| ||||||
baier دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | قانداق ئاياللار چاچ بويىسا بولمايدۇ ؟قانداق ئاياللار چاچ بويىسا بولمايدۇ ؟ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، چاچ بوياقلىرىنىڭ سۈپىتى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۇلدى . ئۇنداقتا قانداق قانداق ئاياللار چاچ بويىسا بولمايدۇ ؟ رېئاكسىيە قىلىدىغان ئاياللار : چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرى كۆپ خىل بىرىكمە ماددىلاردىن ياسالغان بولۇپ ، تېرىسىنىڭ سەزگۇرلىكى يۇقۇرى ئاياللار ھەرقانداق چاچ بوياقلىرىنى ئىشلەتسە قىلىدۇ . يەنى ئىككى كۈندىن تۆت كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا رېئاكسىيە قىلغانلىقى كۆرۈنەرلىك بىلىنىشكە بوشلايدۇ . شۇڭا ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سىناق قىلىپ ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن باشقىچە ئەھۋال بولمىسا ئاندىن ئىشلىتىشى كېرەك . تېرە ياللۇغى بار ئاياللار : تېرە ياللۇغى بار ھەمدە تېرىسى زەخمىلەنگەن ئاياللار چېچىنى بويىسا چاچ بوياق تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار تېرىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز ياشانغان ئاياللار : چاچ بوياقلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرى دۆلەت بەلگىلەپ ئۆلچەم ئىچىدە بولسا ،ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . شۇڭا ياشانغان ئاياللار سۈپەتلىك چاچ بوياقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى ، ئامال بار چاچ بويىماسلىقى كېرەك . بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : ئاياللار بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ، سەزگۇرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ . ئەگەر بۇ مەزگىلدە چاچ بويىسا ، سەزگۇرلىكىنى نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، چاچ بويقىغا ئوخشاش خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئامال بار ئۇچراشماسلىقى كېرەك . جەمەتى ئىچىدە راك كېسەللىكى بار ئاياللار : ئائىلىسىدە يامان خارەكتىرلىك ئۆسمە راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار ئامال بار چاچ بويىقى بىلەن ئۇچراشماسلىقى كېرەك . "شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە گېزىتى" دىن ئېلىندى . ___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-08
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
barna. دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىلىۋالدىم، رەھمەت سىزگە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PARIZAT0996 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurtax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قايسى كۈنى كەسپى ساغلاملىق تورىدا http://www.kaspi.cn ئۇزاق مۇددەت چاچ بۇيىسا راك كىسىلى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن . . . دىگەندەك يازما ئۇقۇۋىدىم ، چاچ بۇيايدىغانلار دىققەت قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ . . .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بىلىۋالدىم، رەھمەت سىزگە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuqkaq دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇرۇنراق بىلسەم چۇ .ئەمدى دىققەت قىلىمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|