موڭغولىيىدىكى خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى:
خەنزۇچە خەتنىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا يېزىشقا پېتىنالمايدۇ
ئۇلانباتوردىكى ۋاقتىمدا بىر دوستۇم مېنى شۇ جايدىكى خەنزۇ پەرزەنتلەر مەكتىپىگە باشلاپ باردى.
ئۇلانباتوردىكى بۇ مەكتەپ شەھەرنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغىراق توغرا كېلىدىغان بىر جايدا ئىكەن، بۇ جاينىڭ نامراتلار رايونىغا ئۆتۈدىغان پاسىل جاي ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى، ئۇنىڭ جەنۇبىدا بىنا بار بولۇپ، شىمال تەرىپىدە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، ئاددىي ئۆيلەر بار ئىدى.
بۇ مەكتەپ قىزىل خىشتىن سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك چوڭ بولمىغان بىر بىنا، بىنا قورشىلىپلا ھويلا شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، تەنتەربىيە مەيدانىمۇ يوق ئىدى. سىرتتىن قارىسىڭىز ئۇنى مەكتەپ ئىكەن دېمەيسىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشىكىمۇ كۆرۈمسىز، مەكتەپ ۋېۋىسكىسىمۇ يوق، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى.
--- ئوقۇغۇچىلار نەدە پائالىيەت قىلىدۇ؟— سوئالىم سورۇنغا باپ كەلمىگەندەك قىلاتتى.
--- مەيدان بولمىغاندىكىن، پائالىيەت بولمايدۇ-دە!
بۇ ھال شېنجېندىكى ھەربىر مەكتەپتە دېگىدەك بار بولغان رەزىنكىلىك يۈگۈرۈش يولى بار تەنتەربىيە سارايلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرۈپ تۇراتتى.
مەكتەپكە كىرگەندە ئالدى بىلەن قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سېمونت ھەيكەل كۆزگە چېلىقتى: ئوغۇل بالا قولىدا نېمىنىدۇر تۇتۇۋالغان، قىز بالا كىتاب تۇتقان ئوڭ قولىنى يىراققا سۇنۇپ تۇرغان، ئۇلار ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاينىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىدى. ھەيكەلنىڭ تەگلىكىگە ئۇلانباتوردا كەم كۆرۈلىدىغان خەنزۇ يېزىقىدا:«مىللىي مەدەنىيەتنى جارىي قىلدۇرۇپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان ھەمدە ئاستىغا 2001-يىل دېگەن يىلنامى يېزىلغانىدى، بۇ ئىلھامبەخش جۈملىدە جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتى بار ئىدى.
--- بۇ مەكتەپ بىر جۇڭگو مۇھاجىرىنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلغان، --- دېدى دوستۇم.
--- ئۇنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىگە قارىماڭ، بۇ بىنانى سېلىشقا بەك كۆپ كۈچ كەتتى! موڭغولىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن قىيناۋاتقىنىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ، مەكتەپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىلتىماس قىلىش، كۆچۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقت كەتتى، ئاخىر قىيىندا بولسىمۇ بۇ ئىش رۇياپقا چىقتى!
--- مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل!--- دېدى دوستۇم خاتىرجەمسىزلەنگەندەك، گەرچە دۆلىتىمىزىدن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى كۈچى يەنىلا يېتەرسىز، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوبدان بولاتتى!
خەنزۇ مەكتەپتە روشەن چۈشكۈنلۈك بار ئىدى، بۇ يەردىكىلەر خەنزۇچە خەتنىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا يېزىشقا پېتىنالمايتتى، بۇ ھال مەندە خەنزۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش مۇھىتىغا قارىتا ئەندىشە پەيدا قىلىپ قويدى.
كېيىنكى بىرقانچە كۈندە، شۇ جايدىكى كورىيەلىكلەر ئاچقان ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەمەلىيەتتە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇتۇلىدىغان، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى كورىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىدىغان مەكتەپ ئىدى)غا باردىم، كورىيەچە خەتلىك ۋېۋىسكىلارنى ۋە يورۇق ئازادە سىنىپلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولاتتى، ئىختىيارسىز كۆڭلۈم غەش بولدى.
--- بىز ئۈچۈن تەشۋىق قىلىپ قويالامسىز؟ --- دېدى مۇھاجىر دوستۇم تۇيۇقسىز.
ھەي، ئەگەر ئۆزۈم موڭغولىيىدە قېلىشنى خالىسام، خىزمەت مەسىلەممۇ ھەل بولمامدۇ؟ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولالىشىمدا گەپ يوق، بۇ ئويدىن روھلىنىپ تۇرغاندا، دوستۇم ئەپسۇسلۇق بىلەن «تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، كەلگەنلەرنى ئەپقالماق تەس» دېدى.
مەكتەپكە بارغان ۋاقتىمىز بالىلار مەكتەپتىن تارىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، بىنادىن چىقىش بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرى بىلەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىپ كېتىشتى، يات ئەلدە مەن ئۆزۈمنى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مەلۇم شەھەردە تۇرغاندەك يېقىملىق تۇيغۇغا كەلدىم.
--- بىز ئۈچۈن تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ، بىزگە ئىئانە بېرىدىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر چىقىپ قالسا، مۇھىتىمىز ياخشىلىۋالايلى، --- دېدى دوستۇم ماڭا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ --- كەلگەنلەرنى ئېلىپ قالالىغىدەك بولۇپ قالسۇن! --- ئەمما مېنىڭ نەدىمۇ ئۇنچە تەسىرىم بولسۇن!
ئۇلانباتوردىكى خەنزۇلار ئۆزلىرىنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئەستىن چىقارمىغان ئىدى، بۇ دۆلەتتە ئۇلار كۈرمىڭ قىيىنچىلىققا، چەتكە قېقىشقا، قوغلىنىشقا ئۇچرايدىغان ناچار مۇھىتتا ياشايدۇ، يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئانا ۋەتەن ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمىگەن ۋە قوبۇل قىلىش خاھىشىنى ئىپادىلىمىگەن ئەھۋالدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى كۈچەپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
«دۆلىتىمىزدىكى چەت ياقا رايونلاردىكى نۇرغۇن مەكتەپنىڭ تېخى سىنىپىمۇ يوق، بالىلار تالادا ئوقۇۋاتقان تۇرسا!» دەپ ئويلىدىم مەن.
شۇنداقتىمۇ ئۇلانباتوردىكى خەنزۇ مەكتىپىدە، شۇ جايدىكى خەنزۇلارنىڭ روھىدىن تەسىرلەندىم، مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، «بالىلار چوقۇم جۇڭگوچە مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەيدىغان «جۇڭگولۇق»لاردىن سىز تەسىرلەنمەمسىز؟
گەرچە بۇ يەردىكى خەنزۇلار موڭغولىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ نېمە كارايىتى، پەقەت چاقناپ تۇرىدىغان «جۇڭگولۇقنىڭ قەلبى» بولسىلا كۇپايە!
مەن شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە، ياردەم قىلالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىسام، «چوقۇم مۇشۇ خەنزۇلار مەكتىپىگە ياردەم قىلىمەن» دېگەن ئىرادىگە كەلدىم.
خەنزۇچە مەنبە:
http://www.uighurbiz.cn/news/2008/1201/article_8188.htmlمەنبە: خاقانىيە تورى
www.hakaniya.com