yasiman
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 116
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
پۇل: 1160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-27
|
سىز چاشقان گۈشى يەپ باققانمۇ؟
سىز چاشقان گۈشى يەپ باققانمۇ؟..........بۇ يازما 2662 ھەرىپ. سىز چاشقان گۈشى يەپ باققانمۇ؟؟؟....ئككى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى قىززىق نوقتا ھەققىدە سۆھبەت پىراگىراممىسىدا.چاشقان بېقىش توغىرسىدا بىر خەۋەر قۇيۇلدى.بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.باشقا تورداشلارنى يوللامدىكىن دىسەم .يوللىمىدى شۇڭا ئۈزۈم يوللۇدۇم.
مۇخبىر چاشقان باققۇ چىلار بىلەن.چاشقان باقىدىغان يەرگە كىردى.ئۇيەردىكى چاشقانلارنىڭ چوڭلىقىدىن ھەيران قالىسىز.بىزنىڭ ئۆيدە باققان مۈشۈك بىلەن يەكمۇ -كەك ئېلىشسا بىر مىنۇتقا قالماي مۈشۈكنىڭ ئۇستۇخىنىنى قۇيۇپ قويغۇدەك دەرجىدە يوغان ئىكەن.لىكىن بەك سىمىز بولغاچقا ئانچە مىدىرلاپ كەتمەيدىكەن.
ئاندىن ئۇنى نىم بىلەن باقىدىغىنىنى كۆرسەتتى.ئۇلۇك ئىت.ئىشەك.چوشقا ئۈلىدىغان گوداڭدا ئاشقان چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەم تاماقخانلاردىن ئاشقان نەرسىلەرنى بىرىپ باقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىر ئۇلاردىن چاشقان بېقىپ نىمە قىلدىغىنىنى سورىدى.باققۇچى خېلى ئۇزۇنغىچە گەپقىلماي تۇرۋالدى.مۇخبىرنىڭ قايتا - قايتا سۇرىشى ئارقىلىق ئادەمنى چۈچۈتكۈدەك خەۋەر بەردى.
دەسلەپتە ئۇلار چاشقاننىڭ تىرىسىنى ئېلىش ئۈچۈن باقىدىغانلىقىنى.چاشقان تىرىسى ئەرزان ھەم پارقىراق بولغانلىقى ئۈچۈن بازىرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ كىيىم تىكىش ئۈچۈن سېتىۋالدىغانلىقى ئاساسى جەھەتتىن كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا ئشلىتىلدىغانلىقىنى دىدى.
ئانىدىن مۇخبىر يەنە چاشقاننىڭ گۈشىنى قانداق بىرتەرەپ قىلدىغانلىقىنى سورىدى.
چاشقان باققۇچى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشنى دىدى.
ئادەتتە چاشقان گۈشىدە خۇتچاڭ ياسايدىغىنىنى دىدى.
ئاندىن ئۇلار خۇيچاڭ ياسايدىغان يەرگە كىردى.ئۇيەرنىڭ مەينەتلىكىنى دىمەيلى قۇيايلى.!ئاندىن خۇيچاڭ ياساشنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈردى.ئاۋال تىرىسىنى شۇلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن قايناقسۇدا پىشۇرىدىكەن .ئاندىن پىشقان چاشقان گۈشىنى گۆش ئىزىش ماششىنىسىغا سېلىپ ئىزىدىكەن.چاشقانلارنى ئۇستىخانلىرى بىلەن يۇمشاق ھالەتكە كىلىدىكەن ئاخىردا ئۇنى ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىدىكەن ھەم ئۇنى تۇخۇ گۈشى تەملىكىگە تۇخۇتەمى چىقىرىش ئۈچۈن ئاز مىقتاردا جىرۇفۇن(تۇخۇتەمى تالقىنى)كالا گۈشى تەملىككە نىروفىن(كالا گۈشى تەمى تالقىنى)ئۇنۇڭ يەنە چوشقا گۈشى تەملىكلىرى باركەن........
ئاخىردا ھەممىسىنى ئارلاشتۇرۇىدىغان ماششىنىغا سېلىپ خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ ھوردا خېمىر ئارلاشتۇرۇلغان چاشقان گۈشىنى پۇشۇرىدىكەن.ھۇردا پىشقاندىن كىيىن ناھايىتى جىق بۇلۇپ كۆپۈپ پىشىدىكەن.ئاندىن يەنە بىر ماششىنىغا سالىدىكەن.يەنە بىر تەرەپتىن توملۇقى باش بارماقچىلىك ئۇزۇن-ئۇزۇن بۇلۇپ چۈشۈدىكەن.ئاندىن ئۇنى كەينىدىكى بىر مۇنچە ئاياللار ئۆلچەملىك كىسىپ بىرىدىكەن.يەنە بىر ماششىنا كەسكەنلەرنى ئاپتۇماتىك خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ئىتىپ چىقىردىكەن.شۇنداق قىلىپ بىز ھەم باللىرىمىزنىڭ يەيدىغان خۇتۇيچاڭ تەييار بۇلىدىكەن..
مەنبە؛قاشتېشى تورى.
سىلەرچە( مۇسۇلمانچە) دىگەننىڭ ھەممىسى ھالالمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئامال بار سىرتتىن تاماق.ھەرخىل ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى يىمەيلى دوسلا .ناراسىدە باللىرىمىزنىمۇ توسۇپ قالايلى.
ئۇيغۇر214 تەستىقلىدى __________!
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-15 11:56 |
| |