| ||||||||||
XabnamBBS » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى » ئوغۇللار سۆيۈنگىدەك قىز بولاي دېسىڭىز ئاۋال تۆۋەندىكلەرنى ئورۇنداڭ. |
tanhagul527 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئوغۇللار سۆيۈنگىدەك قىز بولاي دېسىڭىز ئاۋال تۆۋەندىكلەرنى ئورۇنداڭ.بۇ تىمىنى xabnam : شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-10)
قىز بالىنىڭ پاك كۆڭلى يەتتە نۇخسانىنى يۇيۇپ كېتىدۇ.
ئۈزۈك بارماققا، يار قەلىبكە يارىشا بولۇشى كېرەك. مېلى يوق دەپ ئەردىن كەچمە، چۆپى يوق دەپ يەردىن. ئالدىرىغان قىز ئەرگە يارىماس. ئەر بىلەن خوتۇن قوش ئۆكۈز. ئۆيدە راھىتى يوقنىڭ، كوچىدا پاراغىتى يوق. ئويلانماي قۇرغان تۇرمۇش، تويدىن كېيىن بۇزۇلار. ياخشى بولساڭ كېلىنچەك، بولۇپ قالما ئېرىنچەك. خوتۇن ئۆينىڭ چىرىغى. ئوچاقنىڭ زىننىتى ئوتۇن، ئۆينىڭ زىننىتى خوتۇن. ئولتۇرغان قىز ئورنىنى تاپار. ئايالنىڭ سۇمبۇلى، يىگىتنىڭ دىلى. خوتۇنۇڭ ياخشى بولسا، ياقاڭ ئاقىرۇر، خوتۇنىڭ يامان بولسا، ساقىلىڭ ئاقىرۇر. ياخشى خوتۇن يۈزىدىن سەمىرەر، يامان خوتۇن كەينىدىن. ياخشى خوتۇن يوق نەرسەڭنى بار قىلار، يامان خوتۇن كەڭ ئالەمنى تار قىلار. بىر ياخشى قىز يەتتە ئوغۇلغا باراۋەر. مىھرىبان خوتۇن مېھرىبان بۇرادەر ۋە مېھرىبان دوستتىن ئەۋزەلدۇر. گۈل ئۆسسە يەرنىڭ كۆركى، قىز ئۆسسە ئەلنىڭ. ئايالنىڭ گۈزەللىكى شۇنداق جەزبىلىك كۈچكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا پىلمۇ توختاپ قالىدۇ. ئەر - خوتۇننىڭ جاڭجىلىغا ئىتمۇ قوشۇلمايدۇ. ___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-09
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qavandaz786 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ سىزنىڭ ئجايىتىڭىزمۇ-يا؟داۋاملىق تېرىشىڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ياخشىكەن، دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ قىزلار ،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bilal502 دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | قىزلار دىققەت قىلىدىغان ىشلاركەنغۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nabira | بىر ياخشى قىز يەتتە ئوغۇلغا باراۋەر.،،،،،،
راس جۇمۇ ..... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kirpik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزلارغا قويۇلغان تەلەپ ئەجەپ يۇقىرىكىنا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kipnak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىز بولۇش نىمدىگەن تەس؟ مىنڭچە ئوغۇللارمۇ دىققەت قىلشى كېرەكقۇ دەيمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|