmastin putkul Turki qewmlirige hetta putkul insaniyetke mensup dep kelduq,hem bundin keyinmu shundaq deymiz. Lekin polattak pakit Ular Uyghurdur.ularning yazghan eserliri qedimi uyghur(turki) tilida yezilghandur. Biz bu ikki alimimizni bashqilardin qizghanmiduq!!! Lekin bashqilarning xalighanche tarixqa ,pakitqa hormet qilmay 10milyon Uyghur qerindishini qaritip qoyup, Uyghurgning yurigige pichaq tiqsa biz buninggha qol qoshturup turalmaymiz,chidap turalmaymiz!!! Senler(Tordiki bohtanchilar) dep beqishe bu yerde zadi kim tar milletchilik qildi?!
Xaqaniye digen nime gep bilemsen? Ejiba XAQANIYE(HAKANIYE)ni Qirghizlar quruptikanmu? 《Bechchiwazning ozi towa qilsimu qongi towa qilmaydu》tordiki bu birnechche bechche belkim yene bashqa namda girim bilan otturgha chiqqandu, ozining yirginishlik sozliri bilan bizning dilimizgha yana bir qetim azar bergusi kelip turuwatqandu!Biz bundaqlarni qamaqqa muddetsiz qamiwetayli!!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
baybalik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تېخى مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەيدىغانلارمۇ بارمىكەن ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@wolkan@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەت سىزگە ئەركىزات !
بىردەمگىچە 153 دەك ۋەتەنپەرۋەرلەر ( مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇر دىگەنلەرنى تار مىللەتچى دىگەن بۇ كالۋا ) مەھمۇد قەشقىرىنى باشقا بىر مىللەتلەرگە تەۋە قىلىپ چىقرىۋىتەرمۇ ! ئەنسىرەپ قالدىم بۇنداق ساپالىق يىتۇك (153) ئالىملار بار يەردە ئۇيغۇرلار تارىختىن ئۇچۇرۋىتىلدىغانداكمۇ قىلدۇ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
butterfly كېپىنەك | مۇشۇنچىلىك قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار تۇرسا نىمە ئۇچۇن بەزىلەر بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغاندۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bekbay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەھمۇد قەشقەرىنى ئۇيغۇر ئەمەس ،دەۋاتقان ئەشۇ ساۋاتسىزلارنىڭ تىلىغا چىقان چىقسۇن . ئالىمنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلاپ ، كۆزىنى قىزارتقان بولسا كېرەك . شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تارىخقا ، پاكىتقا قاراپ سۆزلىسە بولاتتى . ھېلىمۇ ياخشى بىز مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى تۈركىي خەلقلەرگەشۇنداقلا ئىنسانىيەتكەئورتاق بايلىق ، دەپ تونۇپ كېلىۋاتىمىز. بولمىسا يەنە نېمىلەرنى دەيتتىكىن بۇ ساۋاتسىزلار.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bekbay دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن كۆرگەن بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە ، ياپونلار مەھمۇد قەشقەرىنى بەك ھۆرمەتلەيدىكەن ،سەۋەبى ،مەھمۇد قەشقەرى ياپونىيىنى تۇنجى بولۇپ دۇنيا خەرىتىسىگە چۈشۈرگەن ئالىم ئىكەن. [قوشۇمچە يوللاپ قويدۇم]
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sultan313 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | bu kandak inkas?timining astida askartkiinimni kormidingizmu?pulingizdin 10 som tartildi
By:Ark-zat
Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىbekbayنىڭ2008-04-08 13:43يوللىغان : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bilal502 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | bu kandak inkas?timining astida askartkiinimni kormidingizmu?pulingizdin 10 som tartildi
By:Ark-zat
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AtTiLA | خەرىتە ھەقىقى نۇسخىسى ئەمەسمۇ نىمە،،،
شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ كۈنىمىز بارغانسىرى خالاپلىشىشقا باشلىدى ، <بۇچاغدا بىز ھەققى گۈلەنگەن> ئىسلام دىنغا كىرگەندىن كىيىن قارشىلىق ئۇرۇشلار بەك كۆپ بولدى ، شۇ چاغدا ئۇيغۇرلاردا ئىككى ھاكىميەت تەڭ مەۋجۇت ئىدى ، 1 -ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار < قارخانلار سۇلالسى > 2- قۇجۇ بۇدا دىندىكى ئۇيغۇرلار . مەھمۇدقەشقەرى ئىسلام دۇنياسىدا تۇرۇپ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى < ئۇيغۇرلار > دەپ يازغان ئۆزىنى بولسا ئىنىق يازمىغان ، شۇ سەۋەپتىن مىللىت ئايرىش ماجىراسى تا ھازىرغىچە تۈگمىگەن | ||||
---|---|---|---|---|---|
karabayrak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=32297
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.... ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ <<ﺋﯚﺯﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ>> ﭼﻮﻗﯘﻣﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ... ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺘﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ..... ئاۋال ئاۋۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئاندىن بىرنىمە دىيىشەيلى جۇما.... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | جەزىرە،بېك باي،ئاتتىلا،قارا بايراق ۋە باشقىلار ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قالدۇرۇپسىلەر،سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «دىۋان»دا دىگىنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا .بۇ يەردە مەھمۇت قەشقەرى:« ئەينى دەۋىردە قارخانىلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار خاقانىيە تۈركچىسىنى ئىشلەتكەن بولسا،ئىدىقۇت(تۇرپان) تەرەپتىكى بۇددىست (تېخى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ بولالمىغان)ئۇيغۇرلار دەل چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقنى ئىشلەتكەن»دەپ ئۇچۇر بەرگەن . «بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ»دەپ ئېنىق ئەسكەرتكىنىگە قارىغاندىمۇ ،قارخانىلار تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن ،ئىدىقۇت تەۋەسىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن قىلغان قانلىق جەڭلىرىدىن قارىغاندىمۇ ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىككى خىل يېزىقنى تەڭ قوللانغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
WETEN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىbutterflyنىڭ2008-04-08 13:18يوللىغان : چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدىكى دۆ لىتىمىزنىڭ ئاساسىنى ياراتقۇچىلىرى يەنى 153 دەك قوشتىللىق مائارىپنىڭ تېپىلغۇسىز ئۆرنەكلىرىدىن دە!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyghur-uqun دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى يوللاپسىز بىز مۇشۇنداك ماتىرياللارغا ئىھتىياچلىق ~~
خۇدايېم ئۈمرىڭىزنى ئۇزۇن كىلسۇن~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|