| ||||||
baier دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خانىم ، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىنىڭ سىزگە قانداق ......خانىم ، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىنىڭ سىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىنىڭ مىجەز _ خارەكتىرى ۋە ئايالىغا تۇتقان پوزىتسىيىنىڭ ئايالىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . ** جىمغۇر ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەن ئاياللار دائىم غەمكىن .چۈشكۈن يۈرۈيدۈ . يەنى تېرىسى يىرىك ، داغ كۆپ بولۇپ ، چىرايى خۇنۈك كۆرۈنىدۇ . ** قوپال ، مىجەزى ئوسال ، كۈنلەمچى ، دائىم ئايالىنى ئەيىبلەپ ۋە تىللايدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ تېرىسىگە دائىم سېرىق كۈلرەڭ داغلار چۈشىدۇ ، چېچى ئاسانلا ئاقىرىشقا باشلايدۇ > ** ئوچۇق -يورۇق ، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ يۈز تېرىسى ناھايىتى سىلىق ،يۇمران بولىدۇ ، چىرايى دائىم نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ . ** تالاغا قارايدىغان ، دائىم ئۆيىگە قايتمايدىغان ، ئەمما باشقىلار ئالدىدا ئىنتايىن ئىناق ئۆتىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ يۈز تېرىسى ئاسان بوشاپ كېتىدۇ ، كۆز ئەتراپىغا ئوڭاي قورۇق چۈشىدۇ ، ئۇلار تېز ئورۇقلاپ ئاسان قېرىپ كېتىدۇ . «شىنجاڭ رادىئو - تېلىۋىزىيە گېزىتى » دىن ئېلىندى . ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-08
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
feride دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنىڭ خېلى ئاساسى بارئىكەن.مىجەز-خارەكتىرى ئوچۇق ،چىقىشقاق،ئىشلارنى يولىدا ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولسا ئادەم تەبىئىي ھالدا راھەتلىك ھېس قىلىدۇ.بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ئالاھىدە ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.شۇڭا ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NA-RIMA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راست شۇنداقمىدۇ؟ دىققەت قىلساق بولغىدەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BaSaR دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قۇرۇق گەپ. ناھايتى قاملاشمىغان تەتقىقاتكەن بۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Gulgina لوپنۇر قىزى | نەدىمۇ قاملاشمىغان بولسۇن ، مەن ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى مۇشۇ تىمىغا سىلىشتۇرۇپ باقتىم ، ئاساسەن دىگۈدەك شۇنداق چىقتى ، ئىلمى ئاساسى بولمىسا خەق تەتقىق قىلىپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرەمدۇ ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TIRIXQANBALA دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا دىققەت قىلساق بولغۇدەك ساۋاتلاركەن ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha516 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنچە تېرىنىڭ ئەر بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق،بۇ گەپلەرگە مەن ئىشەنمەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇنىڭ خېلى ئاساسى بارئىكەن.تۇرمۇشىمىزدا دىققەت قىلساق بولغۇدەك ساۋاتلاركەن ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
boran0995 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ دىگەندىكىدەك توغرا ئەمەسكەن ........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@DIL@ | ياخشىسى ھەممە ئادەم ئۆزىنى ياخشى كۆرسە ، ئۆزىنى ئاسراپ ئىرىنىڭ ئۇنداق ئىشلىرنى سۇرۇشتۇرمەسلىكى لازىم . شۇنداق قىلغاندا كىسەل بولۇپ كەتمەيدۇ ، ئورۇقلاپ ، قىرىپ كەتمەيدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|