| |||||||||
dilnor دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەن ئۈچۈن كۆتىرىمەن ھەر قەدەھنىسەن ئۈچۈن كۆتىرىمەن ھەر قەدەھنى ئىچتى دەپ ئەيىپ ئەتمە مىنى گۈلۈم، تەكتىگە يەتمەي تۇرۇپ بۇ «ئەيىپ»نىڭ. نە ھېكمەت قانداق قىسسە باش كۆتەرگەن، بىلەمسەن ئارقىسىدا بۇ كەيىپنىڭ. مەيخۇمار بولۇپ قالدىم يوشۇرمايمەن، سېنىمۇ باردۇر ئاڭا قوشۇپ ئىچكۇم. بار مېنىڭ زۆرور بولسا مەينى سەنچۈن، ئالەمنىڭ ئۇ چىتىدىن توشۇپ ئىچكۇم. بىر ئشىنى چۇشەنگەنسەن شۇ سۆزۇمدىن، مەي ئىچسەم ئىچكىنىمنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن. نە ھاجەت ئۇندىن ئارتۇق جاۋاپ يەنە، ئېيتقىنا ئىچمەڭ دىگەن بىر سۆزۈڭ ئۈچۈن؟! كېلىدۇ تەبىرىھلىنىپ شۇ قەدەھتە، ۋىسالنىڭ تەنتەنىسى بىز ئىرىشكەن. بىز چىراق ئەمەسمىز چۇ نكى ئاشۇ، ئايرىلىش بورانىدا بىر-بىر ئۆچكەن. ئېيتقىنا ئاز تارتىقمۇ جۇدالىقنى، نە قالدى بىز كۆرمىگەن مۇشەقەتتىن. بىشىڭدا تاج بولسىمۇ تەنھالىقتا، ئۇ ئۈستۈن ئەمەس ئىكەن مۇھاببەتتىن. كۆپ سۆزلەپ نىمە قىلاي ئۇ يىللارنى، كەلگەنتۇق ئازابىغا كۆنەلمەستىن. بىز گويا كاككوك بىلەن زەينەپ بولدۇق، بىر-بىرىمىزنى كۆرەلمەستىن. مەن سىنى ئونتۇمىدىم نەدە بولسام، دەس تۇردۇم سۆيگۈڭ بىلەن يىقىلساممۇ. ئۇلغىيىپ باردى شاڭا ئاشىقلىقىم، سەن ئۈچۈن مەيلى دارغا ئىسىلساممۇ. گاھ ئۈمىد ئىلكىدىمەن گاھ كۇنلىرى، ئۆزەمگە ئۆزۈم كېپەن پىچىپ يۇردۇم. دەرتكە چىدالماستىن شۇ كۇنلەرنىڭ، سەن ئۈچۈن يىغلاپ يەنە ئىچىپ يۈردۇم. دېمەككى جىمى دەرتكە ئۆزۈڭ سەۋەپ، سەن بولدۇڭ مىنى مەيگە ئۈگەتكەنمۇ. توزغاقتەك توزوپ گويا ھىجرانىڭدا، پىراقىڭ بولدى مىنى تۈگەنكەنمۇ. يۈرەلمەس بولۇپ قالدىم مەي ئىچمىسەم، دەردىمنى بىلىپ كەتتى مەيپۇرۇچمۇ. تولغانتى مەيخانىلار دەرتمەنلەرگە، مەي بىلەن بېسىلاتتى ئاھ ئۇرۇشمۇ. ماڭاتتىم تام ياقىلاپ كېچىلەردە، خىيالىم سەن بىلەن بەنىت غىڭشىغانچە. مەي ئىچىپ ئۆتكۈزسەممۇ تالاي يىلنى، كەلگەنتىم ئۇچىرىڭنى تىڭشىغانچە. ئېيتقىنا ھېجرانلاردا ھەمدەم بولغان، بىر دوستتىن يۈز ئۆرەمدىن ۋىسال كۇنى. سەن بىلەن تېپىشقاندا چاۋاك ئۇرغان، قىلىمەن چىن دوستلارغا مىسال ئۇنى. سەن ئۈچۈن كۆتىرىمەن ھەر قەدەھنى، شادلىقتا يىغلاپ ئەمەس كۇلۇپ تۇرۇپ. قانداقچە ئىيتىپ كۆردوڭ ئۇنى ماڭا، ئىيتقىنا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ. سەن ئۇچۇن كۆتىرىمەن ھەر قەدەھنى، ھەر كۇنى مۇبارەكلەپ مۇرادىمنى. خالى بول تەشۋىشلەردىن سەن تۇرغاندا، مەي بىلەن يوقاتمايمەن ئەس-يادىمنى. ھۆسنۇڭگە قاراپ تۇرۇپ ئىچكىنىمنى، قوياشقا قااپ تۇرۇپ ئىچتىم دەيمەن. ھە قەدەھ تارالغاندا ۋۇجۇدۇمغا، سەن بىلەن خۇددى كۆكتە ئۇچتۇم دەيمەن. چۇشەنگىن ھەر قەدەھنى كۆتەرگەندە، مىنى ئۇ يىڭىباشتىن سۆيمەكتە دەپ. دەۋەرگىن جىمى خۇلۇم-خۇشناڭغىمۇ، يۇرىكى يىڭىباشتىن كۆيمەكتە دەپ. كۆتۈرەي ئاشۇ مەيدىن يەنە بىرنى، كەل گۈلۈم ئۆز قولۇڭدا قويوپ بەرگىن. بىر قەترە يوتمىساڭمۇ مەيلى يۇتما، مەينى دەپ ماڭا يىقىن تۇرۇپ بەرگىن. ئىچتى دەپ ئەيىپ ئەتمە مىنى يايرىم، تەكتىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ « كەيىپ»نىڭ. بىر غورور باش كۆتۇردى ئاشىقىڭدا، چۇشەنسەڭ ئارقىسىدا بۇ كەيىپنىڭ. [ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-04-28 23:32قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
karahanix دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يىزلغان شىئىركەن ....... ھاراقنى ئۇسپ كەتكەنلىك ئۇچۇن ئىچمەيدۇ ئەلۋەتتە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | ئىچمەمدىغان.... لىق-لىق تولدۇرۇپ ئىچىڭ!!! تاكى جىگەر راكى، ئاشقازان راكى بولغىچە!!!
ئاڭلىسام قىزلار بەك كۆتىرەمىش ، ئوغۇللاردىن بەكىرەك !!! قىزلارغا مەي ئەمەس سوغاق سۇمۇ زىيان قىلىدۇ جۇما !!! نىمىدىگەن تىتىقسىز شېئىر بۇ !!! بۇ شېئىرنى يىزىش ئارقىلىق بارلىق قىزلارغا ھاراق ئىچىشنى تەشۋىق قىلماقچىمۇ يا باشقا مەقسەت بارمۇ ؟؟؟ مىنىڭ كاللام ئاددىي كىلىپ تازا تىگىنى چۈشىنەلمىدىممۇ يە ؟؟؟ ئەڭ ياخشىسى توۋا دەي !!! خۇدايىم ئىنساپ بىرەر !!! ھاراقنى كۆزدە تۇتۇپ يىزىلغان شېئىر بولسا ، شېئىر ئاپتورنىڭ قولىغا دەرت كەلگەي !!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
karahanix دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ پەقەتلا بىر شئىركەنغۇ ،نىمانچە قىلسىز
كىم ئىچدىكەن ،ئىچىدۇ دىمەپتۇ ،بىر دەرت ھەسرەتنى مۇشۇنداق ئىپادىلەپتۇ شۇ ،. قزىقىكەنسىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnor دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | BMW-760 سىزنىڭ قىز ياكى ئوغول ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىدىم. ئەگەر سىز بىر ئوغول بالا بولسىڭىز ، ئوغول بالىلىق سالاھىيتىڭىز بىلەن ئوقوپ كۆرۇڭ. سىز ئەڭ ئاددىسى بۇ مىسرالاردىنمۇ بىلمىدىڭىزمۇ؟
كۆتۈرەي ئاشۇ مەيدىن يەنە بىرنى، كەل گۈلۈم ئۆز قولۇڭدا قويوپ بەرگىن. بىر قەترە يوتمىساڭمۇ مەيلى يۇتما، مەينى دەپ ماڭا يىقىن تۇرۇپ بەرگىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | Quote:بۇ يازما4قەۋەتتىكىdilnorنىڭ2008-04-28 23:31يوللىغان : مەن شېئىر ، ئەدەبىيات دىگەنلەرنى تازا چۈشەنمەيمەن.. مەن بىر قارا قوساق دەڭە... ئۇنداق بولسا ئىغىر كۆرمەي چۈشەندۇرۇپ قويسڭىز بوپتىكەن.. سىز دىگەن قانداق مەي ئۇ ؟؟؟ مەن ئىنكاسنىڭ ئاخىرىدا ئىنىق دەپ قويدۇم .. ئەگەر ھاراقنى كۆزلەپ يىزىلغان شېئىر بولسا ، ئاپتورنىڭ قولىغا دەرت كەلگەي دەپ... سىز ھاراقنى دىمىگەن بولسىڭىز نىمىنى دىدىڭىز ؟؟؟ مەن چۈشىنەلمىدىم ... توغرا چۈشۈنۈڭ ھە.. قارا قورساق ئادەم دىگەن شۇ ئۇدۇللا گەپ قىلىدىكەن !!!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
دىل دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى شېئىربىلەن يۈزكۆرۇشتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ..
بىراق ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. مەيخۇمار بولۇپ قالدىم يوشۇرمايمەن، سېنىمۇ باردۇر ئاڭا قوشۇپ ئىچكۇم. بار مېنىڭ زۆرور بولسا مەينى سەنچۈن، ئالەمنىڭ ئۇ چىتىدىن توشۇپ ئىچكۇم. --------------------- بۇ مىسرالار ھەربىر ئاشىق ئۈچۈن ياد بولۇپ كەتكەن مىسرالاردۇر. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | ئەدەبىي ئەسەرگە ھېسسىيات ئارلاشتۇرماي مۇئامىلە قىلىشمۇ بىر ساپا...... قارا قورساق مەن دەپ مۇنبەردە پەش قىلىپ باشقىلارنىڭ تېمىسىغا سۇغۇق سۇ سەپمەڭ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | مۇھەممەتجاننىڭ راشىدىن ئاكىنىڭ تىللىردىكى يىنىكلىك باركەن بۇ شېئىردا .مىسرالىرڭىزدىكى بايان مىنى تاڭ قالدۇردى دىلنۇر ..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnor دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەي دىگەن ھەسرەتكىلا يارالمىغان،
ئۇ بىلسەڭ يارىشىغى شادلىقنىڭمۇ؟ ئۇنتۇلغان ئاشۇ ئوتموش ھەر قەدەھتە، بىھۇدە كەتكىنى ھەم ياشلىقنىڭمۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىlayli0317نىڭ2008-04-29 00:20يوللىغان : سىز ساپالىق بولغاندىن كىيىن ئىغىر كۆرمەي مەزكۈر شېئىردىكى مەينى ماڭا بىر يىشىپ بەرمەمسىز ؟؟؟ بىلىۋالاي ؟؟؟ بىرەر بىلىم بولسىمۇ ئۈگىنۋالسام ئەجەپ ئەمەس! قانداق مەي ئۇ پەقەت ئۇقالمىدىم ، ئىچىدىغان مەيمۇ ۋە ياكى باشقا مەيمۇ ؟؟؟ مەزكۈر شېئىردىكى مەينى ماڭا ئەينەن چۈشەندۇرۇپ بىرەلىسىڭىز سىزگە قول قويىمەن !!! قېنى مەرھەمەت ----------------->> | ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | ئىشىنەيمۇ يارىشىغى دېسەڭ مەينىڭ -
شاتللىقىنى خوشاللىقتىن قۇيۇپ ئۈستۈن . قارا بۇپ كەتكەچ قوساق گاھى قەينىڭ ، ئۈستىدە ئەييام تۈنەپ ياتسا چۈشكۈن ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | ساپلا كىتاپ خالتىلىرى يىغىلدىمۇ نىمە بۇ يەرگە ... ئۆزىنى ئۆزى خوش قىلىدىغان... ھاراقكەشلار سورۇنىدا قالدىممۇ نىمە مەن ئىچىشە زابويلار !!!!!! << مەي دىگەن ئىشەكنىڭ سۈدىكى >> دەۋاتاتتى بىرى !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىBMW-760نىڭ2008-04-29 01:23يوللىغان : ئاخرقى سىپىرڭىزدىن 400نى ئېلىۋىتىپ (...) گىرادۇس بۇرۇلۇپ قاراپ باقسىڭىز سىزمۇ كۆرەلەيسىز بۇ مەنزىرنى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | Quote:بۇ يازما13قەۋەتتىكىjudunنىڭ2008-04-29 02:35يوللىغان : ئېملاغا دىققەت قىلىڭ.. سىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىزغا تەرجىمان ئىلىپ كىلىپ ئوقۇتمىسام بولمىغۇدەك ! << ئەپەندىمنىڭ يازغان خىتىنى ئۆزىدىن باشقا ئادەم ئوقۇيالمايدۇ >> دەۋاتاتتى... ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چاندۇرۇپ ،، كىيىنكى تىل-ئاھانەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن << ياخشى باھا >> دىگەننى نۆۋەت بىلەن قاتۇرۋىتىپتۇق ھە... نىمىدىگەن ئاقىلانە پىلان بۇ ~~!! [ يوللىغانBMW-760تەرىپىدىن2008-04-29 03:18قايتا تەھر ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | Quote:بۇ يازما12قەۋەتتىكىBMW-760نىڭ2008-04-29 01:34يوللىغان : كىتاب خالتىللىرغا بولغان تۇنىشىڭىز شۇ بولسا ئۆزىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر خوش بولمىغىدەك سىزدىن . تازغا تاغاقنىڭ نېمە ئىشى ھە ؟! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | Quote:بۇ يازما15قەۋەتتىكىjudunنىڭ2008-04-29 02:44يوللىغان : ئۆزەم ئۆزەمدىن خوش بولامدۇ خوش بولمامدۇ بۇ جان ئۆزەمنىڭ ... سىزنىڭ جىنىڭىز ئەمەس... ئۆزى داپ چىلىپ ، ئۆزى ئۇسۇل ئويناشتىنمۇ ئەخمىقانە ئىش بولمىسا كىرەك... رىيانلىققا كۆز يۇمغانلىقنىڭ ئۆزى بىر ئەخمىقانلىق !!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | توغرا ،سىزنىڭ جېنىڭىزغا مىنىڭ جېنىم ئوخشىسىمۇ بىراق ، جاننىڭ ئۆزىنى تۇنۇشىنى ئوخشىمايدۇ. داپ سىزنىڭ قولىڭىزادا بولغاندىكىن راسا بىر چىكىڭە ،ساما ئوينىشىپ بېرەيلى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | Quote:بۇ يازما17قەۋەتتىكىjudunنىڭ2008-04-29 02:51يوللىغان : سىز مەن چالغان داپقا ئۇسۇل ئويناش ئۈچۈن ئايرىم بىلىم ئاشۇرۇپ كەلمىسڭىز ساما سالالمايسىز... شۇڭا ئەڭ ياخشىسى توختاپ قىلىڭ... سىزدەك ئۆزى گەپ قىلىپ ئۆزى كۈلىدىغان ، توختىماي خوشامەت داستىخىنى توشۇيدىغان ئادەمنى كۆرسەم گۈلىقەقەلىرىم ئىچىلىپ كىتىدىكەن | ||||
---|---|---|---|---|---|
judun | ئۇنداق بولسا سىزگە «گەپ» چېلىپ بەرگۈچە ۋاقىتنىڭ قەدرىنى قىلاي ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|