| ||||||
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | ـــ ::: ئۆلۈم ئىزلەپ ئۆلۈش::: ـــ ( ئۇيغۇرا )ئۆلۈم ئىزدەش ئۆ.س.ياشلىق باغرىڭنى يارغاي قولۇم ، ئارماندا ئۆل . مۇزلىسۇن تەن گۈلخىنىڭ ، نىمجاندا ئۆل . ھەق - ئادالەت قامچىسىنى ئوينىتىپ ، ئات مىنىپ كەلسەم مەگەر ھەيراندا ئۆل . نەپسى شەيتان شەھۋىتىنى قوغلىشىپ ، جان ئوتىغا ئوت يېقىپ ، گۈلخاندا ئۆل . قۇشلىرىم ئاسماندا ئۇچقاي ، سال نەزەر - كۆيدۈرەر دىلخانىنى ، مەستاندا ئۆل . جانىڭ كۆيەر كۆكتە قۇياشنىڭ تەپتىدىن ، قارغىش تېگەر : « زۇلمىتى قورغاندا ئۆل » . دىلدا يانغان ئوت ئەمەس ، ھەقنىڭ نۇرى - بىر گۈزەل ئۆلۈم ئىزلەپ . . . جەرياندا ئۆل . سۆزلىمە ، ياشلىق نىگارىڭ كەلمىسە - بەر ئامانەتنى مۇندا ، پەرماندا ئۆل . 2008-يىل ، 3 - ئۆكتەبىر قەلبىم ئۆ.س.ياشلىق نىگارسىز تۈندە مىسكىن دىل ، ۋىسالغا ئىنتىزار قەلبىم . كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەچ ، بۇلۇرلەر شەرمىسار قەلبىم . قىزىلگۈل بەرسە پاسىقلار ، نىگارغا ئاھ ، (مېنىڭ دەردىم... ) ، ئەلەمدە ئۆرتىنەر ، ئەمما قاچانمۇ ئويغىنار قەلبىم . ۋۇجۇد سەھراسىدا تەنھا ، تەپەككۇر ھەمراھىم بولسا ، تامام دۇردانىلەر سۈزسەم ، مىسلى ئوت بوپ يانار قەلبىم . دىۋانە قىلدى ئىشقىڭ ، يار مېنى دۈشمەنلىرىم ئىچرە ، كېتىپ چۆللەرگە مەجنۇندەك ، كۆكتە يۇلتۇز سانار قەلبىم . مېنىڭ زاھىتلىقىم يالغان تەپەككۇر باغىدا ، ئەمما ــ سۆيگۈ خارابىسى ئىچرە زاھىتقا ئايلىنار قەلبىم . مېنى « مەردانە » ئېيتقانلار - گۆرۈم كولاشقا تەيياردۇر ، « ھەقىقەت » تونىغا كىرگەن بۇزۇقلارنى ئۇرار قەلبىم . بولدى بەس ، سۆزلىمە ياشلىق قەلەم بورانلىرى بىرلە ، ھۆكۈم سۈرگەي دەۋرلەر ھەق ، جاكارلا: « ئويلىنار قەلبىم ! » . 2008-يىل ، 2 - ئۆكتەبىر [ يوللىغانئاتا تۈركتەرىپىدىن2008-10-04 09:17قايتا تە ] ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
nur65 | قەلەمكەش ئۇيغۇرا بۇ ئىككى غەزەل چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولغان نادىر ئەسەركەن.
مېنى « مەردانە » ئېيتقانلار - گۆرۈم كولاشقا تەيياردۇر ، « ھەقىقەت » تونىغا كىرگەن بۇزۇقلارنى ئۇرار قەلبىم . مۇشۇ بىر كوبلېت پۈتۈن مەركىزى ئىدىيەنى تولۇق ئىزاھلاپ بەرگۈدەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
EZHAD دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سۆزلىمە ، ياشلىق نىگارىڭ كەلمىسە -
بەر ئامانەتنى مۇندا ، پەرماندا ئۆل . ھەقىقەتەن ناخشى يىزىپسىز.ئەسلىدىمۇ بىز گە مۇھەببەت ،سۇيۇشلەر ھازىرچە ماس كەلمەيدۇ. تۇرمۇش بىزنى شۇ رىتىمغا سالىدۇ.ئۇيۇم،خىزمىتىم،بالام،.......ياكى يىتىم بالا،تۇل ئايال قالىدۇ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
nurdun مۆلجەر تاغ ئوغلى | ئالامەت يازىدۇ جۇمۇ بۇ ئىنىم.غەزەل دىگەن قۇلىڭىزدا بۇلبۇلدەك سايراپ كىتىدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamatjan786 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جاننى كويدۇرگەن بۇدەرتنى كىمگە ئەيلەرمەن ئايان،
تەييارلاندى تېۋىپمۇ شۇدەم بولماققا راۋان، شۇنچەقىلساممۇ يەنە قىلدى يار ئوز گېپىنى، ئاخىرى كەتمەكچى بولدى قەست قىلىپ ئالماققا جان. _كەلىلە ۋە دېمىنە ياخشى يېزىپسىز! تىرىشىڭ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ياخشى يېزىپسىز .داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
munajat7 | ھارمىغايسىز ياخشى يىزىلغان شېئىركەن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURMAMAT01 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنى « مەردانە » ئېيتقانلار - گۆرۈم كولاشقا تەيياردۇر ،
« ھەقىقەت » تونىغا كىرگەن بۇزۇقلارنى ئۇرار قەلبىم . ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ! ياشاڭ ئۇيغۇر ئوغلانى !!!...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkman01 | ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ئىدىڭىزغۇتېما يوللىمايمان دەپ.
قەلىمىڭىز يولقويماپتۇدە ................... | ||||
---|---|---|---|---|---|