ﺩﺭ.ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ' ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ
ﺩﺭ.ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ' ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
ﻣﺎﻧﺎﺑﯘ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺳﯚﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﺭ.ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻤﺪﯗﺭ.
ﺩﺭ.ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ `ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ` ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ، ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻫ ﻣﺎﺟﻨﯘﻥ، ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ، ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ، ﺑﯩﺒﻠﯩﺌﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺩﺭ. ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ 1918 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.
ﺩﺭ. ﺭﯦﻴﭽﯧﻞ ﻫﺎﺭﺭﯨﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.
درئرېيچېل ھاررىس خانىم يەنە ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى....
بىرقىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى!!!
[ بۇ يازما ئىليار تەرپىدىن2008-11-28 14:40دە قايتا ت ]