| ||||||
艾斯卡尔 | 2008-يىللىق روزا ھىيتلىق سەنئەت كىچىلكىبۇ يىللىقى روزا ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلكىنى كۆرەلمىگەن دوسلارغا . بولاپمۇ ئىچكىردىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قىرىىنداشلىرمىزغا سۇندۇم ..... 2008-يىللىق روزا ھىيتلىق XJTV_2 نىڭ .. 1-بۆلەك 2-بۆلەك 2008-يىللىق ئۇرۇمچىنىڭ روزا ھىيتلىق سەنئەت كىچىلكى 1-بۆلەك 2-بۆلەك ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
...yasir | ئالدى بىلەن مۇشۇ تورداشتىن سوراپ باقاي ، سىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ياكى مۇشۇ پروگراممىغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ توردا مۇشۇ سەنئەت پروگراممىسى تارقىتىش ھوقوقىنى ئۆتۈنۈپ ئالغانمۇ ؟
بۇ ئەسەرنىڭ ھوقوق ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ تورغا يوللىسىڭىز ئەسەر ھوقوقى قانۇنىغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ قارىسام مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەر قانداق تىمىغا «پاخ - پاخ» بىرەر قۇر ئىنكاس يىزىپلا ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ ئىلانىنى ئاستىغا قىستۇردىڭىز . مەقسىتىڭىز مۇشۇنداق قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنى تىت - تىت قىلىپ تىمىڭىزنى تەستىقلىتىش بولدى . بۇرۇن بىلمىگەن بولسىڭىز ھازىر بىلىۋىلىڭ ، سىزنىڭ بۇنداق ئەسەر ھوقوقى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ تورغا ئۈن - سىن بويۇملىرىنى يوللىغانلىقىڭىز ئەسەر ھوقوقى قانۇنىغا خىلاپ ، شۇنداقلا قىلمىشىڭىز ئېغىر بولسا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تىگىشلىك جىنايى جازاغا تارتىلىسىز . يۇقارقىسى مىنىڭ دوستانە ئەسكەرتىشىم . ئەلۋەتتە ، تورغا يولىمىغاندا ، ۋەتەنداشلارنىڭ ھوزۇرلىنالماي قىلىپ قىلىشى مۇمكىن ، دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن . بىراق قانۇنىغا خىلاپ قىلىش بەدىلىگە ۋەتەنداشلارغا ئاتالماش بۇنداق سوۋغا بىرىش توغرىمۇ ؟ ۋەتەنداشلارنى ھوزۇرلاندۇرۇش مەقسىتىڭىز ھەقىقى بار بولسا بۇنداق ئوغىرلىقچە ، قانۇنغا خىلاپ قىلىش ھەركىتى ھەم يولى بىلەن ئۇلارغا كۆرسەتمەي ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئاندىن تورغا يوللاڭ . بىلىشىمچە ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھوقوق ئىگىسى تېخى ھىچكىمگە ھوقوق بەرگىنى يوق . بۇنداق بولىۋەرسە ، ئەلۋەتتە تور ئەخلاقى بۇزۇلغان بىر تۈركۈم «تور قۇرتلىرى» مەيدانغا كىلىشى تەبىئى . تەۋسىيەم : مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان روزا ھېيتلىق سەنئەت پروگرامىىسىنى توردا يوللاپ ، تورنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرىدىغان قانۇنسىز شۇنداقلا تور ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىىشلار تورلىرىمىزغا كۆرىنەرلىك كۆپەيدى . بىز ئىچكىردىكى ئوغىرلىق - يانچۇقچىلىق ۋە ..... لىق قىلىۋاتقان مىللەتداشلىرىمىزنى توردا كۈچىمىزنىڭ بارىچە تەنقىد قىلىپ ھالىمىز قالمايدۇ . مانا مۇشۇنداق تور ئەخلاقىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان كىشىلەرمۇ بەلكىم شۇنداق تىللايدىغاندۇ . ئەجىبا بىزنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇقتىن - ئوچۇق قانۇنغا خىلاپ قىلىۋاتقان قىلمىشمىزنىڭ ئۇلاردىن نىمە پەرقى ؟؟؟ دەل مۇشۇنداق بىر نەچچىمىز ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن يۈزىمىزنى قويمايۋاتىدۇ . بۇندىن كىيىن تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا تور مەسئۇللىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەسەر ھوقوقى قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئاندىن تىما تەستىقلىشىنى ، يىنىكلىك قىلىپ ئۆزى مىڭ تەستە قۇرۇپ چىققان تور بىتىنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇنى 200-100 قېتىمدەك ئىنكاس سۈپىتىدە يوللانغان
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | مەن بۇنى تورغا يوللىمىغان ،.،،، مەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق .....
مەن بۇنىڭ ھىچ بىر يىردە بۇنى مەن يوللىغان دىمىدىم .... سەلكىن تورى يوللاپتىكەن .،، باشقىلارنىمۇ كۆرسۇن دىدىم .،،،،، مىنىڭ يەنە نىمە مەقسىتىم بولسۇن ... ھوقۇق دەپسىز ،.،، ئۇنداق بولسا توردىكى بارلىق ئەسەرلەرنى سىز باشقۇرالامسىز .،،،، سىز بۇنداق دەپسىز ..... ( دۆلىتىمىزنىڭ ئەسەر ھوقوقى قانۇنى ) سىز ئاللام sina.com 56.com youku.com غا كىرىپ بىقىڭ ... ئۇيەردە قانچىلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچىللىرمىنىڭ ئەسەرلىرى باركىن .... ئۇيەردە توسالمىغاندىن كىيىن .،،، سىز ئاستۇ باشقا ئىشقا باش قاتۇرۇڭ ..... مەن پەقەت باشقىلار پايدىلانسۇن دىدىم ..... مەن ئۆزەمنى تەشۋىق قىلىپ ئىلان ئىشلىمىدىم ئۇيەردە... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
oychan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ماۋۇ ياسىر دېگەن كالۋانىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى تۇتۇپ كېتپتۇ-دە؟ نېمە بوپتۇ ۋەتەن سىزتىدىكىلەر كۆرسە؟ قاينايدىغان ئىش بۇ ئەمەستى؟ قاراپ بېقڭە قانۇنسىزلىق ئەتراپىڭىزدا جىققۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yoloqe | بۇنى كۆرسەك قانۇنسىز بولمايدىغۇ؟~؟~
قانۇنسىز بولمىسا مەن كۆرەۋىرەي ئەمىسە~~~<تىما ئىگىسىگە رەخمەت!!~~> | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yu817 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىززىق گەپ بوپتۇغۇ بۇ ؟ نىمە ھوقۇقكەن ئۇ ؟ سىز بىرىپ سوراپ بىقىڭ ،ئۇلار شۇ ھوقۇقنى بىرەمدىكىن ؟ ئۇلار ئىنىقلا بەرمەيدۇ ،شۇڭا سوراشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkman01 | مەن شۇكېچىلىكتىكى لوپنورناخشىلىرىنى چۈشۈرىۋالسام بولاتتى .
كىم ياردەم قىلىدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
aynur505 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تېلىۋېزوردا بېرىپ بولغان سەتئەت كېچىلىك بولغاندىن كېيىن تورغا يوللىسا بولىۋېرىدىغاندۇ،قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دىگەن سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۈن-سىن بۇيملىرى ۋە سەتئەت كېچىلىكلىرىنى يەنى تېخى بازارغا سېلىنمىغان چاغدا تورغا يوللىۋەتسە ئاندىن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى يېتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkman01 | ئاتلاپ ئاتلاپ چىقىدىكەنغۇ بۇ نۇمۇرلار؟؟؟؟!!!!
مەن ئىزدىگەن لوپنور ناخشىلىرىمۇ يوق | ||||
---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | تېمىڭىزغا رەھمەت........................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|