| ||||||
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | شەبنەمدىكىلەرگە زەھەرلىك چاقچاق ( ئۇيغۇرا )شەبنەمدىكىلەرگە كۆتۈرۈپ-قوپقۇسىز چاقچاق «مۇسەللەس»مەيگە دۈم چۈشمە،«ئەركزات»كۈلمىسۇن،ئاڭلا! «ئەركھون»نى سەن يىغلاتما،«بىپەرۋا»كۆرمىسۇن،ئاڭلا! «جۇدۇن»سوققاندا«چوغلۇق»نى،تامام مەيخانىنى كەزدىڭ، ئېزىلمە لاي-«كېسەك»بولما،نۇمۇس-ئار ئۆلمىسۇن،ئاڭلا! ئۈزمەكتە«قۇندۇزئاي»كۆكتە،ھەمراھى«پەرۋىن»«يۇلتۇز»ى، «سائادەت»دىلبىرىن سۆيسەڭ،ياش تۆكمە....بىلمىسۇن،ئاڭلا! «ئۇيغۇرئاي»قاقشىغاي دائىم،«ئۇيغۇرۇم»لەۋلىرى جامدا- يېزىلدى نە چۈن «مەڭگۈتاش»...يىگىتلىك سۇنمىسۇن،ئاڭلا! «نازۇك چىمەن»لەر يىغلىغاي،دەيدۇ:«لەيلى»دەردى كۆپ، چۈش بولدى پۈتكۈل«ئەسلىمە»،مەجنۇن ئۇنتۇلمىسۇن،ئاڭلا! «تاڭ ساباسى»بىر قايرىلىپ «شەھلا»كۆزىدە قارىسا، دەيسەنغۇ«نۇرلان ئۇيغۇرۇم»،شاراپ ئازدۇرمىسۇن،ئاڭلا! ئۆپكەڭنى باسقىن «ئۇيغۇرا»،«شەبنەم»دە ھوقۇق پالتىسى- چېھرىڭنى«خورما» ئەيلىبان،تېماڭنى ئۆچۈرمىسۇن،ئاڭلا! 2008-يىل25-سېنتەبىر چۈشۈپ قالغان تورداشلارنىڭ خاپا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن! ___ باشقۇرغۇچى : bilgar تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-09-25
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
nargiza18 | ئۆپكەڭنى باسقىن «ئۇيغۇرا»،«شەبنەم»دە ھوقۇق پالتىسى-
بۇ مىسرا ئاجايىپ ئۆتكۈر چىقىپتۇ ،بەزەنلەر ئاچچىقىدا ئىچىدىن كېتىپ قالمىغىدى............ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مانا مەن خاپا بولمۇدۇم، يىغلىمىدىم
| ||||
---|---|---|---|---|---|
_Malika_ دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاجايىپ قاملىشىپ كىتىپتۇغۇ؟ ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
saadat قار~لەيلىسى | خاپا بولغۇدەك يازالماپسىز ئەمەسمۇ؟قەلىمىڭىزدىن سۈيۈندىم،بىزغۇ ئېغىر ئالمىدۇق ئۆزلىرىنىڭ پات-پاتلا (ئېغىر ئېلىپ)مايتارتىپ(غودۇڭشىپ)بىزنى تاشلاپ كەتمەسلىكلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | پاھ !ھەجەپ كېپكېتىپتۇ-يا !
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
nurdun مۆلجەر تاغ ئوغلى | قەلمىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكنى ھېس قىلۋاتىمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karahan- دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىزمۇ ىاپا بولمىدۇق................ياخشى يېزىپسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul | خاپا بولمىدۇق ! شىئىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،بەك مەنىلىككەن بەك ھوزۇرلاندىم رەھمەت سىزگە!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
arkhon | ھى ھى ھى بۇرادەر رەھمەت جۇما ئاداۋەت تۇتماي يامانلاپ كەتمەي بىز بىلەن يەنە ھەمسۆھبەت بولغۇنۇڭلىغا..
| ||||
---|---|---|---|---|---|
hanjar0991 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راسلا زەھەرلىككەن..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnor دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | «مۇسەللەس»مەيگە دۈم چۈشمە،«ئەركزات»كۈلمىسۇن،ئاڭلا!
ھەيييييييييييييييييييييييييييييييييييييي مۇسەللەس كۆرسە خاپا بولۇپ كىتىدىغان بولدىدە | ||||
---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | مېنىڭ ئەزالىق سېستىمامدىكى«توردىكى ۋاقتى»دېگەن جاي952سائەتتە تۇرغىلى 2 كۈن بولدى،كۈندە ئون سائەت ئەتراپىدا بار مەن،بۇ نېمە ئىش؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ...............................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | يـــــــــــــوۋ~~ ھىلىمۇ ئەڭ بىشىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شېئىردىن ئورۇن زاكاز قىلغىنىم، بولمىسا ئىسمىم «ئىشىك»نىڭ سىرتىدا قالاركەن~~
ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ مىنىڭ ئىسمىم بار مىسرا~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|