مەيلى ئەر بولسۇن ۋە ياكى ئايال بولسۇن ، شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئىسىدە چىڭ تۇتۇشى لازىمكى ، بىر - بىرگە سادىق بولىمەن - دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن كۈنلىرىنى ئۆز - ئارا تىلغا ئېلىشى مېنىڭچە بىر خىل بىمەنلىك . سىز ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەرگىزمۇ يولدىشڭىزنىڭ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرمەڭ ، يولدىشڭىز ئۆتمۈشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان شۇ مىنۇتلار گەرچە سىزنى بىر خىل رومانتىك مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلتۈرسە ، ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭ يۈرەك - باغرىڭىزنى خۇددى چۈمىلە چاققانداق بىئارام قىلىدۇ ، ئازاپلىنىسز . سىز ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ ئىلگىرى قانچە ئەر بىلەن مۇھەببەتلەشكىنى سۈرۈشتۈرۈپ سالماڭ ، چۈنكى بۇ ھەر ئىككىڭلار ئۈچۈن ئورونسىز چاقچاق ، خالاس . چۈنكى ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى مۇھەببەتلىشىش ئەركىنلىكى بولىدۇ .
[ بۇ يازما miskin928 تەرپىدىن2008-12-29 15:27دە قايت ]