| ||||||
ALi-music ئەلى ئاخنىياز | سەت گەپتىن چاچرىغان ئىلھامبۇ تىمىنى Naikon.x : ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-10-08)
ھورمەتلىك تورداشلار مەن بىر ئاددى مۇزىكانت . ناھىيە بازىرىدا كومپىيۇتېرمۇزىكا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن .يازغۇچى ياكى شائىرمۇ ئەمەس .تىل قابلىيىتىممۇ توۋەن . مىنى بۇگۇن شەبنەم مۇنبىرىدە مۇنداق ماقالىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان نە تەبىئەتنىڭ گۇزەل مەنزىرىسى .نە بىر ساھىپجامالنىڭ گۇزەل ھوسنى بولماستىن ، دۇكۇنۇم ئالدىدىن ئوتىدىغان ئوماق سەبى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققان ، ھەتتا بەزى چوڭ ئادەملەرمۇ بىلمەيدىغان سەت ئەپسانىۋى گەپلەر بولدى .
مىنىڭ دۇكۇنۇم مەلۇم بىر ناھىيە باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا . ئەتتىگەندە كەچتە چۇشتە ئىشىك ئالدىمدىن ۋىچىرلىشىپ ئوتىدىغان ئوماق بالىلارنىڭ ئاۋازى كۇندە 3 ۋاق بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىتىپ تۇرۇدۇ .ۋە ھەۋەس بىلەن ئۇلارغا قارايمەن . لىكىن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سەت گەپلەرگە قاراپ(بۇ گەپلەرنى مەن دىمەي) ھەتتا كەلگۇسىمىز دىن ھەتتا ئەمدى چوڭ بولىۋاتقان بالامدىن ئەنسىرەيمەن . بۇ بالىلار مۇشۇنداق سەت گەپلەرنى نەدىن تېپىپ ئوگىنىدۇ . بۇ گەپلەر ھەرگىزمۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئەمەس ئېنىقكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ، خۇلۇم خىوشنىلارنىڭ ، مەكتەپتىكى ئۇستازلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇگەنگەن . مەن كىچىكىمدە ئۇقۇغان ئىپتىدايى مەكتەپلەردىمۇ ئاتاڭغا سوز قايتۇرساڭ يامان بولىدۇ ، سەت گەپقىلساڭ ئاغزىڭغا يارا چىقىدۇ ، ئۇستاڭغا گەپ ياندۇرساڭ تىلىڭ گاچا بولىدۇ . ئوستەڭگە سىيسەڭ بىر يىرىڭ ئېقىپ كىتىدۇ ،دىگەندەك بىر مۇنچە ئىجتىمايى ئەخلاق قاراشلىرى كۇندە نەچچە ۋاق ھەتتا ئالىمىزدە قەدەمدە بىر دىيىلىپ تۇراتتى . ھازىرچۇ ؟ مائارىپ شۇنچىلىك تەرەققى قىلغان ، ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى شۇنداق يۇقۇرى كوتۇرۇلگەن مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا تەربىلەنگەن مۇشۇ باللارغا قاراپ ئۇلارنىڭ نە ئاممىۋى سورۇندىكى ئەخلاقى ،نە ئاتا ئانىسىنىڭ كۇزىگە ئالايماسلىقى ، نە خوشنىلارغا ئوز ئارا ياردەم قىلىشىدىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن . مۇشۇ توغۇرلۇق مۇمكىن بولسا مەكتەپكە كىرىپ مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ، ئاتا ئانىلار يىغىنىغا كەلگەن ئاتا ئانىلار غا توختىماي 5 كۇن سوزلىگۇم كىلىدۇ . ئەپسۇس مەندە ئۇنداق ھوقۇق يوق ئۇنداق پۇرسەتمۇ يوق . شۇ ڭا بۇ تۇگىمەس نۇتۇقلىرىمنىى قىسقارتىپ مۇنبەرگە تۇكۇشنى قارار قىلدىم . ناۋادا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمۇ سىنىڭ بۇنداق ھوقۇقۇڭ يوقكەن دەپ تېمامنى كومۇپ تاشلىمىسىلا ، بۇ سوزلۇرۇمنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تورغا چىقىدىغان بىرەر ئوقۇتقۇچى دوسلىرىمىز (مەكتەپ مۇدىرلىرى كورسە تېخى ياخشىتى) كۇرۇپ بۇ قوپال يېزىلغان ماقالەمدىكى ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللاېرنى ئويلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بىرىدىغان بىر تەكلىۋىم مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنى ئالگېبرادا بىرىنچى ، ئەدەبىياتتا بىرىنچى:گىراماتىكىدا بىرىنچى دەپ پەخىرلىنىپ يۇرۇۋەرمەستىن بىرىنچى بۇلۇپ ئىجتىمايى ئەخلاق قارىشىنى ئەڭ چىڭ تۇتساڭلا ، ئوز ئارا پاراڭلاشقاندا قانداق سوزلەرنى ئىشلىتىشنى .قانداق تەكەللۇپ قىلىشنى ،ئوخشىمىغان سوزلەرگە قانداق ئىنكاستا بولۇشنى ئۈگەتسەڭلار <<ئۇيغۇرتىلى يوقالمىسۇن >>دەپ توۋلىغان يۇز قۇرۇق شۇئارىڭلاردىن بۇنىڭ ئۇنۈمى ياخشى بولامدىكىن دەپ قارايمەن ئىككىنچى :كونىلاردا << ئالىم بۇلۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇشنى ئۈگەن >>دىگەن ھىكمەتلىك سوز بار . شوڭا بالىلارنى جەمەيەتكە خەلىق ئاممىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق چىقىشىپ ئۇتۇش توغۇرلۇق تەربىيە كوپرەك بىرىلسە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلەۇسىدە خىزمەت تېپىشى ۋە ياخشى خىزمەت قىلالىشى ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم ئاساس بولىدۇ دەپ قارايمەن . چۇنكى سىز تەربىيلەپ چىققانن بىر ئايرۇپىلان ھەيدىگۇچى ياكى ياكى مائارىپچى بولسۇن ئۇنىڭ غا يۇزچە دىپلوم يۇزچە ئۇنۋاننى ئېسىپ قويسىڭىز ئەدەپ ئەخلاقى گەپ سوزى جايىدا بولمىسا ئۇنىڭ مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك خىزمەت قىلالىشى ناتايىن. بۇنىڭ دەلىلى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ نۇرغۇن .مەسىلەن مىنىڭ بىر قانچە دوسلۇرۇم بار ئۇلار ناخشىچى ، ئاۋازىمۇ ياخشى ، مۇزىكىنىمۇ ئوبدان چالىدۇ . بۇلار غەلبە قىلالىدىمۇ ،ياق . ھەتتا بۇلاردىن ئاددى مۇزىكا چېلىش ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن غەلبە قىلغان نۇرغۇن دوسلۇرۇمبار ، لىكىن ئۇلار غەلبە قىلاممىدى سەۋەبى . ئۇلارنىڭ ئىجتىمەيى ئەخىلاق سەۋەيىسى توۋەنلىكىدىن ، چىرايلىق ئاۋازىنى نەدە ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكتىن باشقىلار ئۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا ھوزۇرلۇنۇش ئەمەس ھەتتا يوقىتە ئاۋۇ چوپچىنى ، ياكى زاباينى دەپ تىللايدىغان كۇنگە قالدى . مۇشۇ توغۇرلۇق تورداشلار سىلەرمۇ ئويلۇشۇپ كورسەڭلار مەكتەپلەردە بىرىنچى بۇلۇپ ئادىمىلىكنى ئەڭ چىڭ تۇتىدىغان مۇھىت بارپا قىلغىلى بولارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئاپتورى : ئوزەم . ئەلى مۇزىكا مۇنازىرىسىدىن www.illikdunya.com/bbs ___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-08
| ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
NURBEXI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كونىلاردا << ئالىم بۇلۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇشنى ئۈگەن >>دىگەن ھىكمەتلىك سوز بار . شوڭا بالىلارنى جەمەيەتكە خەلىق ئاممىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق چىقىشىپ ئۇتۇش توغۇرلۇق تەربىيە كوپرەك بىرىلسە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلەۇسىدە خىزمەت تېپىشى ۋە ياخشى خىزمەت قىلالىشى ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم ئاساس بولىدۇ دەپ قارايمەن .
مەكتەپلەردە بىرىنچى بۇلۇپ ئادىمىلىكنى ئەڭ چىڭ تۇتىدىغان مۇھىت بارپا قىلغىلى بولارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nigara616 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز ،،،،،
ھەم مۇھىم بىر نوقتا ئۇستىدە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىپسىز ..كەلگۇسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان شۇ كىچىك پەرزەتلەرگە ھەمىمىز كۆڭۇل بۆلەيلى .. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qakmakpiqan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | <مەكتەپلەردە بىرىنچى بۇلۇپ ئادىمىلىكنى ئەڭ چىڭ تۇتىدىغان مۇھىت بارپا قىلغىلى بولارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟>
بولماسمىكىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىم دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەجەپ ياخشى يۇللاپسىز بىزئاۋال بالارغا كىچىكىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆرۈپئادەتئەدەپ ئەخلاق قائىدە نىزاملىرىمىزنى ئۈگىتىپ جەميەتكە ھەقىقى ئۇيغۇر ۋارىسلىنى تەربىلەپ چىقارساق دەيمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munajat7 | راس ھازىرقى بالىلارنى بەك ئەقىللىق ،بەك زىرەك دەپ ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي ماختايمىز بىراق ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا بەك سەل قارايدىغان بوپ قالدۇق، بىز ئۆزىمىز بالىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىپ بەك ئەركە ئۈگۈتۈپ قويىۋاتىمىز، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئوقۇتقۇچىنى كۆرسەك دەرھال ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالاتتۇق ئەيمىنىپ، ھازىرقى بالىلىرىمىزچۇ،؟ بۇرۇن بىزگە چوڭلار گەپ قىلسا ۋە ياكى ئىشقا بۇيرۇسا بەجائىدىل ئورۇندايتۇق ھازىرقى بالىلىرىمىزچۇ؟
بولۇپمۇ جەنۇپ تەرەپتە بەكرەك ئىغىركەن بۇنداق ئەھۋال، مۇنداق دىگىنىم جەنۇپنى سۆككەنلىكىم ئەمەس ،مەن بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ شۇنى ھىس قىلدىم؛<<ۋاي غوجام ئۇنداق قىلمىسىلا دەيمەن، ھاجىم بالام تىژ تۇسىلا دەيمەن >> دەپ قويۇپ خاتىرجەم ئولتۇرۇۋىدىكەن بالىلىرى بولسا ئۆينى ئىچىپ يىپىۋاتقان توڭگۇز -توپۇق ئويناپ، غۇلجا تەرەپتىمۇ بار ئۇنداق كەپسىز بالىلار ئەمما ئاغزىنى ئۇندا ق سەت بۇزۇپ ئوينىمايدۇ ھەم بالىلارغا تەربىيەنى قاتتىغراق قىلىمىز گەپ ئاڭلايدۇ ، بىز ئۇنداق ؛<<غوجام بالام، ھاجىم بالام، خىنىم بالام>> دىمەيمىز بىراق شۇ ساقام دەپ ئانچە مۇنچە ئەركىلىتىپ قويىمىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
orhun36 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | دىمىسىمۇ ھازىر بەزى كىچىك بالىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆز ئادەمنى چۇچىتىدۇ،
بىراق <<ئۇيغۇر تىلى يوقالمىسۇن>> دەپ توۋلاپ تۇرغىنىمىز ياخشىمىكىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALi-music ئەلى ئاخنىياز | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىorhun36نىڭ2008-10-08 16:49يوللىغان : بىراق توۋلاۋەرگەندىن بالىلىرىمىزغا ئەمەلە ئۇگەتسەك ئاندىن يوقالمايدۇ | ||||
---|---|---|---|---|---|
pilanit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ سەبىي بالىلار زادى كىملەر تەرىپىدىن مۇشۇنداق سەت تېتىقسىز گەپلەرنى ئۈگەندى،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۈزىمىزدىن سورايلى،مەن شۇنداق گەپ قىلامدىم يوق،ئەتراپىمدا ئادەم بارمۇ يوق .قالغىنىنى تورداشلار ئۈزى ئويلاپ كۆرسە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MIMANAK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممە گەپ شۇ ئاتا ئانا بولغانلاردا دەپ غارايمەن .
ئۇ كىچىك نارىسىدە بالىلار نېمىنىڭ ئاق نېمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى بىلەمتى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sawda01 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن كوپ گەپكىلماي <شۇئارىمىزنى >تولىساق
ھەممىمىزدەيمىز پەقەت ئېغىزىمىزدا ئەمىلىيەتتە............................................... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun235 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بالىلار مۇشۇنداق سەت گەپلەرنى نەدىن تېپىپ ئوگىنىدۇ . بۇ گەپلەر ھەرگىزمۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئەمەس ئېنىقكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ، خۇلۇم خىوشنىلارنىڭ ، مەكتەپتىكى ئۇستازلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇگەنگەن .
***************************************************************************** يۇقارقى گىپىڭىزنىڭ قانداق ئاساسىي بار ، سىز كىمنىڭ ئۆز بالىسىغا يامان گەپ ئۆگەتكەنلىكىنى ، قايسى بىر كىشىنىڭ خوشىسىنىڭ بالىسىغا يامان گەپ ئۆگەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان . ئەڭ كۇلكىلىك بولغىنى مەكتەپتىكى ئۇستازلىرى ئۆگتىپتىمىش . سىز قايسى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يامانلىق ياكى يامان سۆز قىلىش ھەقىدە تەربىيە قىلغىنىنى ئاڭلىغان . مەن بۇرۇنمۇ بىر ئېيتقان . ئۆز ئەيىپىنى ئوقۇتقۇچىدىن ئىزدەيدىغان قالاق مىللەتتىن بىزدىن باشقىسى يوقتۇر بەلكىم . بىزدە مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنىڭ كەمچىلىكىدىن قالغان كۈنىمىز شۇ . ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنغان ، ھاقارەتلىگەن ئادەم ئادىمىيلىكىنى يۇقاتقان ھايۋان بىلەن باراۋەر . بىزدە دەل سىزگە ئوخشاش « ئىلھامى » تېشىپ كېتىپ توردا ، كوچا - كويلاردا داۋراڭ سالىدىغان ئادەم كوپ ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ، تەسىرىنى ئويلىشىدىغان ئادەملەر ئاز . ئۆزىڭىزمۇ سەت گەپتىن ئىلھاملىنىپ يازغان تېمىڭىزنىڭ ئاخىرسىغا « چوپچى » .... دىگەن بۇيۇك كىنايىلەرنى ئىشلىتىپسىز . مېنىڭچە بالىلار بۇنداق سۆزلەرنى دەل سىزگە ئۆخشاشلادىن ئۆگىنىدۇ . [ يوللىغانuqkun235تەرىپىدىن2008-10-08 17:57قايتا تەھ ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
SAYYAHI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممە ئىشنى ئاۋال ئۇزىمىزدىن ،ئەتراپىمىزدىن باشلىساق چۇقۇم كۆپ بولمىسىمۇ ئاز ،تىز بولمىسىمۇ ئاستا ئۇنۇمى بۇلدۇ .مۇشۇنداق ئۇنۇم بولسىلا نەتىجە ھاسىل بۇلاتتى ،بىراق .............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALi-music ئەلى ئاخنىياز | Quote:بۇ يازما16قەۋەتتىكىuqkun235نىڭ2008-10-08 17:50يوللىغان : دوستۇم سىز نى ئوقۇتقۇچۋىمىكىن دىسەم سىز ئوقۇتچىلىققا سالاھىتىڭىز 1000 يىلدىمۇ توشمىغىدەك كاللىڭىز بەزى سوزلەنى چۇشۇنىشىڭىز بەكلا ئاددىكەن .ناۋادا سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز مەن يۇقۇرىدا دەپ ئوتكەن باللار نەق سىزدەكلەرنى قۇلىدىن چىققان بولىدۇ . گىپىمنىڭ ئاساسى نى دەپ بىرەي بۇ يەردە ھىچقانداق ئوقۇتقۇچىنى كەمسىتىلگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس .ھىچكىم بالىسىغا سەت گەپ ئوگەتمەيدۇ بالىار سىزدەك گەپنىڭ ياىشى يامىنىنى چۇشەنمەيدىغان ئەتراپىغا باقماي سوزلەيدىغان ئادەملەردىن ئۇگەنمەي سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن چۇشكەندىلا ئاغزى مەينەت چۇشەمدا ؟ بۇ گىپىڭىزچە بالىلارنىڭ بۇنداق بۇلۇشىدا ئاتا ئانا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ھىچقانداق مەئۇليىتى يوقكەندە ئەمىسە دەپ بېقىڭە كىمدىن ئۈگۈنۈدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟سىزنىڭ ،بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز بولمىسا بالىڭىز سىزنىڭ مەينەت قوسىقىڭىزدىن چۇشكەندىلا ئاغزى مەينەت بوپقاپتىكەنما مەن ئوقۇتقۇچى ئۇتازلارنى ئاتا ئانامدەك ھورمەتلەيمەن . لكىن نەدىندۇر بىرنىمىلەرنى قىلىپ يۇرۇپ دىالومغا ئىرىشىپ ، مائارىپ ساھەسىگە كىرىۋېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قالپىغىنى كىيىپ ، سىزدەك بالىلارغا بىز ئۇگەتمىدۇق ئوزى ئۇگۇنۇپ تىكەن دەپ يۇرىدىغان ، ئاي توشسا مائاش ئالسىلا بولىدىغان مەكتەپ پۇتتۇرگەندە ئوقۇغۇچىسىدىن دىفلوم ئۇچۈن ئىپپىتىنى سورايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ھورمەت ئەمەس كوچىدا كورسەممۇ يۇزىگە بىرە تەستەك تەككۇيزۇپ قۇيۇشۇم مۇمكىن . ئەمدى سىز مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچى يوق، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى پەرىشتە دەڭە بولسا ئاندىن مەن يەنە جاۋاپ بىرىمەن [ يوللىغانALi-musicتەرىپىدىن2008-10-08 20:01قايتا تە ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
taxyolqi دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئېلى ئاغىنە توغرا دەيسىلە بالىلارنى ئەدەپ،ئەخلاقلىق تەربىيەلەشنى ھەممە ئاىلە ئۇزۇمىزدىن باشلايلى .
| ||||
---|---|---|---|---|---|