3§. يۈرەك سانجىقى
تۇنۇش:
يۈرەك مۇسكىلىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تۇمۇرلار كىرەكلىك قاننى قۇبۇلقىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن، يۈرەك مۇسكىلىغا قان يىتىشمەي، يۈرەك ساھەسى تۇتقاقلىق، شىددەتلىك ئاغرىش بىلەن بىرگە نەپەس سىقىلىش، قورقۇش بىلەن بىرگە بەدىنى ئاجىزلار ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندىغان كىسەللىك كۆپۇنچە دەسلەپتە ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق سۇغۇق مىزاج ئادەملەردە كۆپ كۆرلىدۇ.
سەۋەبى:
يۈرەك سانجىقى كەلتۈرۈپ چىىقىرىدىغان سەۋەپلەر كۆپ يەنى ھەرخل ھەزىم بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللەر كۆپ غەم-ئەندىشە قىلىش ،كۆپ ھاراق ئىچىش، كۆپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھەرخىل يۈرەك كىسەللىكلىرى، رىماتىزىم، چوڭ-كىچىك بۇغۇملار ئاغرىش قاتارلىق بەدەننىڭ دەسلەپكى مىزاجغا ماس بولمىغان غەيرى ئامىللار بەدەن ۋە يۈرەكنىڭ دەسلەپكى مىزاجىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىكىنى قۇبۇل قىلىپ تۇلۇقلاش، ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرىكىنى چىقىرىپ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇپ باشقىلارنى تەمىنلەش، ئۆزىگە كىرەكسىزنى قۇبۇلقىلماي قايتۇرۇش كۈچىلىرىنى ئاجىزلىتىشتىن سۇددە پەيدا قىلىش سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
يۈرەك مىزاجىنىڭ KYB5 كۈچلىرىنىڭ تۇلۇق بولماسلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يۈرەك ساھەسى تۇتقاقلىق سانجىلىپ ئاغرىيدۇ. تۇتۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە بىر ئىككى مىنۇت ياكى 10~15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. كىسەل تۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ئاغرىش كۈچلۈك بولغاندا، بىمارنىڭ يۈرەك ساھەسىنى بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك يۈرەك قاتتىق ئاغرىيدۇ, ئاغرىش سول مۇرە ،سول يۇقۇرقى بىلەكنىڭ ئىچكى تەرپىدىن تاكى نامسىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماققىچە تارقىلىش بىلەن ئاغرىقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار قۇسىدۇ، تەرلەيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، مۈچلىرى سۇۋۇيدۇ. تومۇرى ئاجىزلايدۇ. ئېغىرلاشقاندا نەپەس قىيىنلىشىپ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
داۋالاش ئۇسسۇلى:
يۈرەك مىزاجىنىڭ KYB5 كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ راۋانلاشتۇرۇشقا قايتا چارە قىلىنىدۇ بىمارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە يۈرەك ساھەسىگە خۇش پۇراق ئەتىر چېچىلىدۇ.
بابۇنى گۈلى،ئاق لەيلى گۈلى12گىرامدىن دورىلارنى خالتىغا سېلىپ قىززىتىپ يۈرەك ئۇدۇلىغا قۇيۇلىدۇ.
تانىكار، زەرچىۋە،12گىرامدىن، دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاق سەندەل ئەرىقىدىن 30مىللىلىتىر بىلەن قۇشۇپ، قازانغا سېلىپ، قىزىتىپ، يەرلىك ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ. زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا كىلىزما قىلىندۇ ياكى دورا سۈيىدە پۇت-قولى يۇيۇلىدۇ.
كۆڭۈل ئىلىشىش ئېغىر بولسا، ئاغرىق پەسەيگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇغا 50 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سىركە قۇشۇپ قۇستۇرلىدۇ.
قىزىلگۈل شەربىتىدىن 48 مىللىلىتىر ياكى دىنار شەربىتىدىن 48 مىللىلىتىرغا 120مىللىلىتىر ئەرەقى گۈلنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ئېلىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
يەل سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا، كىرەكسىز يەلنى ھەيدەپ چىقرىش ئۆچۈن بەدىيان بەش گىرام، ئەپتىمۇن ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان ئۈچ گىرامدىن، بۇ دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا چىلاپ سۈزۈپ، سۈيىگە 48مىللىلىتىر دىنار شەربىتى ياكى 48 گىرام گۈلقەنىت ئارىلاشتۇرۇپ يەتتە گىرام جاۋارىش كۇمۇنى بىلەن بىرگە ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ھەببى كەبىردىن كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى تالدىن تاماقتىن كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ئۈچ قۇشۇق ئەجىب ئەرەقى بىلەن 10مىللىلىتىر ئەبرىشىم شەربىتى قۇشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
ھىڭدىن 1. 0 گىرامنى بىردانە ئۇرۇقى ئىلىنغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىچىگە سېلىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ.
ئاغرىقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار ھۇشىدىن كەتكەن بولسا بىر گىرام جەدۋارنى قىزىل گۈل ئەرەقىگە چىلاپ، گالغا تېمىتىلىدۇ .
ئاق سەندەل ئۈچ گىرام، ئىپار ، زەپەر بىر گىرامدىن، ئەرەقى گۈل 60مىللىلىتىر.دورىلارنى ئەرەقلەرگە چىلاپ بىمارغا پۇرىتىلىدۇ.دارچىن ئىككى گىرام، ئۇد بىلسان، ئېگىر، زۇرۇمبات، مەستىكى ئۈچ گىرامدەن، دورىلارنى قىزىل گۈل ئەرەقىگە چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
ئەگەر بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا:
داۋائىل مىشكى مۆتىدىلدىن بەش گىرام ياكى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىردىن بەش گىرامنى كۈنىگە ئىككى قېتىم يېيىشكە بىرىلىدۇ.يۈرەكنىڭ ئاجىزلىشى كۆرۈنەرلىك بولسا 1. 0 گىرام ئەنبەر بىلەن 1. 0 گىرام ئىپارنى قايناق سۇ بىلەن ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىلدۇ.مۇپەررىھ ئەئىزەمدىن بەش گىرام ياكى مۇپەررىھ ياقۇتتىن بەش گىرامنى 120مىللىلىتىر قىزىلگۈل ئەرەقى بىلەن قۇشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ھەببى خاسنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، بىر دانىدىن تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.ئۇشەقتىن ئۈچ گىرامنى بىلسان يېغىدىن 36مىللىلىتىرغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا داكىنى چىلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
تەستە ھەزىم بولىدىغان يەل پەيدا قىلىدىغان، غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن، مەسىلەن قېنىق دەملەنگەن چاي، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتىن، غەم- ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، ياڭيۇ، ئۈندۈرمە، ماش، ياغدا پىشۇرۇلغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.
غىزاسى:
ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەردىن پاقلان گۆشى شورپىسى، كاكچا نان، بولكا، تۇخۇ گۆشى شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشىقا بېرىلىدۇ.
[ بۇ يازما kyb5 تەرپىدىن2008-12-07 12:38دە قايتا تەھ ]