| |||||||
Ayturk2010 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىچكىردىكى سىتۇدېنتلارئىچكىردىكى سىتۇدېنتلار ئىچكىردىكى ئۆلكىدە، ئالىئىي مەكتەپ بەك تولا. ھەربىرىدە ئوقۇيمىز، ئۇيغۇر بالىلار ئاز-تولا. كەلمەس چاغدا بۇ يەرگە، گۈزەل خىيال سۈرگەنتۇق. مەكتەپتىكى ھاياتنى، بەك پەيزە دەپ ئويلايتۇق. مانا ھازىر ئېشىپتۇ، بىز كەلگىلى ئۈچ يىلدىن. سۈرگەن گۈزەل خىيالنى، تاپالمىدۇق ھېچ يەردىن. بىر ياتاقتا ياتىمىز، ئالتە ئادەم بىر بولۇپ. بەشى ئۇلار بىرسى بىز، غېرىپلىققا جۆر بولۇپ. دەرسلەرگە كىرىدۇ، ئاكا مىللەت ئۇستازلار. ھەر شىۋىدە سۆزلەيدۇ، چۈشەنمەيمىز ئاسانلا. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئىخلاس بىلەن ئاڭلايمىز. بەزىسىنى چۈشەنسەك، بەزىلىرى جاۋاپسىز. مەكتەپلەردە بىردىنلا، مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار. كۈندە كىرسەك ئوخشاشلا، گاڭپەن بىلەن موما بار. سەيلىرىنى سانىساق، تۈرى چىقار بەش-ئالتە. ئەمما يېسە ئوخشاشتۇر، ھەممىسىلا بىر تەمدە. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، يەيمىز ئۇنى ئامالسىز. قاقشىساقمۇ ئاخىرى، ئاستا-ئاستا كۆنىمىز. كۈتۈپخانىغا كىرسىڭىز، ھەممە ئورۇن توشاقلىق. قارىسىڭىز زەن سېلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ساناقلىق. ئۆگىنىدۇ ئەلۋەتتە، كۆپ ساندىكى بالىلار. لېكىن يوقمۇ ئەمەستۇر، ئوينايدىغان بەڭۋاشلار. قارىسىڭىز بەزىسى، كېچە-كېچىلەپ ئوينايدۇ. قوپالمىسا ئەتىسى، دەرسلەرگە چىقمايدۇ. تېخى بەزى بالىلارنىڭ، مۇھەببىتى كاپىردۇر. سورىسىڭىز ئۇلاردىن، كۆڭۈل خۇشى جاۋاپتۇر. بىر چىرايلىق يىگىتلەر، بەلدىن تۇتقان ئۇلارنى، تېخى گۈزەل قىزلارمۇ، قولتۇقلايدۇ ياتلارنى. شۇنداقلارنى كۆرگەندە، يۈرەك سوقار نەپرەتتە. ئۆتكۈزەلمەي ئىدىيىدىن، توۋا دەيمىز ھەسرەتتە. ئەمما كۆپتۇر يەنىلا، ياخشىلىرى كۆپ سانلىق، ئىمانىنى بۇلغىغان، ئارىمىزدا ساناقلىق. بازارلارغا چىققاندا، ئۇيغۇر چىراي ئۇچرىماس. چۈمىلىدەك ئادەملەر، قېشىڭىزدىن ئايرىلماس. ئۇچراپ قالسا گاھىدا، سالام-سائەت ئاددىلا. بەزى تېخى قارىماي، ئۆتۈپ كېتىمىز گۇماندا. ھېيت ئايەملەر جىممىدە، ئۆتۈپ كېتەر ناۋاسىز. ئايەم پەيزى سۈرەلمەي، يىغلار غېرىپ دىلىمىز. لېكىن بىزگە بۇ پۇرسەت، ھەرگىز ئاسان كەلمىگەن. ھامان ئۇتۇق قازىنار، توختىماستىن ئىزدەنگەن. شۇڭلاشقىمۇ دوستلىرىم، قەدىرلەيلى پۇرسەتنى. ھەرگىز يەردە قالمىسۇن، ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى. قەلەم تەۋرەتكۈچى:ئايتۈرك2010 ___ باشقۇرغۇچى : samanyoli~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ABDULAMIN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىرىندىشىم، ئىنساپ ،ئىمان،تەۋپىق-ھىدايەت،شەرمى-ھايا، سىزگە ھەرۋاقىت يار بولسۇن.
ياشىسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقى................... ياشىسۇن ئىسلام.،............................ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ABDULAMIN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىرىندىشىم، ئىنساپ ،ئىمان،تەۋپىق-ھىدايەت،شەرمى-ھايا، سىزگە ھەرۋاقىت يار بولسۇن.
ياشىسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقى................... ياشىسۇن ئىسلام.،............................ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilsur107 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خېلى ئوخشىتىپسىز جۇما بىز كۆرگەن كۈنلەرنى~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wesal دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | شۇنداق يارقىن ئىپادىلەپسىزسىزلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنلىرىڭلارنى كۆرگەندەك بولدۇم .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAHMUTJAN110 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىرىندىشىم، ئىنساپ ،ئىمان،تەۋپىق-ھىدايەت،شەرمى-ھايا، سىزگە ھەرۋاقىت يار بولسۇن.
ياشىسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقى................... ياشىسۇن ئىسلام.،............................ كۆپ رەھمەت سىزگە دوستۇم شۇنداق بۇ كۇنلەر ئۇتۇپ كىتىدۇ ئۇ ياشلىرىمزنىڭمۇ بىر كۇنلەردە ئاللا ئىنساپ بىرىپ ئۇڭشىلىپمۇ قالار ھەم ئەقلىگە كىلىپمۇ قالار | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UTKAL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | چىن .ھەقىقىى يېزىپسىز. ئاخىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، تىرىشىڭ!
،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amina725 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | غەيرەت قىلىڭلار!!!تىرىشىپ ياخشى ئوقۇڭلار!!!!بۇنداق پۇرسەت ئاسان كەلمەيدۇ!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Arkan0997 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راسىت ياخشى يېزىپسىز لېۆىن بۇنداقلار يەنلا ئىنتايىن ئاز سانلىق!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muemin | خەلق داستانلىرى ئۇسلۇبىنى ئەسلەتتىڭىز،يازمىڭىزنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى بەك كۈچلۈككەن.
ئىچكىرىگە ئوقۇشقا ماڭغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز تاللانغانلار ئەمەسمىدى؟...خۇدا ،ئەقىل-ئىمانىغا پاكلىق ئاتا قىلغايسەن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
nimishqa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىmueminنىڭ2008-04-24 20:54يوللىغان : ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ يەرگە بېرىپ شاللىنىپ قالىدۇ.! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gvnex دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ شېئىرنى كۆرۈپ مەنمۇ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم. سىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇمسىز نېمە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M.C.F دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jacur دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ترشڭ لار ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇكۇنلەرمو ئۇتۇپ كتەر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
crazy دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ كۈنلەر بىز تىرىشمىساق ئۆتۈپ كەتمەيدۇ،بىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزغىچىلىك باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياشايمىز،باشقىلار سىزىپ بەرگەن يولدا ماڭىمىز. بۇ ئەلمىساقتىن كېلىۋاتقان تەبىئەت قانۇنىيىتى،(تارىختا بىز ئۇيغۇرلارمۇ باشقىلارنى بويسۇندۇرغان ،ئۇچاغدا ئۇيغۇرلار ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىدى).
دوستلارغا بېرىدىغان تەكلىپىم ؛ ئادەم شۇنداق ياشىشى كېرەككى ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلمايدىگان بولسۇن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kutlukbala دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۈنىمىز تەس بولسىمۇ ، چىدىماي نىم ئامال !!؟ بۇ كۇنلەر ئۇتۇپ كىتىدۇ !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oyginiman دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | لېكىن بىزگە بۇ پۇرسەت،
ھەرگىز ئاسان كەلمىگەن. ھامان ئۇتۇق قازىنار، توختىماستىن ئىزدەنگەن. شۇڭلاشقىمۇ دوستلىرىم، قەدىرلەيلى پۇرسەتنى. ھەرگىز يەردە قالمىسۇن، ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى مۇشۇيەر ئەڭ يارىدى رەخمەت سېزگە بىز ياشاۋاتقان تۇرمۇشنى ئەينەن يىزىپسىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
raysima دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ 6 يىىل ئوقۇغان،راستىنلا .ئوبد\ن تەسۋىرلەپسىز .ناھايىتى توغرا ئېيتىپسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Alim79 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاپتورنىڭ يازغان بۇ شېئېرى گەرچە قاپىيىگە ياخشى چۈشمىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئىچكىرىدىكى ستۇدېنتلارنىڭ تۇرمىشىنى يامان ئەمەس ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدە ئوقۇش كۆپىنچە ئۇيغۇر بالىلىرىغا مەلۇم بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنچە تىرىشسىمۇ يەنىلا ئالدىدا ماڭالمايدۇ،ئەلبەتتە ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا.لېكىن شۇنى جەزىم قىلالايمەنكى ئۇلار روھى جەھەتتىن چۈشكۇنلىشىپ كەتمىسىلا،يەنىلا شۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىنى ساقلىيالايدۇ.بۇ ھەقىقەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭدا ئوقۇغۇغان ساۋاقداشلار بىلەن سېلىشتۇرسىلا ئىسپاتلىنىدۇ.شۇڭلاشقا ھەممىدىن مۇھىمى يەنىلا ئىشەنچنى يوقاتماسلىق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
胡杨0903 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نېمىدىگەن ئوخشىتىلغان پاساھەتلىك قۇرلار ھە!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|