| ||||||
suzuk881 | (مۇراجەتنامە) ئىنىمىز ئەزىمەتجاننى قۇتقۇزۇۋالايلى!!بۇ تىمىنى ئۇيغۇرۇم007 ئىلگىرلەتتى(2008-09-15)
ساخاۋەتلىك قوللاردىن گۈل-چېچەكلەر پورەكلەپ ئۈنگەي!!!
كىشىلىك ھاياتتا ھەمىشە ئويلىمىغا ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تەقدىر بەزى ئادەمنى ئېغىر دەرت-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىدۇ. مەن ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بۇ ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتتىن چۈچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ياداپ كەتكەن يۈزى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ بەكلا ئېچىندىم. قۇچىقىدىكى ئۈچ ياشلىق بالىسى ماڭالمايدىكەن، ئولتۇرالمايدىكەن، ھەتتا بوينىنىمۇ تۇتالمايدىكەن. پۈتۈن ئەزايى پالەچ ئىكەن. ئەمما چىرايى شۇنداق ئوماق ئىكەن. ئۇ بالىسى بىلەن يوغان بىر بوقچىنى كۆتۈرۈپ ئىشخانامغا كىردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 5-6 ياشلىق بىر بالىمۇ ئەگىشىپ كىردى. مەن ئۇنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇنداق روھسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئولتۇرۇپ گەپ باشلىغاندىن كېيىنلا بىلدىم. ئۇ تولىمۇ چۈشكۈن، بىچارە ئىدى. ئۇ گېپىنى باشلىدى: - ئىسمىم نۇرگۈل سامساق، ئاۋات ناھىيە يېڭىرىق يېزا قوش قۇدۇق كەنتىدىن، ئىككى بالام بار، چوڭى 6 ياشقا كىردى، كىچىكى قۇچۇقۇمدىكى مۇشۇ ئومۇقۇم. بۇ بالام تۇغۇلغاندا نورمال ئىدى، بىر ياشتىن ئاشقىچە ھەرىكەت قىلالمىدى. بىز ھەيران قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇر تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سەككىز ئايلىق بولغاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ دەپ دىئاگنوز قويدى ھەم ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشىمىزنى ئېيتتى. بۇنىڭغا 15 – 20 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىكەن. لېكىن بىزدە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، ئاۋات، ئاقسۇدىكى دوختۇرخانىلاردا ئانچە-مۇنچە داۋالاتتۇق. بىراق ئۈنۈمى بولمىدى. يولدىشىمنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولمىسىمۇ (يولدىشىم كوچا ئاپتۇبۇس شوپۇرى ئىدى)، كۆپرەك پۇل تېپىپ بالىنى داۋالىتىشقا ئىرادە باغلىغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەن ئىدى. بىراق، 2007-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى يولدىشىم بىلەن ئاپام تەڭلا كۈمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۈلۈپ كەتتى. مەن يىغلىدىم، قاقشىدىم، كىرىم مەنبەيىم پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. ئاپام ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن دادام ئۇزاققا قالماي ئۆيلىنىۋالدى. گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلغاندا ئۇ ماڭا ياردەم قىلالمايتى. بىر ئۆي دېگەندە ئەقەللىسى كۈندە 2 ۋاخ تاماق يېمىسە بولمايتى. تېخىمۇ چوڭ غېمىم بالامنى داۋالاتمىسام بولمايتى. مەن ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىنى ساتتىم. مەڭ تەستە 1700 يۈەن پۇل يىغىپ بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىگە باردىم. دوختۇرلار بالامنى كۈرۈپ <<كېسەل كونىراپ كېتىپتۇ، ھازىر ئاز دېگەندە 40-50 مىڭ يۈەن بولمىسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ>> دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدىم. كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلۇق باستى. مەن ئامالسىز ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، گېزىتخانا، تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ باقتىم. لېكىن جەمىيەتتە ئالدامچىلار كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلمىدىم. ئاخىرىدا پۇلۇم تۈگەپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى يېنىمدا كىرا قىلىپ كەتكۈدەك پۇل قالمىغان ئىدى. ئاخىرى 200 نەچچە كوي يىغىپ ئاۋاتقا كېلىۋالدىم. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۇرمۇشتا بەك قىينالدىم. بۈگۈن بىر ۋاق تاماق ئەتكەن بولسام، ئەتىسى قانداق قىلىشنى، نېمە يېيىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كېتىدۇ. بالامغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. نەچچە قېتىم بالامنى مەسچىتنىڭ ئالدىدا ياتقۇزايمۇ دەپ ئويلاپ باقتىم. لېكىن ئانا بولغان ئادەم بالىسىغا چىدىمايدىكەن. ئۇنداق قىلالمىدىم. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بالامنى يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرەيمۇ-يا، دەپمۇ خىيال قىلىپ باقتىم، لېكىن بۇنىڭغا ۋىجدانىم يول قويمىدى. كىمدىن ياردەم سوراشنى، نەگە بېرىشنى، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن. - مەن جەمىيەتتە ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە، كىشىلىك دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىغا ئىشىنىمەن، جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى، بالامنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. جەمىيەتتىكى كەڭ دوستلار، تۇل ئايال نۇرگۈلگە ياردەم قىلايلى، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ قويايلى، بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى. ئىزاھات: بۇ مۇراجەتنامە ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 2008-يىللىق 7703-سانىغا بېسىلغان. بۇ تېما 2008-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سەلكىن مۇنبىرىگە بىر قېتىم يوللانغان بۇلۇپ، ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن نۈرگۈل ھەدە بالىسىنى بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىتىشنى تۈگىتىپ كەلگەن ھەمدە بالىنىڭ كېسىلىدە كۈرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىش بولغان. دوختۇرلار يەنە 2 باسقۇچ داۋالاتقاندا ساقىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان. لېكىن نۈرگۈل ھەدىنىڭ ھېچقانداق باققۇنچىسى ياكى ئىقتىسادى كىرىمى بولمىغاچقا، بالىنى داۋالىتىشقا ئامالسىز قالغان بۇلۇپ، شۇ سەۋەپتىن بۇ مۇراجەتنامە ئۈممەت ئىسلام تورىغىمۇ يوللاندى (ئۇنىڭدىن باشقا شەبنەم، دىيارىم، سەلكىن، ئۆرلەش مۇنبەرلىرىگە ۋە سىراجىل مۇسىلىن تورى قاتارلىق بىر نەچچە ئىسلام تور بېكەتلىرىگىمۇ يوللاندى). ۋاقىپ بۇلۇپ قالغايسىزلەر. ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇچۇلارنى كۈرۈۋېلىڭلار. بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسىمى: نۇرگۈل سامساق. تېلفۇن نۇمۇرى: 13139867625 بانكا كارتا نۇمۇرى: 4563518300026886673 (جۇڭگو بانكىسى) بانكا كارتا نۇمۇرى: 6228483650128059614 (يېزا ئىگىلىك بانكىسى). كارتا ئىسىمى: 努尔古丽 • 沙木沙克 مۇناسىۋەتلىك ئىسپات-ماتېرياللار: http://p4.images22.51img1.com/6000/qayanxah001/4145aea67a2b0cdcbcf266245c95f95b.jpeg http://pc.images22.51img1.com/6000/qayanxah001/c319b15d6c9f771039c36d7e92aa1bc5.jpeg ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىنى بەخىتلىك قىلغاي!!!! مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئىلتىماس: بۇ تېمىنى ئالدىغا ئىلگىرلىتىپ قويغان بولساڭلار. قانچە كۆپ ئادەملەر كۆرسە قىلىنغان ياردەممۇ شۇنچە كۆپ بولاتتى. رەھمەت!!! ھەممىسى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن!!! مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلايلى. ئۈممەد مۇسۇلمانلار تور بېتىدىن تەۋسىيە. ___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-15
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرۇم007 كىسەل ئىملاچىلاردىن زىرىكتىم! | جانابى ئاللاھ ئىنىمىز ئەزمەتجاننىڭ كىسىلىگە شىپاھلىق بەرسۇن ، نۇرىگۈل ھەدىمىزنىڭ ئۈستىدىكى مۇھتاجلىقنى كۆتۈرىۋەتسۇن ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئاسايىشلىق تۇرمۇش ئاتا قىلسۇن ، ئامىين!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىليار | ئۇنى اللا ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خان دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.
قىنى دوسلار بۇ ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۇنلەردە قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلايلى........ | ||||
---|---|---|---|---|---|
خان دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇشۇ بانكىنىڭ تۇلۇق ئاددرىسىنى يىزىپ قويغان بولسىڭىز بۇلاپتىكەن،مىنىڭ سودا سانائەت بانكىسى ئىدى،توردىن پۇل سالغاندا بانكا ئاددرىسىنى تەلەپ قىلىدىكەن.مەسىلەن:中国农业银行乌鲁木齐...............等等
رەخمەت | ||||
---|---|---|---|---|---|
snow-white دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ سەبىىنڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلمەن. ئاللا سىزنى ئۆز پانائىدا ساقلىسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axik0996 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | (تاما-تاما كۆل بولا)دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ،قېنى ئاز بولسىمۇ ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۇنلەردە ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnun0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | /ulug alla uz panahida saklisun
hammimiz yardam kialyli | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
مۇراد دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | اللە ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن! امىن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yuraktonuydu دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ ياردەم قىلماقچى
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yuraktonuydu دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بۇگۇن نۇرگۈل ئاچام بىلەن تىلىفوندا پاراڭلاشتىم، داۋالىنىشىغا ھەقىقەتەن كۆپ پۇل كىتىدىكەن،تورداشلار كۆپلەپ ياردەم قىلايلى،مەنمۇ چوقۇم ياردەم قىلىمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|