| ||||||
baier دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خانىم ئېرىڭىزنى قايسى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدى..... ؟خانىم ، ئېرىڭىزنى قايسى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ خانىم ، ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ، پۇتۇنلەي باشقىچە ئادەم قىلىمەن ، دەپ ئويلىماڭ . چۇنكى ئەرلەرنىڭ بەزەن تەرەپلىرى مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدۇ . ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ؟ مېجەز _ خۇلقى : ئادەمنىڭ مىجەزى تۇغما بولغاچقا ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس . ئۇنىڭ سىزگە ئاچچىقلىنىش ھوقۇقى بار . لېكىن سىزنىڭ ؟ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىپ قويۇش ھوقۇقىڭىز يوق ، بۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن بەرداشلىق بەرسىڭىزلا ، ئۇنىڭ بۇ خىل مىجەزى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەسكويغا چۇشىدۇ . ھېسسىياتى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى : ئاياللار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلشى كېرەك . چۇنكى سىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سېھرىي كۈچىڭىزنى يوقاتسىڭىز ، ئۇ سىزدىن ئايرىلىدۇ . مانا بۇ ئەرلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرى . پۇل ۋە قىممەت قارىشى :ئەرلەرنىڭ پۇلنى تېپىشى ۋە خەجلىشى ئۇلارنىڭ ئادىتى . شۇڭا ئەرلەرنى پۇل خەجلەشتىن توسۇش _ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەرىبىر . خىزمىتى ۋە كەسپى : ئەرلەرگە نەسبەتەن ئېيتقاندا ، كەسىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى . شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشىنى توسىماڭ . "شىنجاڭ رادىئۇ - تېلىۋىزىيە گېزىتى" دىن ئېلىندى . ___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-07
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Arkam دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | [
بۇ ناخشىنىڭ ئىسمىنى قايسىڭىلار بىلىسىلەر؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atlan365 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتىمەن دىمەڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
malayisa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ تىما نايىتى ياخشى يېزلىپتۇ بولسا بۇنىڭ دىن كىيىنمۇ مۇشۇندا ياخشى تىمىلارنى كوپلاپ يېزىپ تۇراسىز بۇ تىمىنى يازغىنىڭىغا كوپ راخمەت ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەنغۇ توي قىلمىغان ھا ھا ھا .......كىيىن ئاللاھ خالىسا توي قىلسام ...مۇشۇ سۆزلىرىڭىزنى يادىمدا چىڭ ساقلايمەن ...
كەلگۇسى ئېرىمنى ھەرگىز .ئۇندا دەپ قىينىمايمەن رەھمەت سىزگە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
IMPERATOR دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەڭ ياخشىسى چىقىشىپ ئۈتۈش كىرەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1212adiba دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بولۇپمۇ مىجەز خۇلقىنى ئۆزگەرتىش مۈمكىن ئەمەس، توغرا دەپسىز ،مەن بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن مۇشۇ سەۋەپلىك سوقۇشۇپ قالدىم ئەمەسمۇ،،، خوتۇن كۆرگەن بولسىدە بۇتىمىنى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | ئەر _ خۇتۇن ئەڭ ياخشىسى بىر _ بىرىنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي ، بىر _ بىرىنى قوللاپ ، ئۆزئارا چۈشۈنۈشۈپ ،بىر - بىرىگە يول قۇيۇپ ياشاشنى ئۈگۈنۈۋېلىشى كىرەك .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
lutun0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاخىرقى شەپەقتە يۈتۈپ كىتەمسەن؟
بەك ئېسىل .....................بۇ بەكمۇ ياخشى تىما بۇپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
najmela دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەڭ ياخشىسى ئوز ئارا يول قويوپ ئوتوش كىرەك ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | ياخشىسى سىز ۋھ مەن باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
رازىيە دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قانداقسىگە بىر ئادەمنىڭ بەزى تەرەپلىرنى يەنە بىرى ئۈزىگەرتىمەن دىگىلى بۇلىدۇ.كۈنلاردا قان بىلەن كىرىگە خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ!بۇنىڭ مەنسى بىزىگە ئېىق بىر جاۋاپ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nihmat1123 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئەر _ خۇتۇن ئەڭ ياخشىسى بىر _ بىرىنى ئۆزگەرتىمەن دىمەي ، بىر _ بىرىنى قوللاپ ، ئۆزئارا چۈشۈنۈشۈپ ،بىر - بىرىگە يول قۇيۇپ ياشاشنى ئۈگۈنۈۋېلىشى كىرەك .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|