(سىيىت نوچى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرگە رەددىيە)
ھازىرقى زامان تارىخىمىزدا ۋە ئەدەبىياتىمىزدا سىيىت نوچى ئىزچىل ھالدا ساۋاتسىزلىق ۋە نادانلىقنىڭ تىپى بولۇپ كەلدى، باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز تەرىپىدىن..... مەن ئىزچىل ئويلاپ كەلدىم: سىيىت نوچى «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى توشۇغان»مۇ دىيىلسۇن، ما فامىلىلىلىك ئۇنىڭغا «بۇ سېنىڭ ئۆلۈم خېتىڭ!» دىگەنمۇ؟ ئۇ خەتنىڭ زىنھار ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلمايدىغانلىغىنى ئېيتماي تۇرايلى، ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلغان ھالەتتىمۇ، ھەتتا سىيىت نوچى ساۋاتلىق، خەت تونۇيدىغان ھالەتتىمۇ بۇ خەتنى يىرتىپ ئوقۇش ئۇنىڭ خاراكتىرىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟! قېرىنداشلار!!! بىز ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنى ۋىجدانى جەھەتتىن ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ بىر توغرا يەكۈنگە كېلەلىشىمىز كېرەك! سىيىت نوچىنىڭ ھايات تارىخى توغرىسىدىكى داستاندىن مەلۇمكى، سىيىت نوچى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەركەكتەك ياشىغان، مەردۇ-مەردانىلەرچە ياشىغان، ھەرقانداق تەھدىتتىن ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ قورقۇپ قالمىغان ۋە تېز پۈكمىگەن! ئۇنىڭ «ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى يەتكۈزۈش» پاجىئەسىگە قانداقتۇر ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىغى، نادانلىغى ئەمەس بەلكى ئەينى دەۋر يۇرت باشلىرىنىڭ رەزىللىگى، ئىپلاسلىغى ۋە نامەرتلىگى سەۋەپچىدۇر! ھېلىغۇ ئۇ خەت باشقا تىلدا يېزىلغانكەن، ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىلغان ۋە سىيىت نوچى تولۇق ساۋاتلىق بولغان ھالەتتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ مەرت-مەردانىلىگى بىلەن بۇ خەتنى دۈشمىنىگە يەتكۈزگەن بولاتتى، چۈنكى ئەينى دەۋردە گەرچە ئىپلاس فىئودال سىنىپلار سىيىت نوچىنى ئۆزىگە «ئەشەددى رەقىپ، كۆزدىن يوقاتمىسا بولمايدىغان خەۋپلىك دۈشمەن» كۆرگەن بولسىمۇ، سىيت نوچى ئۆزىنىڭ مەرتلىگى ۋە ساددىلىغى بىلەن بۇ يوشۇرۇن خەۋپنى تونۇپ يىتەلمىگەن، دۈشمەننىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مەرت ئەركەك دەپ تونۇغان خالاس! ئۇنىڭ يەتكۈزگىنى مەيلى كونۋېرتقا قاچىلانغان خەت بولسۇن ياكى باشقا قىممىتى نامەلۇم بولغان ئورالما بولسۇن، سىيىت نوچىنىڭ خاراكىتىرى بويىچە ئېيتقاندا ئەلۋەتتە كۆز قىرىنى سالمىغان ھالدا مەنزىلىگە يەتكۈزەتتى، چۈنكى «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» ئۇنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ ساددا بولغان، ئۆزىمۇ شەرھىلەپ بېرەلمەيدىغان ياشاش مېزانىغا، ھايات پەلسەپىسىگە خىلاپ بولاتتى. ئەلۋەتتە دۈشمەن سىيىت نوچىنىڭ تەقدىرىگە ئاتالغان «خەت» نى سىيىت نوچىنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بايان قىلىپ يازمىغان ئىكەن، ئۇ «خەت» مەيلى قايسى يېزىقتا يېزىلغان بولسۇن، ھەتتا سىيىت نوچى ئالتە تىللىق تەرجىمان بولغان ھالەتتىمۇ ئۆزىنىڭ سەمىمىلىگى، مەرتلىگى بىلەن بۇ خەتنى يەتكۈزگەن بولاتتى..... مانا مۇشۇ نوقتىدىن قارىساق بىز سىيىت نوچىنىڭ ئۆز ئۆلۈم خېتىنى توشۇغانلىغىدىن نومۇس قىلىش، ئۇنى ئەيىپلەشكە ئەمەس بەلكى پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز. ئەمدى زامانىمىزدىن ئويلاپ كۆرەيلى: ئۆز تىلىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا زۆرۇر تىللاردىمۇ پىشقان زىيالىلىرىمىز ئىچىدە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ «ئۆلۈم خېتى»نى توشۇش ئەمەس بەلكى ئۆز قولى بىلەن يېزىۋاتقانلار بارمۇ-يوق؟! مۇشۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن لەنەتگەردى بولۇپ، ئاخىرقى ھىساپتا مەنىۋى جەھەتتە، ۋىجدانى جەھەتتە ئۆزىنىڭ «ئۆلۈم خېتى»نى يېزىۋاتقانلار ۋە «ماڭقۇرت»تەك ھاياتى بىلەن بۇ «ھۆكۈم»نى ئۆز قولى بىلەن «ئىجرا» قىلىۋاتقانلار بارمۇ-يوق؟! بۇ قىسقا يازمىنى ئوقۇغاندىن كىيىنمۇ سىز يەنە سىيىت نوچىنى «ساۋاتسىزلىق»، «نادانلىق»نىڭ تىپى سۈپىتىدە ئەيىپلەمسىز ؟!!! |