| |||||||||
alim534 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئالىي مەكتەپ ، ئىپپەت ۋە ۋىجدان (چوقۇم كۆرۇڭ)بۇ تىمىنى ~uyghurjan~ : شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-26)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان «ئاللا»نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !
ياراتقان ئىگەمدىن تىلەيمەن قىزلىرىمىزغا ،ئوغوللىرىمىزغا،ياشلىرىمىزغا ئىنساپ ، شەرمى ھايا ھەم شۇنداقلا بەخىت ئاتا قىلىشىڭنى !!!! ئىھ،ياراتقان ئىگەم سىنىڭ رەخمىتىڭدە ،مىھرىبان ئانامنىڭ 9 ئاي،9 كۇن تولغاق ئازابى تارتىپ ،توپتوغرا 22يىل،22قىش،22ياز.....نى جاپا -مۇشەققەت ،جەبرى-جاپالارنى تارتىپ ،بەزىدە ئاچ،بەزىدە توق يۇرۇپ، كۇيۇنۇپ تەربىيلىشى نەتىجىسىدە ،مەن مانا توپتوغرا 22 ياشقا كىرىپتىمەن ،لىكىن بۇ 22 يىل ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن ،نىمىلەرنى قىلىپ 22 يىىلنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم. ۋاقىت ئۆتەتتى،ئۆتەتتى.....،سىكۇنىت،مىنۇت،سائەت ھەتتا كۇن،ئايي،يىل ۋە پەسىللەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ناھايىتى تىزلا ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى ، مانا شۇ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئەمدى ھىس قىلىۋاتاتتىم،لىكىن ناھايىتى ئەپسۇس بۇنى ھىس قىلغانسىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىشكە باشلىدىم. قاچانلاردۇر نامى ئۇلۇغ بىلىم يۇرتىغا قەدەم قۇيدۇم ،نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-تىلەك ،ئۈمىدلەرنى كۆڭلۇمگە پۇكتۈم،لىكن كۇنلەر ئۇزارغانسىرى «جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باج»سەنىمىگە قەدەم قۇيدۇم،قەدىمىم چوڭقۇرلاشقانسىرى جەمىيەتنى چۇشىنىشكە ،تۇرمۇشنى ئۈگىنىشكە بشلىدىم ،لىكىن بۇ چۇشىنىش مىنى چوڭقۇر ئويلارغا ،تۈگىمەس خىياللار پاتقىقىغا چۆكتۇرۇشكە باشلىدى،ھەتتا مىنى نامى ئۇلۇغ بۇ بىلىم يۇرتىدىن تويوشقا ،ئۈستىدىن خىتاپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى -دە،بۇنى يىزىشقا باشلىدىم: «ئالىي بىلىم يۇرتى» نامى نىمە دىگەن ئۇلۇغ،نىمە دىگەن پاسائەتلىك ھە! دىمىسىمۇ شۇنداق بولىشى كىرەك،لىكىن جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ،ياشلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش «ئەركىنلىك» كۆز قارىشىنىڭ كەڭ قانات يىيىشىغا ئەگىشىپ ،ئىدىيمىزدىكى «ئالىي بىلىم يۇرتى»نىمىلەرگە ئايلىنىپ كىتىپ بارىدۇ ،ياشلىرىمىز نىمىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، قىز-ئوغۇللىرىمىز نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،بۇ ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىللەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئويلاپ قالاتتىم بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمنى ، ئويلاپ قالاتتىم ئەجدادلىرىمىز توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى........................................،قىزلىرىمىز شۇنچە ھايالىق ،كۇيۇمچان،مىھرىبان،ئىشچان............ ئوغۇللىرىمىز شۇنچە ۋىجدانلىق،سەمىمىي،ئاقكۆڭۈل....................مانا مۇشۇنداق ئىدى،ھەۋەس قىلاتتىم ،مۇشۇنداق بولوشقا ئىنتىلەتتىم،لىكىن................ قاراپ باقايلى ئاتالمىش «ئالىي بىلىم يۇرتى» باغرىدا ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ،بىلىم ئىلىۋاتقان (بىر قىسم) كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى،ئاتىلىرىغا ،نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا........................................... «ئانا» ئۇ بىر ئائىلىنىڭ تەربىيچىسى،دۇنيانىڭ ئانىسى.«ئاتا» ئۇ بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۇكى ،دۇنيانىڭ قۇرغۇچىسى! لىكىن بۇ ئاتالمىش «ئالىي بىلىم يۇرتى» دا ئۇنداق ئەمەس ،«قىز» ئۇ بىر كۆڭۈل خۇشى 5 يىلدىن كىيىن «by-by» دەيدىغان ،«ئوغۇل » بىر ئادامچى ھە دىسىلا «جىنىم» دەيدىغان،لىكىن ھەممىسى،ھەممىسى بىر كۆڭۇل خۇشى 5 يىلدىن كىيىن كۆپۈككە ئايلىنىدىغان ، لىكىن نادان قىزلىرىمىز ،بەڭۋاش ئوغۇللىىرىمىز بىلمەيدۇ ئەمەس بىلىدۇ ،لىكىن ھە دىسىلا شەيتاننىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ،بىر دەملىك كۆڭۇل خوشىنى دەپ بارلىقىنى ،مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىنى ئۇنتۇيدۇ،ئۆزىنىڭ بىر قىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ،ھەتتا بىردەملىك كۆڭۇل خۇشى ئۈچۈن ئۆزىدىكى بىباھا گۆھەر بولغان «ئىپپىتى»نى يوقىتىدۇ........ ئوغوللىرىمىز ،ۋىجدانسىز ،نادان ئوغوللىرىمىز ،پاك-سەمىمىي مۇھەببەتنى خارلاپ،ئەركەكلىك غۇرۇرىنى يوقىتىپ،ئۆزىنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئاچا-سىڭىللىرى بارلىقىنى ئۇنتۇپ،ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىكى ئەركەكلىك،ۋىجدانلىق خاراكتىرىنى بىردەملىك ھىسياتىنى دەپ چۆرىۋىتىدۇ،ھەتتا ئاتا-ئانىسىمۇ ھەم سىرتىدا ئەمەس................ «ئۇيغۇر!!!! » ئۇرغۇي ئەمەس،«ئۇيغۇر!!!!» ئوغۇر ئەمەس،لىكىن ئىچىمىزدىن چىققان بىر قىسىم ئەقىلسىزلەر شۇنداق ئاتاشقا ۋە شۇنداق ئاتىلىپ قىلىشقا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ،لىكىن بىزگە ئوخشاش ئاتالمىش «ئالىي بىلىم يۇرتى» دا بىلىم ئىلىۋاتقانلار بولساقمۇ بۇنىڭغا خاتىمە بىرىش ،بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،نىمە ئۈچۈن زادى نىىمە ئۈچۈن ئۆز ئانا يۇرتىمىز دا ئۆز نامىمىزنى بۇلغايمىز؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!! دوسلار ،ئىھ سۈيۈملۇك قىزلىرىمىز،ۋىجدانلىق ئوغۇللىرىمىز ئويلاڭلار ،بىشىڭلارنى قاتتىق سىلكىۋىتىپ ئويلاڭلار!! ئايال:-ئۇ بىر بۇيۇك ئىنساندۇر،بىر ئائىلىنىڭ تەربىيچىسىدۇر ،پەرزەنىتنىڭ بىرىنجى ئوقۇتقۇچىسىدۇر،غايىلىك،شەرمىي-ھايالىق ،نۇمۇسچان ئانىلار بالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگىسىدۇر،قانداق ئايال بولۇش،قانداق ئۈلگە بولۇش ئانىلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ قىزلىرىمىزنىڭ بۇيۇك ۋەزىپىسىدۇر. ئەر:-ئۇ بىر بىباھا گۆھەردۇر ،خۇددى بىلىققا سۇ بولمىسا بولمىغاندەك بىر ئائىلىگە ،جەمىيەتكە ھەتتا دۇنياغا غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ،سەمىمىي «ئەرلەر» كىرەك،«دادا» ئۇ بالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇلگىسىدۇر ،دادىنىڭ ھەر بىر ھەركىتى بالىنىڭ كىيىنكى يولىدۇر،قانداق ئەر بولۇش ،قانداق دادا بولۇش ۋە شۇنداقلا قانداق ئۈلگە بولۇش ،ئەرلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ ئۇيقۇسى ئىچىلمىغان ،غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان نادان ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئۇگىنىشكە تىگىشلىك ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسىدۇر! ئايال ئۇ بالىنىڭ روھى ئۇزۇقى، ئەرلەر ئۇ بالىنىڭ ۋىجدان ئۇرۇقى. گەر بولسا ئەر-ئايال ئەقىل ئىگىسى، بولمايدۇ بالادا شەيتان ئۇرۇقى. ئاخىرىدا ياراتقان ئىگەمدىن ھەممىڭلارغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،كۆڭلۇڭلارغا ئىنساپ تىلەيمەن!!! ئاپتورى:ئالىمجان [ يوللىغانalim534تەرىپىدىن2008-04-27 10:55قايتا تەھر ] ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-26
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
PARIZAT0996 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | AJRIGIZGA RAHMAT
| ||||
---|---|---|---|---|---|
barchuki دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئوبدان يېزىپسىز .يەنىمۇ تىرشىڭ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AIZIRE دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىbozyegetنىڭ2008-04-26 12:33يوللىغان : توۋا خۇدايىم!!!!!!!!!!!!!!مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلىدىكەنسىلەر-ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ahtorna0999 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاللا ماۋۇ چاقچاقنى كۆرە ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yolbax218 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تىېما تولىمۇ تېتىقسز يېزلپتۇ .بۇنداق دەپ يۇرگۇچە قوڭاڭنى قىسساڭ بولمامدۇ ؟ ،سېنىڭ بۇنڭدىن باشقا ئشىڭ يوقمىدى . ئەگەر يەنە تىل ئشتقىڭ كەلسە مۇشۇنداق نەرسىلەنى كۆپرەك ياز ھە! جەمىيەتتە شۇنداق ساناپ تۇگەتكىسز ئشلار كۆپ تۇرسا، سەن نىمە دەپ گەپ تاپالمىغاندەك ئالې مەكتەپتىكى ئاشۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنى يەزىسەن ھە! قىلدىغان ئش تاپالمىساڭ مىنىڭ يېنىغا كەل ،مەن ساڭا ئش تېپىپ بېرمەن ، بولامدۇ مەتۇ !!!!!!!!!!!!! يۇقىردىكسنىڭ ھەممىسى چاقچاق ھە ! تېخمۇ تىرشىپ باقساڭ چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ دڭلىق ،ئەڭ مەشھۇر ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئرشكىدەك ئالىم بولغىدەكسەن بالاڭزا چەيدۇ .
باشقۇرغۇچى نىمە ئىش قىلىدۇ... چاقچاقمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yolbax218 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ .
داۋاملىق يېزىپ تۇراسىز !!!!!!!! بەزى ۋىجدانىنى ئىت يەپكەتكەن قىز-يىگىتلىرىمىز ئويغۇنۇپ قالار !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىbozyegetنىڭ2008-04-26 12:33يوللىغان : چاخچاقمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ ؟؟؟؟ ھەي باشقۇرغۇچىلار سىلەر نىمە قىلۋاتقانسىلەر !!!!!! خەق جاپا تارتىپ ئاران يازغان نىمىنى شۇنداقمۇ دىگەن بارمۇ ؟؟؟؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راسلا ياخشى يېزىپسىز !! رەخمەت سىزگە !!
بۇ ھەربىر سىتۇدىنىتنىڭ ئوقۇشىغا تىگىشلىك بىر تىما بوپتۇ بۇ ~~ | ||||
---|---|---|---|---|---|
128 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ماقالە بىلەن ئۆزگەرىتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە كەلدى ،بۇندىن كىيىن تېىخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ،،،
ئامال يوق ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
★微笑★ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گەپ ئىگىسىنى تاپىدۇ ئەمەسمۇ ؟!!! بۇ گەپمۇ ئىگىسىگە تىگىپ كەتكەن گەپ !!!!!! شۇمۇ چاقچاقمىش !!!!! دىمىسىمۇ ناھايىتى ئەمەلىي يېزىلىپتۇ ،ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ! تېما ئىگىسىگە رەخمەت ! ئاللا ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي !!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tomurmux دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئەھۋالىغا قارىسا ،ئادەمنىڭ قىزى ۋە سىڭىللىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكۇسىمۇ كەلمەيدىكەن ، ئوقۇتاي دىسە تىخى ،ئوقۇتماي دىسە تىخى ..... ئاتئىزىمچە ،ماركىزىمچە تەربىلەۋاتقاننىڭ نەتىجىسى كورۇلىۋاتقان ئوخشايدۇ .........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
DARMAN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راسلا ياخشى چىقىپتىغۇ.......................تىللاش كىتەمدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayixa11 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن كەلگۈسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەشۇ<ئالىي بىلىميۇرتى>دا ئوقۇيدىغانلارنىڭ بىرى. ئۇلۇغ ئاللا شۇلارنىڭ كۈڭلىگەئىنساپ ئاتا قىلسۇن........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
уιɡαηα دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wesal دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھەقىقەتەن ئىگسىنى تىپىتۇئىگسى تاقەت قىلالماي ئۆزىنى ئاشكارلاپتۇ .
ئەسلى بۇتىماھەربىرئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ۋەئالى مەكتەپكەمىڭىش ئالدىداتۇرغان ئوقوغوچى كۆرۇپ ئويلىنىشقاتىگىشلىك مەسلەئىدى . ھەرئادەم ئۆزخوي -پەيلىنى سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇئەلۋەتتە. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xixa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللا قولىڭىزغا دەرىد بەرمىسۇن .ياخشى يىزىپسىز .
ھەممىمىزشۇنى ئورتاقلىشايلىكى ؛ھەر بىرىمىز مەسئۇلىيەتتىن ئۈزىمىزنى قاچۇرماي .ئىبرەتنى ئۈزىمىزدىنباشلاپ .ئوزىمىزدىكى كەمچىللكلەرنى تۇزىتىشكە قارىتىپ،ئۈز ئائىلىمىزكىشىلىرىگە ياخشى مەسئۇل بولۇپ پەيغەم بەر ئەلەيھى سالام نىڭ سۆزى [.......ئەركىشى پادىچى .قىيامەتكۇنىسى ئەر ئۆزىنىڭ ئائىلە -بالا چاقا دىن سوراق.سۇئال قىلىنغۇچىدۇر.......دەگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئەمەلىلەشتۇرۇپ.ياخشى ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىا تىرىشايلى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ABDULAMIN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە بارلىق مەسئۇلىيەت ئاتىلاردا ، ئاتالمىش ۋىجدانلىق .غۇرۇرلۇق ،يىگىتلىرىمىز دە........................
قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇ يوللاردا مىڭىشىغائاتالمىش ۋىجدانلىق .غۇرۇرلۇق ،يىگىتلىرىمىز سەۋەپچى ، ئەگەر كاللىنى ھەقىقى سىلكىۋىتىشكە توغرا كەلسە ۋىجدان،غۇرۇر ،بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ،ئوغۇللار،يىگتلەر ،ئاتىلار ، سىلكىۋىتىشىمىز كىرەك. مۇنداق يازسام بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا بەزى قىرىنداشلىرىمىز مىنى ئەيىپلىشىڭلار مۇمكىن . مىنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن بارلىق قىرىنداشلىرىمنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىڭلارنى سورايمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yakupdaxxat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تىما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاپتۇرنى مۇكاپاتلاش كېرەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuilgun دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەكلا تېتېقسز چاقچاق كېلدېكەنسېلەر ئوسمۇرلەرمۇ كېردۇ بۇ بەتكە بايقاپ سوزلەڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|